• ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺳﯩﺠﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ

  • يوللىغۇچى : ئادىلجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-08 12:01
  • ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺳﯩﺠﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ

    2017-ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﺪﻯ. ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ, ﻳﺎﯞﺭﯗ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ; ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ, ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻱ, ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯩﻘﺴﯩﺰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 

    ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﭘﯘﻝ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ (IMF) ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﺍ, ﺑﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﯨﻨﻰ 0.1 ﭘﯩﺮ ﺳﻪﻧﺖ ﭘﻮﺋﯧﻨﺘﺘﯩﻦ %3.5 ﻛﻪ ﺗﻪﯕﺸﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ 20 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ IMF ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﮬﯚﻛﯜﻣﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. 

    ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺭ ﻣﺎﺱ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﯩﻠﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ 

    ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪﺍ, ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ, ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ, ﻳﺎﯞﺭﯗ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﺎﺱ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. 

    ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ, ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ, ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﺪﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ % 70 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 1-ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﻩ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ %1.4 ﺋﯧﺸﯩﭗ, ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﺩﯨﻜﻰ %1.2 ﺗﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ, ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ 2-ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ 1-ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

    ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺗﺮﺍﻣﭗ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ %3 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺟﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺶ, ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ, ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﻮﺷﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻥ. IMF ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ: ﺗﺮﺍﻣﭗ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺘﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺑﯘ ﻳﯩﻞ, ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ %2.1 ﻛﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﺩﯨﻦ %2.3 ﯞﻩ %2.5 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ. 

    ﻳﺎﯞﺭﯗ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ, ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 1-ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﻩ ﻳﺎﯞﺭﯗ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﯩﺴﻰ %0.6 ﺋﯧﺸﯩﭗ, ﺑﯘﻟﺘﯘﺭﻗﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %1.9 ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ. ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪ,ﻳﺎﯞﺭﯗ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯧﺸﯩﺸﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎﯞﺭﯗ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. 

    ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ 2006-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﻯ. ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 1-ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ %2.2 ﺋﯧﺸﯩﭗ,ﺋﯘﺩﺍ ﺑﻪﺵ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﯧﺸﯩﺸﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ, ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯜﺯﯛﻝ-ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻱ, ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﻛﯚﭖ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ, ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ, ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 

    ﺟﯘﯕﮕﻮ-ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﯧﺸﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺪﻯ

    ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﺪﻯ. ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﺘﻰ, ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺮﺍﺯﯨﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯩﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ, ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮬﻪﺟﯩﻤﺪﻩ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺪﻯ. 

    ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 1-ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﻩ, ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ %6.9 ﺋﯧﺸﯩﭗ , ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 0.2 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﭘﻮﺋﯩﻨﺖ ﺗﯧﺰﻟﯩﺪﻯ, ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ, ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﺪﻯ. ﺷﯘ ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﻩ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ %6.1 ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ, ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﺎﺝ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ, ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻨﺸﯩﭽﻪ, ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﭘﻮﺋﯩﻨﺘﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. 

    ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺮﺍﺯﯨﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ. IMF ﻧﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭽﻪ, ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ , 2017-ﻳﯩﻠﻰ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ %1.4 ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﺮﺍﺯﯨﻠﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﺷﻨﯩﯔ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ % 0.2 ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. 

    ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﺎﺗﻮﺭﻯ. IMF ﻧﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %6.4 ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻼﭖ % 2.6 ﻛﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ, ﺳﺎﺧﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ % 2.6 ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ. ﻻﺗﯧﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﺏ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﻣﯩﻨﻮﺱ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﯩﺪﻩ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, % 1.1 ﺋﯧﺸﯩﺶ ﮬﻪﺟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ. 

    ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺳﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ 

    ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﯕﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﻨﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. 

    ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ, ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺧﻮﯓ ﭘﯩﯖﻔﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺳﻮﺩﺍ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ.

    ﺗﺮﺍﻣﭗ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﺎ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ, ﺗﺮﺍﻣﭗ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮﻻﺕ-ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ, «ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ» ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭽﻪ, ﭘﺎﺕ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 20 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ, ﺗﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. 

    ﻗﻪﺭﺯ ﺧﻪﯞﭖ-ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ, ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ, ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ, ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﻗﻪﺭﺯﻯ, ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻗﻪﺭﺯ ﻛﯚﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ,ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺭﺯ ﺗﯚﻟﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﻗﻪﺭﺯ ﺧﻪﯞﭖ-ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ. 

    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ, ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻛﻪﻳﻨﻰ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ, ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺧﯩﻴﯩﻢ-ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭘﻼ ﻗﺎﻟﺴﺎ, ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. 

    مەنبەسى :شىنخۇا تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇشى مۇقىملاشتى

    1970-01-01 08:00

  • لىۋېرپولنىڭ بەش چوڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاجىزلىقى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو ھەل قىلغۇچتا تۈرلۈك رېكورتلارنى بۇزۇشنى نىشانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: خانلىق مادرىد تەجرىبىلىك، بىز ھەل قىلغۇچتا ئۆتمۈشنى ئويلىمايمىز

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: سالاھ ئىنتايىن قالتىس مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردى

    1970-01-01 08:00

  • چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۈچ كلاسسىك مۇسابىقىسى

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كوماندىغا ئايلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد زاپاس ئەزالىرىنىڭ قىممىتى لىۋېرپول زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد ئۈچ يىل مابەينىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 300 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان

    1970-01-01 08:00