• پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-19 01:19
  • پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

     ھازىرقى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا (3)

    ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

     پۇل مۇئامىلە دۆلەتنىڭ مۇھىم يادرولۇق رىقابەت كۈچى، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رېئال ھەم ئۇلۇغۋار ئەھمىيەتكە ئىگە.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، كاپىتال تۈرىنى ئايرىباشلاش دەرىجىسى مۇقىم ئۆسۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئېلاستىكىلىقلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى. كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۇقراۋى بانكىلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىنى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئۇدا تەسىر قىلىۋاتقان ۋە ئىچكى ئىقتىسادتا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› كەسكىن ۋەزىيەتتە، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا بۇنچىلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس.

     پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىدە تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ۋە تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئاخىر بۇ مەسىلىلەرنى ئىسلاھات ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يېڭى نورمال ھالەتكە قەدەم قويدى، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى تېزلەشتى، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستى، ئەلۋەتتە نۇرغۇن خەۋپ – خەتەر، خىرىسمۇ ئەگىشىپ كېلىپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەخىرسىز زۆرۈر بولدى. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش ئۈچۈن، مۇھىمى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى توغرا يۆنىلىش بويىچە بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     بازار ئاساسىنى مۇستەھكەملەش پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش پۇل مۇئامىلىنى ئىسلاھ قىلىش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى، بازار ئاساسى پۇختا بولسا، بازار ئارقىلىق چەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ساغلام، مۇقىم بولمىسا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش قىيىن بولىدۇ؛ ئەگەر بازار سۇبيېكتىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولمىسا، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلى قولدىن كېتىدۇ؛ ئەگەر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولمىسا، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئۆتۈش يولى توسۇلۇپ قالىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان نۇرغۇن مەسىلە ساقلانماقتا، بۇنىڭغا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا جاۋاب تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. پۇل مۇئامىلە كەسپىدە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، قانۇنىي ئىگە ئاپپاراتنىڭ ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ساغلام بولغان پۇل مۇئامىلە بازىرى سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا تەمىنات ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا قويۇلغان يېڭى تەلەپ بويىچە ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

     نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە يېقىنقى يىللاردا تۈرلۈك قالايمىقانچىلىقلار يۈز بېرىپ، بەزى يوشۇرۇن خەۋپلەر كۆرۈلدى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولار كۆپلەپ يۈز بەردى، بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ئېنىق بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشمەسلىك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش راۋان بولماسلىق، تەكرار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يوچۇق بولۇش قاتارلىق تۈزۈلمە، مېخانىزم خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب. پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىدە قوغداشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئىسلاھاتقا تايىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدىكى يوچۇقنى ئېتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى كۆرۈلمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ھازىرقى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ۋەزىپىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پۇختا، ئەسقاتىدىغان بولۇشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا پىششىق بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى، ئورۇننى بېكىتىشتە ئېغىپ كەتمەسلىكى، كەسىپنى زورايتىشنىلا قوغلاشماسلىقى كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا جەزمەن مەركەزلىك بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ماسلىشىشى، ھەركىم ئۆز سەنىمىگە دەسسىمەسلىكى كېرەك. ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى نىشان، ئۈنۈم، رىغبەتلەندۈرۈش، بايلىق جەھەتتە جەزمەن بىردەك بولۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى، ئۆلچىمى، قائىدىسى ۋە ھەرىكىتىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى، بولۇپمۇ كەسىپ، بازار، ساھە ھالقىغان تارماقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشى كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەركەزنىڭ بىر تۇتاش قائىدىسىگە ئاساسەن، تەۋەلىكىنىڭ خەۋپ – خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. خەۋپ – خەتەرنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە بالدۇر ئارىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تولۇق يەتكۈزۈش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى تىرىشىپ كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

     ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزى ئىسلاھات. پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ بايلىقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشىغا، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق. رايون پۇل مۇئامىلىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئېچىۋېتىشنى ئالدىن يولغا قويۇپ سىناق قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، دۇنياۋى پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش ۋە بازار رىقابىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرتىپلىك رىقابەتلىشىشىگە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە پايدىلىق تەدبىرلەرنى تېز تۈزۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداپ، ئېچىۋېتىش تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، چەت ئەلنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن مەۋقەنى چوقۇم دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، ئەينەن كۆچۈرمەسلىك، ھەم ئاكتىپ ئىش قىلىش، ھەم بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك، ھەممىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى ئاساس قىلىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش، شارائىت پىشقاندا تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك.

     دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا ۋەزىپىلەر ئىنتايىن ئېغىر، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا يۆنىلىش ئېنىق، يول توغرا بولۇشقا، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بازار ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى تەدرىجىي قۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ خەۋپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي كۈچى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    مەنبەسى :خەلق تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇشى مۇقىملاشتى

    1970-01-01 08:00

  • لىۋېرپولنىڭ بەش چوڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاجىزلىقى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو ھەل قىلغۇچتا تۈرلۈك رېكورتلارنى بۇزۇشنى نىشانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: خانلىق مادرىد تەجرىبىلىك، بىز ھەل قىلغۇچتا ئۆتمۈشنى ئويلىمايمىز

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: سالاھ ئىنتايىن قالتىس مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردى

    1970-01-01 08:00

  • چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۈچ كلاسسىك مۇسابىقىسى

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كوماندىغا ئايلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد زاپاس ئەزالىرىنىڭ قىممىتى لىۋېرپول زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد ئۈچ يىل مابەينىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 300 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان

    1970-01-01 08:00