• بانكىلاردىن رايون ئاتلاپ پۇل ئالغاندا رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-12 08:41
  • بانكىلاردىن رايون ئاتلاپ پۇل ئالغاندا رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ

    سودا بانكىلىرىدىن رايون ئاتلاپ نەق پۇل ئالغاندا ئېلىنىدىغان رەسمىيەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

    دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بانكا نازارەتچىلىكى بىرلەشمىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، سودا بانكىلىرى (سودا بانكىسى سودا سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى قاتارلىق دۆلەت ئىلكىدىكى سودا بانكىسى ۋە قاتناش بانكىسى، گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسى، دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ) نىڭ بىر قىسىم ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 

    «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار بەلگىلەندى: «2017-يىلى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ شەخسلەر سودا بانكىلىرىنىڭ مۇلازىمەت پەشتاختىسىدىن رايون ئاتلاپ نەق پۇل ئالغاندا ئېلىنىدىغان مۇلازىمەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، پېرېۋوت چېكى مۇلازىمەت ھەققى، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ھەققى، تەننەرخ ھەققى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ھەق ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ھەرقايسى سودا بانكىلىرى تەسەببۇسكار بولۇپ، مۇئامىلىدارلارنىڭ ئۆز بانكىسىدا ھېساب ئاچقان بىردىنبىر ھېساباتىدىن ھېسابات باشقۇرۇش ھەققى ۋە يىللىق ھەق قاتارلىقلارنى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى سودا بانكىلىرى تور بېكىتى، يان تېلېفون APPسى، تىجارەت تور بېكىتىدە جامائەتكە ئېلان قىلىشى، مۇئامىلىدارلار كەسىپ بېجىرگەندە ئۇلارغا بەلگىلەنگەن ھەقسىز ھېساباتنى ئىلتىماس قىلىشنى ئەسكەرتىشى كېرەك». 

    دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى مۇئامىلىدارلارنىڭ 6 مىليارد 105 مىليون يۈەن يۈكى يېنىكلەيدىكەن. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇشى مۇقىملاشتى

    1970-01-01 08:00

  • لىۋېرپولنىڭ بەش چوڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاجىزلىقى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو ھەل قىلغۇچتا تۈرلۈك رېكورتلارنى بۇزۇشنى نىشانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: خانلىق مادرىد تەجرىبىلىك، بىز ھەل قىلغۇچتا ئۆتمۈشنى ئويلىمايمىز

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: سالاھ ئىنتايىن قالتىس مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردى

    1970-01-01 08:00

  • چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۈچ كلاسسىك مۇسابىقىسى

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كوماندىغا ئايلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد زاپاس ئەزالىرىنىڭ قىممىتى لىۋېرپول زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد ئۈچ يىل مابەينىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 300 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان

    1970-01-01 08:00