• سانجى تۈرمە ساقچىسى مەردان مۇھەببەت بىلەن ئاداشقان روھنى قۇتقۇزدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-10-11 10:23
  • سانجى تۈرمە ساقچىسى مەردان مۇھەببەت بىلەن ئاداشقان روھنى قۇتقۇزدى

    سانجى تۈرمە ساقچىسى مەردان مۇھەببەت بىلەن ئاداشقان روھنى قۇتقۇزدى

    ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ، تەڭرىتاغ تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان « گۈزەل شىنجاڭ • مېھىر-مۇھەببەت ھېكايىسى » تېمىسىدىكى ھېكايە سۆلەش مۇسابىقىسىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىر سانجى تۈرمە ساقچىسى ۋاڭلى يوڭ «مەرداننىڭ مېھرى ۋە مۇھەببىتى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە . ( رەسىملەرنى ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومتېتى تەمىنلىگەن )

    مۇخبىرنىڭ ئېگەللىشىچە ،  مەردان  ئىلگىرى CCTV مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى  مودىل مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە ئون كۈچلۈك ماھىر بولغان  ، مەركىزىي تېلۋېزىيە ئىستانسىسى ئاستىسىدىكى توخـتاملىق ناخشىچى ، يېڭى يىپەك يولى كەسپىي مودىل قاتارلىق توختاملارنى ئىمزالىغان ،  بىراق بۈگۈنكى كۈندە  ، مەردان  سانجى تۈرمىسىدە خەلىق ساقچىىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ .

    بۈگۈنكى ھېكايىمىزدىكى يىگىتنىڭ ئىسمى مەردان ، ئۇ جەنۇپ مالىيە-ئىقتىساد سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرىسىتېتىنى پۈتتۈرگەن كېلىشكەن ، قابىلىيەتلىك ئۇيغۇر يىگىت . 

    2014-يىلى ، مەردان ئۆزى ياخشى كۆرگەن سەنئەت كەسپىدىن ۋاز كىچىپ ، يۈرتى سانجى قايتىپ كەلدى ۋە تۈرمە ساقچىسى بۇلۇپ ئىشلىدى ، ئۇ ئارزۇ قىلىپكەلگەن ساقچىسى فورمىسىنى كىيدى ۋە بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى . 

    تۈرمە ساقچىسى ، ئاداشقان روھنى قۇتقۇزغۇچى 

    مەردان قوش تىلنى پىششىق بىلىدىغان بۇلۇپ ، خىزمەت ئىپادىسى ياخشى ، شۇڭلاشقا ئۇ ناھايىتى تىزلا سانجى تۈرمىسى «ئەسەبىيلىكنى تۈگۈتىش» خىزمىتىنڭ مۇھىم خادىمى بۇلۇپ قالدى . 
    ئۇ ئۆزلىكىدىن 48 ياشلىق XXX نىڭ تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلۇشنى ئىلتىماس قىلدى .
    مەردان زىرىكمەي نۇرغۇن قېتىم XXX نى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن سىرداشتى ، ئەھۋال سۇراپ تۇردى . مەرداننىڭ سەمىمىيتى XXX نى تەسۈرلەندۈردى ، ئاستا-ئاستا XXX مەردان بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى . 

    مەردان XXX نىڭ ئائىلە ئەھۋالى ، جىنايەت شەكىللىنىش ئەھۋالى ۋە پىسخىكىلىق خۇسۇسىيتىنى ئىگەللىگەندىن كىيىن ، مەردان XXX نىڭ ئائىلە قارشى ناھايىتى قۇيۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى ، بۇنى بايقىغاندىن كىيىن مەردان قېرىنداشلىقنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ،  XXX نى تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش خىزمتىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى . 

    نۇرغۇن قېتىملىق سۆھبەت ۋە زىيارەتتىن كىيىن ، مەردان يەنە مەخسۇس XXX نىڭ ئۆيىگە باردى ، XXX ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى قايىل قىلىپ،  ئۇلارنى توردا كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق كۆرۈشتۈردى ، ھەمدە XXX نىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تۈرمىگە كىلىپ،  XXX نى تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشگە تەكلىپ قىلدى . 

    «كۆڭۈل قويغان ئادەمگە  ، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە» ، مەرداننىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە بوشاشماي تېرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ، XXX ئاخىرى تەربىيلىنىپ لاياقەتلىك بولدى . 

    مەردان ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويلىغاندا ، بىرخىل خىجىلچانلىق ھىسياتى پەيدا بولىدۇ  

    2016-يىلى 9-ئايدا، مەردان  مەخسۇس دېلو گۇرۇپىسىغا يۆتكلىپ ، گۇرۇپپىدىكى خىزمەتداشلار بىلەن بىرلىكتە تۈرمە ئىچىدىكى دېلونى پاش قىلىش خىزمتىگە مەسئۇل بولدى. دېلو ئىشلەش جەريانىدا تەھلىل قىلىش ، سوراق قىلىش ، ماتىريال يوللاش... خىزمەتلەر بىلەن ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ ، ھامىلدار بۇلۇپ تۇغۇتقا ئاز قالغان ئايالىغىمۇ قارىيالمىدى . 
    بىر كۈنى كېچىدە مەردان ئايالىنىىڭ تېلفۇنىنى قۇبۇل قىلدى ، ئايالى :« مەردان ، مەن ئازراق بىئارام بۇلۇۋاتىمەن ، سىز قايتىپ كېلەلەمسىز ؟ » 
    شۇ ۋاقىتتا دېلونىڭ مۇھىم باسقۇچىقا كەلگەن بۇلۇپ  ،  مەردان ناھايىتى خىجىلچانلىق بىلەن  ئايالىغا مۇنداق دېدى : «مەن ھازىر بەك ئالدىراش ، چوڭ مەسىلە بولمىسا مەن ئەتە ئۆيگە قايتاي .» 
    ئىككىنچى كۈنى ، مەردان خىزمەتلىرىنى تۈگۈتۈپ ئالدىراپ ئۆيىگە قايتتى ، ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن ئايالىنى قوشنىلار دۇختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى ۋە دەھال دۇختۇرخانىغا باردى ، مەردان دۇختۇرخانىدا ئايالىنىڭ چىرايى ئاقارغان ھالەتتە كارۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆردى . 
    دۇختۇر مەردانغا :« ئايالىڭىزدىن كۆپ قان چىقىپ كىتىپتۇ ، دۇختۇرخانىغا ۋاقىتىدا كەپتۇ بولمىسا ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى !»  ، بۇ سۆلەرنى ئاڭلاپ مەردان گاڭگىراپ قالدى ، ناۋدا ئايالىغا بىرەر كىلىشمەسلىك بۇلۇپ قالسا ، ئۇ ئىككى تەرەپتىكى ئاتا-ئانىسىغا قانداق قارايدۇ ؟ كارۋاتتا روھسىز ياتقان ئايالىغا قاراپ مەردان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ياش تۆكتى . 
    بۇ يىل 2-ئايدا ، مەرداننىڭ ئايالى جەنۇبى شىنجاڭغا ئاساسى قاتلام خىزمىتىگە بارماقچى بولدى ، ئايالى مەردان بىلەن مەسلىھەتلەشكەندە ، مەردان ئىككىلەنمەيلا مۇنداق دېدى :« سۆيۈملۈكۈم ، ىسز ئەنسىرمەي بېرىڭ ، مەن سىزنى قوللايمەن ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى بالىلار سىزگە مۇھتاج ! » .
     
    شۇنداق قىلىپ مەرداننىڭ ئايالى جەنۇبى شىنجاڭغا يول ئالدى ، مەردان خىزمەت قىلىش ، ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلەشتىن سىرت ، يەنە ئۆيىدىكى كىچىك بالىسىغا قارىدى . 

    ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلىگەندە ، ئۇ بالىسىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى ، دەم ئالغاندا يەنە قايتۇرۇپ ئەكەلدى. ھەر قېتىم ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلىگەندە ، تېلفۇندا بالىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، مەرداننىڭ چىرايى بەخىت كۈلكىسى پەيدا بۇلاتتى ، كۆڭلىدە بولسا ئوڭايسىزلىناتتى ، ئۆزىنى بالىسىغا يۈزكىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتى . 

    مەرداننىڭ دېيىشچە ،  مەردان ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئوخشاشلا ئالىي مەكتەپنى پۆتتۈرگەن ياشلار بولۇپ ،  كىچىكىدىن باشلاپ  ھەر مىللەت بالىلىرى بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئىكەن . ئۇ يۈرتىغا قايتىپ تۈرمە ساقچىسى بۇلۇشتىكى سەۋەبى پەقەت شۇ ئاداشقان روھلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئىكەن . مەردان مۇنداق دېدى:« تۈرمە ساقچىسى بۇلۇپ جاپالىق بولسىمۇ ، لىكىن مۇشۇ جاپالىق خىزمەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جاتىرجەم تۇرمۇشىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بۇلىدۇ ، بۇ ئەرزىيدۇ ! توختىمىاي سونىلىۋاتقان گۈللەر ، سەھنىدە چېلىنىۋاتقان ئالقىش سادالار ، ئۆيدىكى قىيىنچىلىقلار  ھېچ گەپ ئەمەس ، مۇھىمى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ! » 

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك