• باي بولاي دېسىڭىز بۇ 10 چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىڭ

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-07-27 11:51
  • باي بولاي دېسىڭىز بۇ 10 چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىڭ

    1. ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال: نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىستېمال ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چىقىم كىرىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %52 ئادەم ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمالغا كۆنۈپ كەتكەن، نۇرغۇن ئادەم ئامانەت قويۇلغان پۇللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كىرىم-چىقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولغان، يەنە %22 ئادەم ئىناۋەت كارتىسىغا تايىنىۋالىدىغان بولۇپ قالغان. ھەر ئايدا تاپقان پۇللىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋەتسىڭىز قانداق باي بولالايسىز؟

    2. ئامانەت قويغان پۇلى يېتەرلىك بولماسلىق: ئامېرىكىدا شەخسلەر ئامانەت قويىدىغان پۇلنىڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئارانلا %4.9. ناۋادا بايلىق توپلىماقچى بولسىڭىز پۇل ساقلاشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.

    3. قەرزگە بوغۇلۇش: بەزى ۋاقىتلاردا ئېلىنغان قەرزلەر ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدۇ. مەسىلەن، ئۆي ئېلىش ياكى ئىگىلىك تىكلەش دېگەندەك؛ بىراق، يۇقىرى ئۆسۈملۈك ئىناۋەتلىك كارتا قەرزى بىر ئاپەت. ئۇنىڭدىن قەرز ئالغانلار ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بولالمايلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

    4. پىلان يوق: ئېنىق پىلان بېكىتىلمىسە باي بولۇش خۇددى ئۇخلىماي چۈش كۆرگەندەكلا بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئېنىق پىلان بولمىغانلىقتىن كىشىلەر ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىۋالىدۇ.

    5. جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشلىتىدىغان مەبلىغى يوق: مۇتەخەسسىسلەر ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاز دېگەندە يېرىم يىللىق كىرىمىنى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. چۈنكى تۇرمۇشتا ھەرخىل كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بىخەتەرلىك كاپالىتى تولۇق بولمىغاندا ئوڭۇشلۇق بولىدىغان ئىشلارمۇ بەزىدە ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ.

    6. باشلاش ۋاقتى كېيىن: ۋاقىت سۇدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، قايتىپ كەلمەيدۇ. پۇل يىغىشنى باشلاشمۇ خۇددى ھەر كۈنى چېنىقىشقا چىقىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئېلىشقا ئوخشاشلا قىيىن.

    7. ئېغىزدا دەپ قويۇپ، ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق: «كىرىمىم ئانچە كۆپ ئەمەس»، «مال باھاسى بەك يۇقىرى»، «قەرزىم كۆپ، ئۈمىد يوق». سىزمۇ مۇشۇنداق باھانە ئىزدەپ باققانمۇ؟ تىرىشچانلىق يېتەرلىك بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

    8. ھازىرقى بىلەن كارى بولماي، كەلگۈسى توغرىسىدا خام خىيال قىلىش: «ھازىر بىر مۇنچە نەرسە سېتىۋېلىپ، كېيىنكى كۈنلىرىدىن ئەنسىرەش» پوزىتسىيەسىنى «ھازىر پۇل يىغىپ، كەلگۈسىدە بېيىش»قا ئۆزگەرتىش كېرەك.

    9. ھەممىنى بىر يولىلا دوغا تىكىش: بارلىق پۇللارنى بىر ئىشقىلا ئىشلىتىشمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى خۇددى لاتارىيەدىن مۇكاپات چىقىش نىسبىتىگە ئوخشاش ناھايىتى تۆۋەن. شۇنىڭ بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ئانچە توغرا ئەمەس، باي بولۇشقىمۇ ئانچە كۆپ ياردىمى بولمايدۇ.

    10. چۈشەنمەسلىك: سىزمۇ ئېھتىمال مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان بىر ياخشى ئىش يۈز بېرىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتقانسىز. شۇنداق، تۇرمۇشتا ھەرخىل ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلار بولىدىغان، بولمايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ؛ بىراق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىغان ئادەم ھازىرقىنى چىڭ تۇتۇش، پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىش كېرەك.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • خانلىق مادىرىد ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى(جەۋھەرفىلىم)

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇشى مۇقىملاشتى

    1970-01-01 08:00

  • لىۋېرپولنىڭ بەش چوڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاجىزلىقى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو ھەل قىلغۇچتا تۈرلۈك رېكورتلارنى بۇزۇشنى نىشانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: خانلىق مادرىد تەجرىبىلىك، بىز ھەل قىلغۇچتا ئۆتمۈشنى ئويلىمايمىز

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو: سالاھ ئىنتايىن قالتىس مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردى

    1970-01-01 08:00

  • چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد بىلەن لىۋېرپولنىڭ ئۈچ كلاسسىك مۇسابىقىسى

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر كوماندىغا ئايلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد زاپاس ئەزالىرىنىڭ قىممىتى لىۋېرپول زاپاس ئەزالىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ

    1970-01-01 08:00

  • خانلىق مادرىد ئۈچ يىل مابەينىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 300 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان

    1970-01-01 08:00