• شى جىنپىڭ ئاستانىگە يېتىپ باردى

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-06-08 05:56
  • شى جىنپىڭ ئاستانىگە يېتىپ باردى

    ئۇ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى، يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17–قېتىملىق يىغىنىغا ۋە ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئاستانىگە يېتىپ بېرىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى، ئۇ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17 – قېتىملىق يىغىنىغا ۋە ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

     شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئاستانا ‹‹خەلقئارا›› ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا قازاقىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاسقار مامىن قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. شۇ جايدىكى ياشلار شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئوتقاشتەك پاياندازنىڭ ئىككى يېنىغا رەتلىك تىزىلىپ قارشى ئالدى.

     شى جىنپىڭ قازاقىستان خەلقىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ تاغ – دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، دوستانە قوشنا دۆلەتلەردۇر، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى سىجىل چىڭىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. جۇڭگو – قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزدى. بۇ، مېنىڭ قازاقىستاننى ئۈچىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشىم، زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ بىلەن بىللە جۇڭگو – قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، جۇڭگو – قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك – ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

     شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ھەم رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كېڭىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

     شى جىنپىڭ ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

     ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا بىللە باردى.

     ئاستانىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 14 – قېتىملىق دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇيمۇ ئايروپورتقا چىقىپ قارشى ئالدى.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇشى مۇقىملاشتى

    1970-01-01 08:00

  • لىۋېرپولنىڭ بەش چوڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاجىزلىقى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو ھەل قىلغۇچتا تۈرلۈك رېكورتلارنى بۇزۇشنى نىشانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: خانلىق مادرىد تەجرىبىلىك، بىز ھەل قىلغۇچتا ئۆتمۈشنى ئويلىمايمىز

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: سالاھ ئىنتايىن قالتىس مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردى

    1970-01-01 08:00

  • چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۈچ كلاسسىك مۇسابىقىسى

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كوماندىغا ئايلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد زاپاس ئەزالىرىنىڭ قىممىتى لىۋېرپول زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد ئۈچ يىل مابەينىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 300 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان

    1970-01-01 08:00