• ئېرفاننىڭ موللاقچىلاپ كىرگۈزگەن توپى جۇڭگونى زىلزىلىگە سالدى

  • يوللىغۇچى : ئەنۋەر ئېزىز
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-05-23 03:35
  • ئېرفاننىڭ موللاقچىلاپ كىرگۈزگەن توپى جۇڭگونى زىلزىلىگە سالدى

    مۇخبىرىمىز ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلىدۇ: ئۆتكەن ھەپتە جۇڭگو تەنتەربىيە تور بەتلىرىدە ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان شۇنداقلا چېكىلىش نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغان كۆرۈنۈش، شۈبھىسىزكى ۋېنگىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ 19 ياشلىقلار خەلقئارا پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدىكى ئېرفاننىڭ موللاقچىلاپ تېپىپ كىرگۈزگەن توپى بولدى. ئۇنىڭ بۇ قىيىنلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان توپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى، خەلقئارادىكى ھەرقانداق بىر چولپاننىڭ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان موللاقچىلاپ سەكرەپ توپ كىرگۈزۈشلىرىدىن قېلىشمايتتى. شۇڭا بۇ توپ ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا پۇتبول سەھنىسىدە قاپقىغا چۈشۈرۈلگەن 10 چىرايلىق توپنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «پۇتبول دۇنياسى» پروگراممىسىدا كۆرسىتىلدى.

    ئۆتكەن ھەپتە چېڭدۇ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان 4-نۆۋەتلىك «مۈشۈكئېيىق لوڭقىسى» خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، جۇڭگو 19 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ۋېنگىرىيە 19 ياشلىقلار كوماندىسى تۇتۇشقان ئىدى. مۇسابىقە باشلىنىشىدىلا مۇداپىئەدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغان جۇڭگو ياشلار كوماندىسى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 13 مىنۇت بولغاندا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مانا بۇ توپ دەل شىنجاڭدىن تاللاپ قوبۇل قىلىنغان 13-نومۇرلۇق ھۇجۇمچى ئېرفاننىڭ موللاقچىلاپ سەكرەپ چىقىپ تەتۈر پەشۋا بىلەن كىرگۈزگەن توپى ئىدى.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو ياشلار كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا ئىككى قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلگەنلىكى ھەمدە تاكتىكا جەھەتتىن ھەقىقەتەن قارشى تەرەپكە تەڭ كېلەلمىگەنلىگى سەۋەبلىك، جۇڭگو كوماندىسى 4:1 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئېرفاننىڭ بۇ تەتۈر پەشۋاسى پۇتبول مەستانىلىرىمىزنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، ناھايىتى چوڭ تەسەللىي بولدى. ئۇ كىرگۈزگەن بۇ توپى ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭگودىكى نەچچە يۈز مىليونلىغان پۇتبول مەستانىسىنى ئۆزىگە قايىل ھەم مايىل قىلدى. ئەلۋەتتە، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇللۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان لىپپىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

    ئېرفان ئەمەلىيەتتە جۇڭگو 19 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ 26 كىشىلىك تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن تولۇقلاپ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا بۇ خۇشخەۋەرنى ماڭا يەتكۈزۈپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن توپ كىرگۈزۈش ئۈمىدى بارلىقىنى ئېيتقانىدى. جۇڭگو ياشلار كوماندىسىنىڭ بۇ تولۇقلىمىسى ناھايىتى جايىدا بولغان بولۇپ، گەرچە بۇ كوماندا ھەممە مۇسابىقىدە يېڭىلىپ، «مۈشۈكئېيىق لوڭقىسى» خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ناچار نەتىجىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئېرفاننىڭ بۇ تەتۈر پەشۋاسى جۇڭگودىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، كوماندىنى تېخىمۇ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن قۇتۇلدۇردى. 

    بەلكىم سىزنى ئېرفان كىرگۈزگەن بۇ توپ تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كەلگەنلىكىمۇ؟ ئۇ مۇشۇ توپى بىلەنلا پۈتۈن جۇڭگوغا تونۇلدىمۇ؟ ئۇ يەنە مۇشۇنداق توپلارنى كىرگۈزەلەمدۇ؟ ئۇمۇ بارىغا ئوخشاش بىر مەيدان مۇسابىقىدىلا تونۇلۇپ، كېيىن بارا-بارا كۆزدىن ساقىت بولارمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار چىرمىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا مەن ئېنىق قىلىپ جاۋاب بېرەلەيمەنكى، بۇ ھەرگىزمۇ تەلەي ئەمەس!

    ئېرفان ھېزىمجان 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى دۆربىلجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 13 يېشىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپى پۇتبول سىنىپىغا ئوقۇشقا كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ تېپىپ تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، 15 يېشىدىن باشلاپ

    جۇڭگو كوماندىسىغا تاللىنىشقا باشلىغان. ئۇ شىنجاڭ 16 ياشلىقلار كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان مەزگىلىدە، باش مەشقاۋۇل پەرھات ئەزىمەتنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە چېمپىيونلۇقنى قولىغا ئېلىپ، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەت چېمپىيونى بولالماسلىقتەك تارىخىغا خاتىمە بەردى. ئېرفاننىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولۇپ، پۈتۈن مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى كىرگۈزگەن 15 توپنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئۇ يالغۇز كىرگۈزگەن ھەمدە بۇ توپلىرى ئارقىلىق مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىرغا ئايلىنىپ «ئالتۇن كەش» كىيگەن.

    2016-يىلى ئۇ مەملىكەتلىك 17 ياشلىقلار پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جەمئىي 22 توپ كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىگە ئاساس سالغان. شۇ يىلى يەنە شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە، ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشۈپ، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، ئۇكرائىنادىن كەلگەن كوماندىلارنى ھەتتا جۇڭگو ياشلار كوماندىسىنى بىردەك يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشتىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېرفاننىڭ بۇ تەتۈر پەشۋاسى ھەرگىزمۇ تەلەيدىن كەلگەن ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى يەنى ھۇجۇمچىغا خاس چاققانلىقى، قارشىلىشىش كۈچى، ئورۇن ئېلىشى، بەدەن قۇۋۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن شەرت-شارائىتلارنى تولۇق ھازىرلىغانلىقى سەۋەبلىك، نەچچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل كۆزگە چېلىقىپ كېلىۋاتىدۇ.

     ئۇنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى ئۇ ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ناۋادا ئۇنى ياخشى، سىستېمىلىق تەربىيەلىسە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تازا باپ كېلىدۇ. مەيلى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولسۇن ياكى ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بولسۇن، ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى ئاساسلىق ئەزالار، توپ كىرگۈزۈش رەت تەرتىپىدە تۆردىن ئورۇن ئالغانلار بىردەك چەتئەللىك ماھىر بولۇۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە، ئېرفانغا ئوخشاش ھۇجۇمچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى، جۇڭگولۇق پۇتبولچىلارنىڭ يۈزىنى كۆتۈرىدىغان ئادەمنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئېرفان بىلەن مۇڭدىشىپ بىر ئىشقا بەكلا ھەيران قالدىم ھەم كۈلگۈم كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى سۆزلەپ بەرگەندە: «مەن ئۆز قىزىقىشىم بىلەن شىنجاڭ سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىگە كەلگەن 13 يېشىمدىن باشلاپ پۇتبول ئويناشنى باشلىغان» دېۋىدى، مەن قىزىقىپ: «ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەكتەپ كوماندىلىرىدا توپ ئويناپ باقمىغانمۇ؟» دېسەم، ئۇ مەيۈسلەنگەن ھالدا: «ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەھەللىلەردە توپ ئوينايتىم، ئەمما مەكتەپ كوماندىلىرى مېنى قوبۇل قىلمىغان» دەپ جاۋاب بەردى. ئېرفاننىڭ مۇشۇنداق تالانتى بار تۇرۇقلۇق، مەكتەپ كوماندىلىرىغا تاللىنالمىغانلىقى ھەقىقەتەن قىززىق ئىش بولدىدە. «ھەر ئىشنىڭ بىر ھېكمىتى بار» دېگەندەك، بەلكىم ئۇنىڭ مەكتەپ كوماندىلىرىغا تاللىنالمىغانلىقىمۇ ئۇنىڭ تالانتىنىڭ نابۇت بولۇپ كەتمەسلىكىگە سەۋەب بولغاندۇر. 

    ئۇ كىچىك ۋاقتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىچىكىمدىن پۇتبولغا قىزىقاتتىم، ئەمما ئاتا-ئانام بۇ تاللىشىمنى دەسلەپ تازا خالىمايتتى. مەن داۋاملىق يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇلارنى قايىل قىلدىم ھەم ئارزۇيۇم بويىچە شىنجاڭ سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلدىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەن شىنجاڭ كوماندىسىغا تاللىنىپ تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتىم. مەن بىرقانچە يىللىق تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ھازىرقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، جۇڭگو ياشلار كوماندىسىغا تاللاندىم ھەمدە كۆزگە كۆرۈندۈم. شۇڭا مېنىڭ ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم، باللىرىڭلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىڭلار، ئۇلارنى توسماستىن قوللاپ بېرىڭلار. بالىلارنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ قوللىشى بىرلەشسە چوقۇم نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ».

    ئېرفان ئەمدىلا 18 ياشتىن ئاشقان بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى تېخى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ دېسەك بولىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەن ئۈچۈن پەقەت بىر باشلىنىش، مەن ماڭىدىغان يول تېخى ئۇزۇن. مەن بۇ قېتىمقى پۇرسەتتە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزۈمنى يەنە بىر تونۇتۇش مەقسىتىمگە يەتتىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. قىزىقىشىغا چىن ئەقىدە باغلاپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدىكەنغۇ دېگەن ئىدىيەگە كەلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ ئولتۇرماي، داۋاملىق تىرىشىش ۋە جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق پۇتبول تېخنىكامنى، كوماندا ئەزالىرى بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن».

    ئۇ يەنە كېيىنكى پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ نۆۋەتتىكى پىلانىم بولسا، يېقىندا تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ياخشى نەتىجە يارىتىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش. بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن چەتئەللەرگە چىقىپ تەرەققىي قىلىش. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ بىرقىسىم دۆلەتلەردىكى پۇتبول كۇلۇبلىرى ماڭا شەپە بېرىۋاتىدۇ، ناۋادا مەن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىمەن، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىمەن دەيدىكەنمەن، چەتئەللەرگە چىقىشىم، داڭلىق كۇلۇبلاردا تەربىيەلىنىشىم ئەقەللىي ساۋات. شۇڭا بۇ قەدەمنى ماڭماي بولمايدۇ».

    شۇنداق، نۆۋەتتە جۇڭگو «تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئۈچۈن پۇتبولدىمۇ كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن چاقىرىقنى چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پۇتبول ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ماسلىشىش ئۈچۈن چوقۇم پۇتبولدا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆگىنىشىمىز، ئۇلار بىلەن مۇسابىقىلىشىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئېرفاندەك پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان مۇسابىقىلەرنى كۆپرەك ئوينىشىغا ھەمدە كەلگۈسىدە جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىشىغا تىلەكداشمىز.

    مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • رونالدو: ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ ئەڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلىمىز

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىدنىڭ مىباپپېغا قارىغاندا نېيمارنى قوشۇۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق

    1970-01-01 08:00

  • ئىنېستا تېتىك ھالەتتە ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ 22-ئىيۇلدىكى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى مەدەنىيەت سارىيى يولى ۋاقتىنچە تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 6 ئۈزۈك يولدا قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00