• قايسى دۆلەتنىڭ ئاياللىرى ئەڭ چىرايلىق؟

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2016-12-29 10:48
  • قايسى دۆلەتنىڭ ئاياللىرى ئەڭ چىرايلىق؟

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى قايسى ئۆلكىنىڭ ياكى قايسى شەھەرنىڭ قىزلىرى ئەڭ چىرايلىق دېگەن بەس-مۇنازىرىلەر ئۈزۈلۈپ باقمىدى. بىراق، خەلقئارا نۇقتىسى بويىچە ئېلىپ ئېيتساق، قايسى دۆلەتنىڭ قىزلىرى ئەڭ چىرايلىقتۇ؟

    1. رۇسىيە

    رۇسىيەنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك كىلىماتى ئۇلارنىڭ ئاق يۈزلۈك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رۇسىيەلىك قىزلاردا ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئەڭ خاس ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن. يەنە كېلىپ، رۇسىيەدىكى تەنناز قىزلار ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، تاماقتىن پەرز تۇتۇش، ئۆز بەدەن قىياپىتىنى ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتراپلىق ماسلاشتۇرالايدۇ. شۇڭلاشمىقىكىن، ئۇلاردا ئۆزگىچە گۈزەللىك ئىپادىلىنىپ چىققان. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيەمۇ نۇرغۇنلىغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر مۇجەسسەملەنگەن دۆلەت بولغاچقا، گۈزەل قىزلارنى كۆپلەپ «ئىشلەپچىقىرىدۇ». ئالتۇن چاچلىق، زۇمرەت كۆزلۈك، قاڭشارلىق سىلاۋىيانلىقلار، تاشقى كاۋكازدىكى پارسلار سىبىرىيەدىكى جىمجىت ياشايدىغان موڭغۇللار، ئوخشىمىغان گېنلارنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن، ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىكنىڭ داۋاملىشىشى، رۇسىيەدە گۈزەل قىزلارنىڭ «ساماندەك» بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    2. فىرانسىيە

    تەقى-تۇرقى جەھەتتىن ئېيتقاندا، فىرانسىيەلىك ئاياللارنىڭ ھەم مۇكەممەل، ھەم نەپىس بەش ئەزاسى بولماسلىقى مۇمكىن، مودا جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت دەۋىر ئالدىدا «ئېتىلىپ» ماڭالىغۇدەك قۇربىتىمۇ يوق بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇلارنىڭ ئەجەللىك ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ، فىرانسىيە ئاياللىرىدا تەننازلىق، لاتاپەتلىك ۋە ئۇلارنىڭ قېن-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن فىرانسىيە ئۇسلۇبىدىكى رومانتىكىلىق ۋە جەزبىدارلىق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

    3. ھىندسىتان

    ئەڭ دەسلەپكى ئارىيان قان سىستېمىسىدىكىلەر بىلەن ھىندستان قان سىستېمىسىدىكىلەر نىكاھ مۇناسىۋەتنى ئورناتقاندىن كېيىن، بۈگۈنكى بىراخمانلار بىلەن شاترىيىلەر بارلىققا كەلگەن. كېيىن، ئاق تەنلىكلەرنىڭمۇ ھىندسىتانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بىلەن بارلىق ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئاسىيالىقلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئاق تەنلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تېرىسى تېخىمۇ زىل، ئاسان قېرىپ كەتمەيدۇ؛ ئاسىيالىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ بەش ئەزاسى ھەم ستېرېئولۇق ھەم يوغان كۆزلۈك ۋە تال-تال كىرپىكى ۋە ئەگمە قاشلىرى ئادەمنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.

    4. تايلاند

    تايلاند تارىخىمۇ كۆپ مىللەتلىك گېنى ۋارىسلىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. تايلاندلىق ئاياللار ئىنتايىن ئۈمىدۋار ۋە ئاكتىپ، ئۇلار ھەم تەبئىي ھەم سۈزۈك چىراي كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، «ئاياللار دۆلىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يەردە شەكلى ئۆزگەرگەنلەرنىڭ بەش ئەزاسى ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك بولۇپ، تېرىسىنىڭ ئېلاسىتلىكىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.

    5. بىرازىلىيە

    بىرازىلىيە بىر خىل ئىنتايىن ئەركىن تۈزۈلمىسىدىكى دۆلەت. بۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ تېرىسىمۇ ھەر خىل رەڭدە. ئاق رەڭ، قوڭۇر رەڭ، قارا رەڭ يەنە كېلىپ، ئارىلاش قانلىق گۈزەللەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەردىكى گۈزەل قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىندىيانلار بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ 3-خىل گېنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ئۇلاردا خۇددى تۇغۇلۇشىدىنلا ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك لاتاپەت ۋە زۆرۈر شەرتلەرنىڭ ھەممىسىلا مۇجەسسەملەنگەندەكلا شۇنچىلىك گۈزەل چىرايغا ئىگە.

    6. ئۇكرائىنا

    ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە مۇھىتىمۇ بۇ يەردە گۈزەل قىزلارنىڭ كۆپ بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. بۇ يەردە بىر يىلدىكى ئىللىق تېمپىراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، سوغۇق ھاۋامۇ بىر قەدەر ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. قۇياشنىڭ تىك چۈشۈش ۋاقتى ئاز، شۇڭا بۇ يەردىكى قىزلارنىڭ تېرىسىمۇ شۇنچىلىك ئاپئاق ۋە سۈزۈك. سۇ، تۇپرىقىمۇ ئىنتايىن يېقىشلىق بولۇپ، «بىر ئارتۇقچىلىق ئون كەمچىلىكنى ياپار» دېگەندەك، ئەسىلىدىنلا چىرايلىق قىزلار ئاق بولسا، ئۇلارنىڭ گۈزەل بولۇشىغا گەپ كەتمەيدۇ!

    مەنبەسى :toutiao.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك