• ئۇچار ئاپتوموبىل ئالدىن زاكاز قىلىنىشقا باشلىدى

  • يوللىغۇچى : Damon
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-02-15 11:54
  • ئۇچار ئاپتوموبىل ئالدىن زاكاز قىلىنىشقا باشلىدى

    تاغ يوللىرىدا ئەگمە يوللارنىڭ كۆپلىكىدىن ئىچىڭىز پۇشامدۇ؟ يوللاردا ئاپتوموبىل توسۇلۇشتىن بىزار بولدىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ ماشىنىنى ھەيدىگەن پېتى ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتكۈڭىز كەلگەن ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ Jetsons ئەللىك يىل بۇرۇن ئۇچار ئاپتوموبىلنى پەرەز قىلغان ئىدى، بۈگۈنگە كەلگەندە پەن-تېخنىكىنىڭ بارغانسىرى تەرەققىي قىلىشى بىلەن، بۇ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىزغىمۇ ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى! «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرى موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئىگىلىرىگە بىر خۇش-خەۋەر ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىل دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا!

    كۆپ يىللىق جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، تېخنىكا، سۈپەت مەسىلىسى جەھەتتىكى قاتمۇ-قات قىيىن ئۆتكەللەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، PAL-V ئۇچار ماشىنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلغان. 2009-يىلى ۋە 2012-يىلى، ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئاللىقاچان ئوڭۇشلۇق ھالدا سىناقتىن ئۆتكەن، ھازىر بازارغا سېلىنغىنى بولسا سودىدا ئىشلىتىدىغان مەھسۇلات ئىكەن، باشقا ياسىغۇچى سودىگەرلەرگە ئوخشىمايدىغىنى PAL-V كوللىكتىپى تاللىغان ماتور، لايىھە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە بولۇپ، خېرىدارلار خاتىرجەم سېتىۋالسا بولىدىكەن.

    PAL-V بولسا ئىككى كىشىلىك، سۇدىمۇ قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان ئۇچار ئاپتوموبىل، 10 مىنۇت ئىچىدە ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتتىن روتىرلىق ئايروپىلانغا ئۆزگىرەلەيدۇ، تۆت كۇبلۇق ماتور ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 230 ئات كۈچىگە ئىگە قوش ماكانلىق ئاپتوموبىل ھالىتىدە سائىتىگە 180 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ، ھاۋادا 8 سېكۇنتتا سائىتىگە 97 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە يېتەلەيدۇ. ئۇچار ئاپتوموبىل كاربون تالاسى، تىتان ۋە ئاليومىندىن ياسالغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 680 كىلوگىرام كېلىدىكەن، زاكاز قىلىش باھاسى 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 2 مىليون 746 مىڭ يۈەن) ئىكەن.

    PAL-V ئۇچار ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەندە خۇددىي مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ھەيدەۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىدىغان بولۇپ، شوپۇرنىڭ تۇيغۇلىرىمۇ مول بولىدىكەن. بۇ شىركەت كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە PAL-V ئۇچار ئاپتوموبىلىنى چەكلىك ساندا ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى، ھەمدە ياۋروپا بىلەن ئۇچار ئاپتوموبىلغا ئىسپات ئېلىش ئىشلىرىنى كېڭەشىدىكەن، ئەگەر EASA CS 27 بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلسە، ياۋروپا بازارلىرىدا PAL-V ئۇچار ئاپتوموبىلىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا شىمالىي ئامېرىكا بازارلىرىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن PAL-V ئۇچار ئاپتوموبىلىنى بازارغا سېلىش پىلانلانماقتا.

    مەنبەسى :it.sohu.com/


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك