• تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە سېپىگە قېتىلىش

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-08-03 10:46
  • تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە سېپىگە قېتىلىش

    تارباغاتاي ۋىلايىتىن 60 كىلومىتىر كىلىدىغان تولى ناھىيەسىدە بىر كىچىك بازار بار -- تۈمۈر تام بازىرى ، بۇ يەر كىچىكلىكىدىن پەقەت بىرلا كوچا بار ، كوچىنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغا بېرىش ئۈچۈن 15 مىنۇتلا ۋاقىت كىتىدۇ ، لىكىن مۇشۇنداق كىچىك بازاردىمۇ چوڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بار كىشى بار . 

    تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە سېپىگە قېتىلىش 
    ئالتايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن چېن جوڭ ، كان قېزىش كەسپىدە ئۇقۇپ ئۇقۇش پۈتكۈزگەندىن كىيىن ،1990-يىلى قاراماي شەھىردە خىزمەتكە چۈشتى ، ئۇ ئۆزىگە تايىنىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى ، لىكىن چېن جوڭ بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن كىيىن خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ ، كاندىن ئايرىلدى ، ۋە باشقا چىقىش يولى ئىزدىدى . ئۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن پوچتا يەتكۈزگۈچى بۇلۇپ باققان ، تورخانا ئېچىپ باققان ، تاۋباۋدا دۇكانمۇ ئېچىپ باققان ، لىكىن بۇ ئىشلەر ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىنىچ قىلالمىغان ئىدى . 
    2010-يىلى چېن جوڭ ئايالى ئۈچۈن ، تولى ناھىيەسى تۈمۈر تام بازىرىدا ئۆي تۇتۇپ قالدى ، بىر تاساددىبېي پۇرسەتتە ، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە بىلەن تۇنۇشتى ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىر ئاددىي لاتارىيەچى ئىدى ، كۈندە دېگۈدەك لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىغا باراتتى ، بارا-بارا ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ ئىچىدىكى خۇشاللىقنى بايقىدى . كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇشنى ئويلىدى . ئەجىرلىك كىشى نائۈمىدتە قالمايدۇ ، ئىلتىماس قىلىش ، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردىن كىيىن 2014-يىلى 5-ئايدا ، چېن جوڭ پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش خادىمى بولدى . شۇنىڭدىن كىيىن چېن جوڭنى كۆڭلى ئەمىن تاپتى ، ۋە خۇشال تۇرمۇشلارنى باشلىۋەتتى . 
    لاتارىيەچىلەرگە كۈڭۈل قۇيۇپ مۇلازىمەت قىلىش 
    چېن جوڭنىڭ دېيىشچە ئۇ يېڭى شەيئىلەرگە ئامراق بۇلۇپ ، پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىپ ، لاتارىيەچىلەرگە بىلەن ئۆزىنىڭ تەجىربىسىنى ھەمبەھىرلەپ ، ئۇلارنىىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىمەن ، لاتارىيەچىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا ، ئىككى مۇھىم نۇقتا بار : 1. پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ، كۆپچىلىككە پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ جامائەت پاراۋنلىقىنى لاتارىيەچىلەرگە سۆزلەش ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىلەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى قىلغان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش .   2.لاتارىيەچىلەرگە ئەقلىي يېتەكچىلىك قىلىپ ھەرخىل لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش . 
    بېيجىڭغا بېرىپ پاراۋانلىق لاتارىيە مەدىنىيتى بىلەن تۇنۇشۇش 
    چېن جوڭ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش خىزمەت ئورنىدا قېتىرقىنىپ 3 يىل ئىشلىدى ، بۇ جەرياندا چېن جوڭنىڭ ئېدىيەسىدە زىددىيەت ۋە تۇقۇنۇشلار بولدى . بۇ بىر «جاپالىق خىزمەت» ، كۈندە 10 سائەت ئەتراپىدا ئىشلەيدۇ ، ئەركىن ۋاقتى يوق ، بايراملىق دەم ئېلىش ناھايىتى ئاز ، مۇھىمى خىزمەت تۈپەيلى چېن جوڭنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىرگە بۇلىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز . جاپالىق ۋە قىيىن بولسىمۇ چېن جوڭ ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدى ، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەنى ياخشى كۈرىدۇ ، شۇڭا ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر قىلىشنى خالايدۇ . 
    چېن جوڭڭنىڭ ئەجرى بىكار كەتمىدى ، ئۇنىڭ نەتىجىسى مۇقەررەرلەتۈرۈشكە ئېرىشتى . بۇ يىل شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى پۈتۈن شىنجاڭدىكى سېتىش خادىمدىن 42 نەپەر تاللاپ 2017-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى «قوش رەڭلىك توپ» كۆرگەرمە پائالىيتىگە قاتناشتۇردى ، بۇ 42 نەپەر سېتىش خادىمىنىڭ ئىچىدە چېن جوڭ بار ئىدى ، چېن جوڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ناھايىتى خۇشال بولدى ، ۋە ھاياجانلاندى . پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇ ۋەكىل بۇلۇپ زىيارەتنى قۇبۇل قىلدى ، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى :« بىر ھەپتىلىك كۈزۈتۈپ ئۈگۈنۈشتىن كىيىن مېنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەگە بولغان چۈشەنچەم تېخمىۇ چوڭقۇر بولدى ، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ كەسپى ئارقىلىق جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشقاللىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن ، مەن ئۈرۈمنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش خادىمى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ! » 

    مەنبەسى :پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك