• باشنى پەس قىلىپ يانفون ئويناش بويۇنغا 25 كىلوگرام نەرسىنى ئېسىۋالغانغا باراۋەر

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-02-27 02:37
  • باشنى پەس قىلىپ يانفون ئويناش بويۇنغا 25 كىلوگرام نەرسىنى ئېسىۋالغانغا باراۋەر

    ياۋروپا ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، «يانفون بويۇن»لارنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك يېڭى بىر كېسەل تۈرى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر ئادەمنىڭ بېشىنىڭ ئېغىرلىقى 5 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. باشنى ئېگىپ يانفون قاتارلىق ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە قارىغاندا ئېغىرلىق كۈچى ۋە پىشاڭلىق رولىنىڭ تەسىرىدە بويۇندىكى مۇسكۇللارنىڭ 25 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. 

    «يانفون بويۇن» دېگىنىمىز باش ۋە بويۇننى ئۇزۇن مۇددەت ئالدىغا ئېگىپ تۇرۇپ يانفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە قاراش سەۋەبلىك بويۇن بىئارام بولۇش ۋە باشقا بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. 

    جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شاۋيىفۇ دوختۇرخانىسى ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى يانفونغا ئۇزۇن مۇددەت قارىغانلىقى سەۋەبلىك بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    بۇ باياناتتا، يەنە: «يانفون ھازىر ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىن دوستلارغا سوۋغا قىلىنىدىغان مۇھىم سوۋغىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەقلىيفون ئىشلەتكۈچىلەردە مۇھىم بىر مەسىلە، يەنى «ئۇچۇر بويۇن» مەسىلىسى كۆرۈلىۋاتىدۇ» دېيىلگەن. ياۋروپا ئورمۇرتقا كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىدىكىلەر «ئۇچۇر بويۇن» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولغانلىقىنى، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يانفون ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك بويۇن قىسىمىدا پەيدا بولغان ئاغرىقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باشنى ئۇزۇن مۇددەت پەس قىلىپ تۇرۇپ يانفونغا قارىغاندا، بويۇن ۋە مۈرە قىسىملىرىنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا بويۇن قىسىمى بىئارام بولۇش، ئاغرىش، قېتىشىش ۋە باش ئاغرىشقا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

    ياۋروپا ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش شىتابى شىۋېتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرىدە بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس ۋە بويۇن-ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن. بۇ ئورۇننىڭ باش كاتىپى توماس بلات بۇ خىل كېسەلنىڭ ياشلار ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەت ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنە ئىشلىتىدىغانلارنىڭ پات-پات ئارام ئېلىش، بويۇن ۋە مۈرە قىسىملىرىنى قەرەللىك ھالدا ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىدىكى يەتتە چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ ئەڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلىمىز

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىدنىڭ مىباپپېغا قارىغاندا نېيمارنى قوشۇۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق

    1970-01-01 08:00

  • ئىنېستا تېتىك ھالەتتە ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ 22-ئىيۇلدىكى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى مەدەنىيەت سارىيى يولى ۋاقتىنچە تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 6 ئۈزۈك يولدا قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00