• ئىچىدە 5ئادەم بار ماشىنا ۋەقەدە دەرەخكە قونۇپ قالدى،ئادەملەر ئامان قالدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-10-13 07:17
  • ئىچىدە 5ئادەم بار ماشىنا ۋەقەدە دەرەخكە قونۇپ قالدى،ئادەملەر ئامان قالدى

    تۆنۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭدىكى تورداشلارنىڭ چەمبىرەكلىرىدە مودا بولغان دەرەخكە چىقىپ قالغان <<ئۇچقۇر ماشىنا>>ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتى بۈگۈن تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلان قىلىندى ، بۇ ماشىنا خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قاتناش ۋەقەسىنىڭ رەسىمى بولۇپ ، بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئاۋال 11-چىسلا يۈز بەرگەن ھادىسە ئىكەن

    11-ئۆكتەبىر خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى سۈيخۇا-بېيئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ۋاڭكۈي ناھىيەسىگە كىرىش ئېغىزى ئەتراپىدا بىر ئاق رەڭلىك ماشىنا باشقا ماشىنىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ، ئالاقىزادىلىك ئىچىدە يولدىن ئۇچۇپ چىققىنىچە يول بويىدىكى ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، بىرقانچە تۈپ چوڭ دەرەخكە قىسىلىپ مۇئەللەقتە ئېسىلىپ قېلىپ، رېئال تۇرمۇشتا بىر مەيدان «ئۇچقۇر ماشىنىنىڭ دەرەختە مېڭىشى» ئوينالدى، بەختكە يارىشا ماشىنا ئىچىدىكى 5 ئادەم يارىلانمىدى، لېكىن ئۇلار قورۇققىنىدىن «روھى چىقىپ كەتكەن» ئىدى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقە ئاق رەڭلىك ماشىنا يولدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز كەلگەن ماشىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن  ، شوپۇرنىڭ رولنى ئوڭ تەرەپكە قاتتىق ئۇرۇشى بىلەن ماشىنا يولدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ دەرەخكە قىسىلىپ قالغان، بىر تەجرىبىلىك كونا شوپۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاق رەڭلىك ماشىنا تەلىيىگە دەرەخكە قىسىلىپ قېلىپ ماشىنىدىكى ئادەملەر ئامان قالغان، ئۇنداق بولمىغاندا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىكەن.

    دەرەخكە قىسىلىپ قالغان ئاق رەڭلىك ماشىنا.

    قاتتىق ئۇرۇلغانلىقتىن چىنىنىڭ ئېغىزىدەك توملۇقتىكى دەرەخ سۇنۇپ كەتكەن.

    ۋەقە سادىر قىلىپ مۇئەللەقتە ئېسىلىپ قالغان ئاق رەڭلىك ماشىنا.

    ۋەقە سادىر قىلغان ئاق رەڭلىك ماشىنىنىڭ شوپۇرى گەرچە يارىلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن قاتتىق قۇرقۇپ كەتكەچكە پۇتلىرى بوشىشىپ گەپ قىلالماي قالدى.

    ئەتراپقا ئولىشىۋالغان ئامما قىزىقىپ «ماشىنا شۇنچە يىراق ئارىلىقتىن قانداق ئۇچۇپ كېلىپ دەرەخ ئۈستىگە چىقىپ قالغاندۇ» دېيىشتى.

    ئەتراپقا ئولىشىۋالغان كىشىلەر ۋەقە سادىر قىلغان ماشىنا ئىچىدىكى ئادەملەر تولىمۇ تەلەيلىك ئىكەن، ماشىنا ھاۋادا شۇنچە يىراق يەرگىچە ئۇچۇپ بىرقانچە تۈپ دەرەخكە قىسىلىپ قاپتۇ، مۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى راستتىنلا بىر «مۆجىزە» دەپ قارىدى.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك