• ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ

  • يوللىغۇچى : ئابلىكىم
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-03-06 03:06
  • ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ

    6-ﻣﺎﺭﺕ, ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻥ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ. ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﻰ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 1-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.

    ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎﯓ ﺯﯗﯕﻠﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ» ﻧﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ, ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.

    ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺗﻮﺭ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ, ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ, ﺋﯧﺴﯩﻞ 4G ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺶ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﻠﯩﭗ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻻ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻻﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﻤﯩﺰ, «100 ﻣﯧﮕﺎﺑﺎﻳﺘﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ, 1000 ﻣﯧﮕﺎﺑﺎﻳﺘﻠﯩﻖ ﺋﯜﻟﮕﻪ» ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

    ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ, ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ,ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ, ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ, ﻳﯧﺰﺍ ﯞﻩ ﭼﻪﺕ - ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ, ﺭﻩﻗﻪﻣﻠﯩﻚ ﮬﺎﯕﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ.

    ﮬﻪﻗﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ, ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺗﯧﺰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ, ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻛﻪﺳﭙﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ, ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ  ﯞﻩ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻤﯩﺰ, 1-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﮬﻪﻗﻘﻰ, ﻛﻪﺯﻣﻪ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ. ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﻤﯩﺰ.

    ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯘﻻﺵ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ. «ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ, ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ» ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ, «ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ, ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ» ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ.

    ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, «ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﺒﺎﻍ, ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ» ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ, «ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﺒﺎﻍ, ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ» ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ 64 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﻐﺎ 0.99 ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

    ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ: ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ, ﮬﻪﻗﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ, ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ, ﺋﯧﻘﯩﻢ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ,ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ, ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻼﭖ, ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

    1. ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﯩﻨﯩﭗ, «ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯗ». ﭼﻮﯓ-ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﮬﺎﻝ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ, ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ 100 ﻣﯧﮕﺎﺑﺎﻳﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ 200 ﻣﯧﮕﺎ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ, ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭﻧﻰ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ﮔﯧﮕﺎﺑﺎﻳﺖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ, ﮔﯧﮕﺎﺑﺎﻳﺖ ﺋﯜﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ «ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ, ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ» ﻗﺎ ﺗﯩﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ.

    2. 4G ﺗﻮﺭﻯ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ, «ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ». ﺩﻩﻝ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻗﯘﺭﯗﺵ, ﺳﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﻮﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ, ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺷﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﻤﯩﺰ, ﻗﺎﭘﻼﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﻤﯩﺰ, ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻤﯩﺰ, ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭ, ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﭼﻮﻗﻘﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ Mbps300 ﺗﯩﻦMbps600 ﻛﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﭗ, ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ, ﺗﻮﺭ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﻤﯩﺰ.

    3. ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﻪﻻﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﭖ, «ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ». ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ 2017-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ; ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻗﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ; ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭﻯ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ, 4G ﺗﻮﺭﻯ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ, ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ «ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ,ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﻗﻮﻟﻼﺵ» ﺗﻪﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺗﺎﻳﺎﻧﭽﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ, ﻛﻪﺳﭗ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ, ﻛﻪﺳﭗ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﯖﻰ, ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﻤﯩﺰ.

    ﻳﺎﺷﻼﺭ, ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ, ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ, ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ-ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﺎ.

    ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ» ﺩﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰ, ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺋﯧﻘﯩﻢ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ «ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺶ», «ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ» ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﮬﻪﻕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ, ﺋﯧﻘﯩﻢ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ «ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ»,«ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯜﮔﻪﺵ» ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ; ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ, ﺋﯧﻘﯩﻢ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ «ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ», «ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ» ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

    ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ,  ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ 100 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯘﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﭗ, ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. 2017-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 100 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻼﻧﺪﻯ.

    ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ, ﺋﻮﭘﺘﯩﻚ ﺗﺎﻻﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ, ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﺰﺍ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﭘﺘﯩﻚ ﺗﺎﻻﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﺎﭘﻼﺵ, ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻛﻪﻧﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﭘﺘﯩﻚ ﺗﺎﻻﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ %75 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ; ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯜﺯ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ «ﻣﯩﯔ ﻣﯧﮕﺎﺑﺎﻳﺘﻠﯩﻖ ﺋﯜﻟﮕﻪ» ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ, ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﻣﯩﯔ ﻣﯧﮕﺎﺑﺎﻳﺘﻠﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ, ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻛﻪﯓ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ, ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ 4G ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻮﺭﻯ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺗﻮﺭﻯ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺋﻮﺑﻮﺭﻭﺕ ﺗﻮﺭﻯ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ, ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ, ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭﻯ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪ ﺋﯘﻻﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ, ﺋﯚﺯ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ, ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ, ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻻ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﻤﯩﺰ, ﮬﻪﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﯘﭺ/ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ, ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺋﻮﺑﻮﺭﻭﺕ ﺗﻮﺭﻯ, ﺳﯩﻨﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭖ, ﮬﻪﻗﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻤﯩﺰ.

    ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯓ, ﺋﺎﯞﻣﯧﻦ, ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ, ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ, ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﮬﻪﻣﺪﻩ «ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﺒﺎﻍ, ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ» ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.

    ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﻮﺩﯨﻠﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ, ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ. 2016-ﻳﯩﻠﻰ, ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﻮﺩﯨﻠﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ, ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ, ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 6 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 300 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﺗﯧﺠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

    ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ, ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﻮﺩﯦﻠﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ, ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ, ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﭗ, «ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﺒﺎﻍ, ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ» ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

    ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﻮﺩﯦﻠﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ, 2017-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ, ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﯞﻩ ﻧﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

    ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ, ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ, ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﻝ, ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯚﻟﻪﺷﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ.

    ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﯘﭖ, ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ, ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ, ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻛﻮﭘﯩﺮﺍﺗﯩﭙﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ, ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ, ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻦ, ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺗﯧﺰ ﮬﻪﻡ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ; ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺗﻮﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ , ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ.

    مەنبەسى :ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺗﻮﺭﻯ


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇشى مۇقىملاشتى

    1970-01-01 08:00

  • لىۋېرپولنىڭ بەش چوڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاجىزلىقى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو ھەل قىلغۇچتا تۈرلۈك رېكورتلارنى بۇزۇشنى نىشانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: خانلىق مادرىد تەجرىبىلىك، بىز ھەل قىلغۇچتا ئۆتمۈشنى ئويلىمايمىز

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: سالاھ ئىنتايىن قالتىس مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردى

    1970-01-01 08:00

  • چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۈچ كلاسسىك مۇسابىقىسى

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كوماندىغا ئايلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد زاپاس ئەزالىرىنىڭ قىممىتى لىۋېرپول زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد ئۈچ يىل مابەينىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 300 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان

    1970-01-01 08:00