• ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2016-12-29 11:13
  • ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟

     ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ. ﮔﻪﺭﭼﻪ, ﺋﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ, ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺳﻪ, ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ, ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﻮﭘﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ, ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ, ﺑﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ. 

    1. ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 2 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﭘﯧﻜﺴﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 1080P ﻟﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ, 1920*1080 ﭘﯧﻜﺴﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 2 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﭘﯧﻜﺴﯩﻠﻐﺎ ﺗﻪﯓ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ 1440*1080 ﻳﺎﻛﻰ 1280*720 ﻟﯩﻖ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﯩﻨﻰ 1080P ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ, ﺑﯘ ﺗﯩﻨﭻ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﯞﯨﺪﯨﺌﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

    ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ, 1080P ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. 1080P ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮﻯ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ, ﺋﯧﻜﺮﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺳﻪﺯﮔﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻩﻙ 2 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 70 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﯧﻜﺴﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﺎﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺋﻪﯓ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 3 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﭘﯧﻜﺴﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺳﻪﺯﮔﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺯﻩﻙ Ambarella A12 ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯘ 1296P ﻳﺎﻛﻰ 1080P ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﺎﺭﺗﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ, ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭ.

    2. ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﯘﻟﯘﯕﻰ. ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﯘﻟﯘﯕﻰ 100 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪﺭ ﻛﺎﭘﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 120 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﯘﺵ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. 140 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ SUV ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺎﻻﻳﺪﯗ.

    ﺷﯘﯕﺎ, ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭﻏﺎ 120 ﺩﯨﻦ 150 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 160 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ A ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. 

    3. ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ, ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﻧﯧﻞ, ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭼﻮﯓ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ, ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. 

    4. ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺩﻩﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ. ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﻪﻣﻤﺎ, ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻣﯘ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎ, ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﻼ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ 32G ﻟﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺗﯚﺕ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﻛﻪﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺗﻮﺷﯩﺪﯗ.

    ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ, ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻗﯘﻟﯘﭘﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ, ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    5. ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭺ. ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ, ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭺ ﺳﻪﭘﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ, ﺑﯘ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ,ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ, ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭺ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 

    مەنبەسى :شىنخۇا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك