• جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭغا 46 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-10-17 03:25
  • جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭغا 46 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدۇ

     جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭغا 46 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدۇ


      يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 10–ئاينىڭ 16–كۈنى كەچتە بېيجىڭدا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش لىدىر لى يۆ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. 

     كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭغا 46 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئالاقە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹تىنچ شىنجاڭ›› قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى، نەرسە تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 5G تېخنىكىسى بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، خەلق تۇرمۇشىدا ئەمەلىي قوللىنىشچان تۈر، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا يەنىمۇ يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. 

     شۆھرەت زاكىر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم قۇرۇلۇشلارغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ھەمكارلىق شەكلىدە ئورتاق يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق قاتلىمىنى يۈكسەلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

     لى يۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى ئىزچىل يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى ساقلاپ، سىياسىي مەجبۇرىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇماي، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شىركەتتىكىلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىچكى قىسىمدىكى ئەۋزەل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تور سۈپىتى ئەۋزەللىكى، ئابۇنىچىلار كۆلىمى ئەۋزەللىكى، كۇرسلۇق مەھسۇلات ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرىدۇ، ئىشەنچىلىك ۋە بىخەتەر ئالاقە تېخنىكىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر تورى ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئاساس، زامانىۋى ئالاقىلىشىش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى يادرو، نەرسە تورى، كۆچمە ئالاقە تورى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، ‹‹توققۇز چوڭ›› قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ئابۇنىچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

     شۆھرەت زاكىر كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سارىيىدا يېڭىلىق يارىتىش پاتېنت كۆرگەزمە رايونى ۋە 5G بىرلەشمە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، مۇتەللىپ قاسىم ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.

    مەنبەسى :شىنجاڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك