• iPhone 8 تارىختىكى ئەڭ قىممەت ئەقلىيفون بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-03-16 06:41
  • iPhone 8 تارىختىكى ئەڭ قىممەت ئەقلىيفون بولۇپ قېلىشى مۇمكىن


    ئالما شىركىتى iPhoneنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىگە ئاتاپ ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئەڭ يېڭى ئەۋلاد iPhone 8گە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تېخنىكىلار ۋە OLED ئېكران قاتارلىقلار بۇ يانفوننىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىشى ۋە بۇ ئامىل ئەسلىدىنلا قىممەت باھادا سېتىلىدىغان iPhoneلارنىڭ باھاسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىۋېتىشى مۇمكىن.

    يېڭى iPhone 8گە OLED ئېكراننىڭ سەپلىنىشى 3D Touch مودېلىنىڭمۇ يېڭىدىن ئەلالاشتۇرۇلۇشى زۆرۈرلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخنىكا تاراتقۇسى iPhonehacksتىن كەلگەن ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە يېڭى 3D Touch مودېلىنىڭ ياسىلىش تەننەرخى ئەسلىدىكىسىدىن %60 قىممەت بولىدىكەن، دېمەك مۇشۇ بىر نۇقتىدىلا iPhone 8نىڭ ياسىلىش تەننەرخى 15 ئامېرىكا دوللىرى، يەنى تەخمىنەن 105 يۈەن ئېشىپ كېتىدۇ دېگەن گەپ. ئالمىنىڭ پۈتكەن مەھسۇلاتقا باھا قويۇش ئەنئەنىسى بويىچە بولغاندا ئۇلار بۇ 105 يۈەن تەننەرخ ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ بۇنىڭ تۆت-بەش ھەسسىسى بويىچە باھا چاپلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا iPhone 8نىڭ ئېكرانى ھازىرقى ئېكراندىن OLED ئېكرانغا ئالماشتۇرۇلسا قايتىدىن ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولىدىغىنى يالغۇز 3D Touch ئىقتىدارىلا ئەمەس، ئەلۋەتتە.

    ئەمما ئالمىنىڭ ۋاكالىتەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىدىن كەلگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا يېڭى 3D Touch مودېلىنىڭ سېنزورلىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدە ئاندىن ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، دېمەك OLED ئېكرانلىق iPhone 8 بۇ يىل 9-ئايدىكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئۈلگۈرمەسلىكى مۇمكىن.

    ئالمىنىڭ نۆۋەتتىكى iPhoneلىرىغا بىردەك LCD ئېكران سەپلەنگەن، بۇ ئېكران يېڭى iPhoneغا سەپلەنمەكچى بولغان OLED ئېكرانلارغا قارىغاندا پۈتۈش تەننەرخى كۆپ ئەرزان. ئىلگىرى نۇرغۇن تاراتقۇلار «ئالمىنىڭ يېڭى ئەۋلاد iPhone 8 يانفونىنىڭ باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرى، يەنى تەخمىنەن 6900 يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن» دېيىشىكەنىدى. ھازىر بۇ مەسىلە ئاللىقاچان 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىش ياكى كەتمەسلىك ئەمەس، بەلكى قانچىلىك ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىگە ئايلانغاندەك تۇرىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن iPhone 8 ھازىرغا قەدەر بازارغا كىرگەن ئەڭ قىممەت ئەقلىيفون بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.

    مەنبەسى :سىنا تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك