• ‹‹پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى تەڭرىتاغنى يورۇتتى››كېچىلىكى15-چىسلا XJTVدا قويۇلىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-10-14 04:13
  • ‹‹پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى تەڭرىتاغنى يورۇتتى››كېچىلىكى15-چىسلا XJTVدا قويۇلىدۇ

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات–رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى تەڭرىتاغنى يورۇتتى›› تېمىسىدىكى ئەدەبىيات –سەنئەت كېچىلىكى 10 –ئاينىڭ 15 – كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.


        كېچىلىكتىكى نومۇرلارنىڭ شەكلى ھەرخىل بولۇپلا قالماي، سەھنىدىكى LED چوڭ ئېكرانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلغان كۆرۈنۈشى قىسقا فىلىم شەكلىدە كۆرسىتىلگەن، بۇ ھەم كېچىلىكنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى قىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى تولۇق نامايان قىلىنغان؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغانلىقى تولۇق ئىپادىلەنگەن.

     

     



       كېچىلىككە مو خۇالۈن، ۋاڭ بىڭبىڭ، ۋاڭ گۇاڭيۈن، ۋاڭ يۈەنيۈەن، باھارگۈل قاتارلىق داڭلىق ناخشىچىلار تەكلىپ قىلىنغان. كېچىلىكتە ئورۇنلانغان يېڭى ئىجادىي ناخشىلاردا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەر جەھەتتىكى قۇرۇلۇشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر، يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەدھىيەلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ 19 – قۇرۇلتايدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئارزۇسى نامايان قىلىنغان.

       ئىگىلىنىشىچە، بۇ كېچىلىك 10–ئاينىڭ 15–كۈنى سائەت 22:30 دا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلىدا كۆرسىتىلىدىكەن، ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلى ۋە قازاقچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىدا سائەت 22:40 تە كۆرسىتىلىدىكەن.

    مەنبەسى :ts.cn


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك