• ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ, ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﻠﺴﺎ, ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻏﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-15 03:45
  • ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ, ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﻠﺴﺎ, ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻏﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

    ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ «ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺩﻩﯞﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﻧﯩﯔ 117-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ: «ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ, ﺝ ﺥ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﻪﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ, ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺳﻪ, ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﯟﻩﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

    ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ, ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    1. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﻪﺵ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ, ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﯓ ﭘﯘﻝ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﻠﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ, ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ, ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺳﯩﻨﺎﺷﺘﻪﻙ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ, ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻐﺎ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ.

     ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﯦﻠﻮﻏﺎ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ–ﺩﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ, ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺯﺍﯓ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺷﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﯦﻠﻮﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻞ-ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﭗ, ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    2. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. «ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺩﻩﯞﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﻧﯩﯔ 118–ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ: «ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ, ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯦﻠﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﭘﻮﭼﺘﺎ-ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ» ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻟﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺯﺍﯓ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ, ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ, ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻝ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

    ﺷﯘﯕﺎ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻝ, ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ, ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻐﺎ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻝ, ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺩﯦﻠﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ, ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ – ﺩﻩ, ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    3. ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ, ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ, ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﻩﯞﺍﻻﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﺴﻪ, ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    مەنبەسى :شىنخۇا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك