• ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟

  • يوللىغۇچى : گۈلقىز
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-02-15 01:45
  • ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟

     

    يېقىنى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىستېمال ئەھۋالى جەمئىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال سەۋىيەسى ۋە مالىيە باشقۇرۇش ۋاسىتىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ يېقىندا، مائارىپ سانلىق مەلۇمات مەسلىھەت بېرىش ۋە باھالاش ئاپپاراتى مايكوس تەتقىقات ئورنى جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىستېمال ھەرىكىتىگە قارىتىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
    مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ ئوبيېكتى 2016-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، 1289 كىشىنىڭ جاۋابى ئانالىز قىلىنغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە چىقىمى 1212 يۈەن (ئوقۇش خىراجىتى، ئۆيگە بېرىپ-كېلىش كىراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولغان. %94 ئوقۇغۇچىنىڭ خىراجىتىنى ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، قالغانلىرىنى قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ پۇل تاپىدىكەن.
    تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ئىستېمالى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئىكەن. ئوغۇللار پۇلىنىڭ %31ىنى تورغا چىقىش ۋە ئالاقىلىشىشقا، %16ىنى ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارغا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، قىزلارنىڭ بۇ تۈرلەرگە سەرپ قىلىدىغان ئىستېمالىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7 ۋە %11 يۇقىرى بولغان. تاشقى قىياپىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئىستېمالى %38 بولۇپ، قىزلارنىڭكىدىن %24 تۆۋەن ئىكەن.

    مەكتەپ ئىچىدە يېيىلىپ كەتكەن پوسۇلكىلار دوكلاتتا ئانالىز قىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېخى جەمئىيەتكە قەدەم قويمىغان، كىرىم مەنبەسى چەكلىك بولغاچقا، مال سېتىۋالغاندا باھا ۋە سۈپەتكە بولغان تەلىپى ماركىغا بولغان تەلىپىدىن يۇقىرى بولغان، دېمەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇلنى ئېدىتلىق خەجلەشنى بىلىدىكەن.
    دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، %41 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۇرمۇش پۇلى كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىكەن ھەمدە ئازراق ئاشىدىكەن. %24 ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇش پۇلى ئانچە-مۇنچە يەتمەي قالىدىكەن، %8 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەمىشە يەتمەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى يەتكۈزەلمەسلىكى بىر تەرەپتىن، ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن، يېتەرلىك پۇل بېرەلمەسلىكى سەۋەبىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى پىلانلىق خەجلىيەلمەسلىكىدىن بولىدىكەن.

    دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %40 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرمۇش پۇلىنى پىلانلاپ ئىشلەتمەيدىكەن. تۇرمۇش پۇلى يەتمىگەندە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %43ى ئىستېمالدىن ۋاز كېچىدىكەن، %40ى ئاتا-ئانىسىدىن پۇل سورايدىكەن، %15ى دوستلىرىدىن قەرز ئالىدىكەن


    مەنبەسى :guancha.cn


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك