• شىنجاڭلىق كېلىنچەك2017گىرىم كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-16 06:55
  • شىنجاڭلىق كېلىنچەك2017گىرىم كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

     پائالىيەتكە ھەرقايسى ساھەلەردىن بولۇپ 180دىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىپ ، زامانىۋى مودا ، گۈزەللىكنى ئاساس قىلغان گە جۆر بولدى. تەڭرىتاغ تورى ، ئاسىيا كىندىكى تورى ، ئەلكۈيى تورى ..قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندا بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى .


    پائالىيەت جەريانىدا شىنجاڭ ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، داڭلىق ياش ناخشىچى تۇرغۇن ئابدۇرېھىم  يالغۇز كىشىلىك ناخشا <<داۋانچىڭ قىزى >> نى ، تالانتلىق ياش ناخشىچى نۇرگۈل سۇلتان داڭلىق ناخشىچى ، يازغۇچى شامىل شاكىر ئىجاد قىلغان توردا مودا بولغان   << مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش>> تېمىسىدىكى ناخشىنى ، شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،  شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتى ، ناخشا ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ لېكتورى ئايگۈل غولام « بىر پىيالە مەي » ۋە ياش ناخشىچى زۇلھايات تاھىر <<ھىندىستان ئۇسۇلى >>نى ، كىچىك چولپان ئەقىدە رىشاتجان <<مىنىڭ بوۋىقىم >> ناملىق ناخشىنى ۋە شىنجاڭ بىڭتۇەن رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مىللىي پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي لېكتورى ئانارگۈل ئابلىز شامىل شاكىرنىڭ ئەڭ گۈزىلى يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ ناملىق ناخشىنى ، مودا ئېقىم چولپىنى گۈلمىرە تۇرغۇن ، تالانتلىق ياش ناخشىچى شاپائەت ئوسمانلار نادىر ناخشىلارنى ئورۇنلاپ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تېخىمۇ قىزغىنلىققا ئېگە قىلدى .

    پائالىيەت جەريانىدا يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش تېمىسىدىكى تۇغقان بولۇش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلۈپ،شىنجاڭ سەنۇبەر توي ، فوت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىدىكى خىزمەتچى_خادىملار نەق مەيداندا خەنزۇ قېرىنداشلار بىلەن تۇغقان بولدى.


    شىنجاڭ سەنۇبەر توي  مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى سەنۇبەر مۇتەللىپ بۇ ھەقتە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە نامايەندە بولغان كىيىم-كىچەكلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ شىركەتتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەمگىكى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كىچەك مەدەنىيتى ياخشى نامايەندە قىلىنغان ، بىز بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ ، تېخىمۇ كۆپ خانىم-قىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ، ماھارەت ئىگەللەش ، گۈزەللىك قۇرلىشىغا تۆھپە قوشۇشىغا ياردەم بىرىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيتىمىز ئارقىلىق كۆرسىتىمىز.


    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گاۋلۇ شىن ئەپەندىم مۇنداق  دېدى: بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول ، رەڭدار بولدى ، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ئۆز ئەمەلىيتى ئارقىلىق  كۆرسىتىلگەن بۇ پائالىيەتتە << ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش>>تەك روھ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، ھەرمىللەت ئاكا-ئۇكا ، ئاچا-سىڭىللار بارلىققا كەلدى ۋە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلاردىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى يەنىمۇ قوللاشتەك روھ تەشۋىق قىلىندى .

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك