• سامسۇڭ Galaxy S8يانفۇنى بىر كومپيۇتېرغا ئايلىنالىشى مۇمكىنكەن

  • يوللىغۇچى : گۈلنۇر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-01-26 01:56
  • سامسۇڭ Galaxy S8يانفۇنى بىر كومپيۇتېرغا ئايلىنالىشى مۇمكىنكەن

    بۇ ھەپتىدە ئامېرىكا تاۋار ماركا پاتېنت ئىدارىسى (USPTO)دىكىلەر بىر پاتېنتنى تەستىقلىدى، ئۇ بولسىمۇ سامسۇڭ Galaxy S8نىڭ بىر تۈرلۈك «مەخپىي قورالى». گەرچە بۇ قارىماققا غەلىتىرەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما Galaxy S8 (شۇنداقلا رىۋايەتلەردىكى Galaxy Note 8) يانفونى Samsung Dex ئارقىلىق بىر كومپيۇتېرغا ئايلىنالىشى مۇمكىن. سامسۇڭ «Samsung Dex» ناملىق تاۋار ماركا ئىلتىماسىنى تاپشۇردى، ئۇ ئېنىقلا بىر قىزىقارلىق مۇلازىمەت ياكى مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ. 

    USPTOدىكى تاۋار ماركا چۈشەندۈرۈلۈشىدە مۇنداق دېيىلدى: «كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېكرانىدىكى مەزمۇنلارغا ئىشلىتىلىدۇ، كومپيۇتېرنىڭ سىرتقى ئۈسكۈنىسىگە پىرويىكسىيەلەش ۋە سىمسىز تور ئىشلىتىش ۋاستىسى، كومپيۇتېر سىرتقى قۇرۇلمىسى، كومپيۇتېر سىمسىز تور خەۋەرلىشىش يۇمشاق دېتالى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى شۇنداقلا كونترول/ماسلىشىشچان ئابۇنتلار كۆرۈنمە يۈزى يۇمشاق دېتالى.»

    «ماسلىشىش» بىر ھالقىلىق سۆز، ئۇ، ئەقلىيفون Dex قا ئۇلانغاندىن كېيىن كۆچمە ئۈسكۈنىدە ئىشلىتىلگەن ئوخشاش UIنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 

    Galaxy Clubنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ Galaxy S8گە يەنە «Dex Station» ناملىق تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىنغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا Dex Station بۇ ئۈسكۈنىنىڭ نامى، Samsung Dex بولسا بۇ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ماركىسى بولسا كېرەك. 

    تۈنۈگۈنكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، Dex ئۈسكۈنىسىدىن سىرت سامسۇڭ Galaxy S8گە يەنە «Infinity Display» ناملىق ماركا ئېلان ئېلېمېنتىنى قوشىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يانفون رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن دەلىللىنىدۇ (سامسۇڭ بۇلارنى MWC 2017دا ئېلان قىلىشى ناتايىن).

    مەنبەسى :بېتا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك