• جۇڭگودىكى 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بايلارنىڭ رەت تەرتىپى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2016-12-28 03:49
  • جۇڭگودىكى 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بايلارنىڭ رەت تەرتىپى



    مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو تورى بىلەن «21-ئەسىر ئىختىساسلىقلار گېزىتى» «2016-يىلى جۇڭگودىكى 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بايلار رەت تەرتىپى» نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋاڭ سىسۇڭ ئالتە مىليارد يۈەنلىك مۈلكى بىلەن 2-ئورۇندا تۇردى، ۋاڭ چىچېڭ، ۋۇ يەن ئەر- خوتۇن 24 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك مۈلكى بىلەن 1-ئورۇندا تۇردى. ياش جەھەتتە، رەت تەرتىپكە كىرگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياش بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېشى جۈ سۈيۋېي بولۇپ، بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن.

    تۆۋەندىكىسى بۇ رەت تەرتىپتە ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرغان بايلارنىڭ تىزىملىكى:

    1. ۋاڭ چىچېڭ، ۋۇ يەن ئەر-خوتۇن، بايلىقى 24 مىليارد 500 مىليون

    ۋاڭ چىچېڭ 1980-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن.

    2013-يىلى، ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇۋاتقان ۋاڭ چىچېڭ ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلىنىپ، جېجياڭ خەندىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. 2012-يىلى، بۇ شىركەتنىڭ پېيى شېنجېندا بازارغا سېلىنىپ، ۋاڭ چىچېڭ 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ A پاي بازىرىدا پېيىنى بازارغا سالغان ئەمەلىي پايچىكقا ئايلانغان. ئەينى چاغدا شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولغان، ۋاڭ چىچېڭ شۇ چاغدا ئۈچ يىل ئىچىدە شىركەتنىڭ بازار قىممىتىنى 10 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2015- يىلى، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 20 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

    2. ۋاڭ سىسۇڭ، بايلىقى 6 مىليارد يۈەن

    ۋاڭ سىسۇڭ 1988-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلكىدىكى بېيجىڭ پۇسى كاپىتال شىركىتى 22 تۈرنى قاپلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز تۈر بازارغا سېلىنغان. 2016-يىلى بېيجىڭ پۇسى كاپىتال شىركىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بازار قىممىتى 6 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

    3. ۋۇ شىنخۇڭ، مېيتۇ شيۇشيۇ (美图秀秀)شىركىتى، بايلىقى 5 مىليارد 200 مىليون يۈەن

    ۋۇ شىنخۇڭ شيامېن شەھىرى شۇنداقلا فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن تىزىملىكىگە كىرگەن بىردىنبىر باي ھېسابلىنىدۇ، ئۇ 1981-يىلى تۇغۇلغان. 2001-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان. ئۇ دەسلەپتە چۈەنجۇدا بىر تور مۇلازىمەت شىركىتى قۇرغان، ئەمما ئىككى يىلدىن كېيىن شىركىتى ۋەيران بولغان. 2003-يىلى، 520.com تورىنى سېتىۋېلىپ، توردا دوستلىشىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمما ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە مەغلۇب بولغان. ھازىر، مېيتۇ كۆچمە تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەر شارىدىكى سانى 1 مىلياردتىن ئاشتى، ئابۇنتلار سانى مىليوندىن ئاشقان دۆلەت ۋە رايون 18 گە يەتتى، بۇ يىل ئۇنىڭ بايلىقى 5 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    4. چېن ئاۋ، جۈمېي يوۋپىن (聚美优品)گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتى، بايلىقى تۆت مىليارد 700 مىليون يۈەن

    چېن ئاۋ 1983-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ دېياڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، 16 يېشىدا سىنگاپورغا بېرىپ، جەنۇبىي ئوكيان تەبئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.

    2014-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۈمېي يوۋپىن گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتى ئامېرىكا نيۇيورك ئاكسىيە بازىرىدا بازارغا سېلىنىپ، 31 ياشقا كىرگەن چېن ئاۋ نيۇيورك ئاكسىيە بازىرىنىڭ 220 يىلدىن ئارتۇق تارىخىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ ئەڭ ياش باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا ئايلاندى. ھازىر جۈمېي يوۋپىن گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى بىر مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئۇ بۇ شىركەتنىڭ %40 پېيىنى كونترول قىلغان بولۇپ، بايلىقى 760 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (4 مىليارد 700 مىليون يۈەن) غا يېتىدۇ.

    5. خۇاڭ چاۋشى، سۈيۋېيگې سەنئەت سارىيىنىڭ خوجايىنى، بايلىقى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن

    خۇاڭ چاۋشى 1985-يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەنتوۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان، بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇخەي تارماق مەكتىپىدە ئوقۇغان. 2015-يىلى ئىككى قېتىم فوربېستا خەۋىرى بېرىلگەن، ئۇ ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ساۋاقدىشى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ مېڭىسىگە قان چۈشكەن ھەمدە شىركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان، بۇ يىل كېسىلى ياخشىلانغاندىن كېيىن يېقىن دوستىنىڭ ياردىمىدە تور ۋە كىنوچىلىق كەسپىگە مەبلەغ سېلىپ، يەنە بىر قېتىم فوكس نۇقتىسىغا ئايلاندى. مۈلكىمۇ شىددەت بىلەن ئېشىپ، ھازىر ئاز دېگەندىمۇ 3 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    6. فەن بىڭبىڭ، جۇڭگودىكى ئايال ئارتىس، كىنو-تېلېۋىزىيەگە مەبلەغ سالغۇچى، بايلىقى 860 مىليون يۈەن

    فەن بىڭبىڭ 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىنو ئارتىسى، مودا مۇزىكا ناخشىچىسى، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشىگۈچى. كىنو-تېلېۋىزىيە مەبلەغ سېلىش، ئېلان ئىشلەش، فىلىمغا چىقىش ھەققى، ئوبراز ۋەكىلى بولۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق 860 مىليون يۈەن بايلىق جۇغلىغان.

    7. جۈ سۈيۋېي، جۈ سۈيۋېي مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، بايلىقى 720 مىليون يۈەن

    جۈ سۈيۋېي جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭدېجېن شەھىرىدىن، 17 يېشىدا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن، 27 يېشىدا پېيى بازارغا سېلىنغان، جۇڭگودىكى 10 مۇنەۋۋەر ئايالنىڭ بىرسى، بۇلتۇر 10 مىليون يۈەنگە تاخىتىدىن ئارال سېتىۋېلىپ، 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان دۇڭ مىڭجۇ دەپ ئاتالغان، چولپان يولى پروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك باھالىغۇچىسى بولغان. كۆك نەقىشلىق ساپالدىن زىننەت بۇيۇمى ياساپ چولپانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئىلگىرى ياسىغان بىر دانە مارجىنى 10 مىليون يۈەنگە سېتىلغان.

    8. دېڭ چاۋ، جۇڭگودىكى ئەر ئارتىس، كىنو- تېلېۋىزىيەگە مەبلەغ سالغۇچى، بايلىقى 580 مىليون يۈەن

    دېڭ چاۋ 1979-يىلى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگودىكى ئەر ئارتىس، يۇمۇرىستىك ماھارەت ئورۇنداش ئىقتىدارى بىلەن نۇرغۇنلىغان كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرىغا قاتناشقان. دېڭ چاۋ بىر پەسىللىك پروگراممىغا قاتنىشىش ھەققى 30 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ رول ئالغان بىر قانچە كومىدىيەلىك كىنونىڭ بازىرى چىقىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ بايلىقى ئاللىبۇرۇنلا نەچچە يۈز مىليونغا يەتتى.

    9. ۋۇ گوجاۋ، سىبۇ گۇرۇھى، بايلىقى 520 مىليون يۈەن

    ۋۇ گوجاۋ 1986-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرىدە تۇغۇلغان، سىبۇ گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى، داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، سىبۇ گۇرۇھى شىنمېي پاي شىركىتىنى قۇرغان، شىنمېي پاي شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى ئۈچ بۆلەك پاي بازىرىدا پېيىنى بازارغا سالغان تۇنجى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ بايلىقى 520 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

    10. جاۋ لىيىڭ، جۇڭگودىكى ئايال ئارتىس، مەبلەغ سالغۇچى، بايلىقى 390 مىليون يۈەن

    جاۋ لىيىڭ 1987- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگودىكى ئايال ئارتىس. كىنو- تېلېۋىزىيە مەبلەغ سېلىش، ئېلان ئىشلەش، فىلىمغا چىقىش ھەققى، ئوبراز ۋەكىلى بولۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق 390 مىليون يۈەن بايلىق جۇغلىغان.


    مەنبەسى :نۇر تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇشى مۇقىملاشتى

    1970-01-01 08:00

  • لىۋېرپولنىڭ بەش چوڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاجىزلىقى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو ھەل قىلغۇچتا تۈرلۈك رېكورتلارنى بۇزۇشنى نىشانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: خانلىق مادرىد تەجرىبىلىك، بىز ھەل قىلغۇچتا ئۆتمۈشنى ئويلىمايمىز

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: سالاھ ئىنتايىن قالتىس مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردى

    1970-01-01 08:00

  • چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۈچ كلاسسىك مۇسابىقىسى

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كوماندىغا ئايلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد زاپاس ئەزالىرىنىڭ قىممىتى لىۋېرپول زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد ئۈچ يىل مابەينىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 300 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان

    1970-01-01 08:00