• جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-10-18 12:03
  • جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچايلى 


    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

     تارىخ كارتىنىسى ھامان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا نامايان قىلىنىدۇ، دەۋر سەھىپىسى ھامان يېڭى كۈرەش داۋامىدا پۈتۈلىدۇ.

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى بۈگۈن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيەمىز قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەت بىلەن قانداق تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، قانداق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنى ئېنىق جاكارلاپ، ئومۇمىيلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە.

     ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز››. ئۆتكەن تولىمۇ ئالاھىدە بەش يىلنى ئەسلىسەك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئەسى ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن زور نەتىجىلەر ئاساسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈكسەلدۈردى. بەش يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك بولدى. بۇ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. 

     پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. بەش يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە رەھبەرلىك كۈچى، چاقىرىق كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، پارتىيەمىز ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، بۇ، بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەت، شۇنداقلا بارلىق تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى پارتىيەمىزنىڭ كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىلمىي، مۇكەممەل ئىدىيە، نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

     يول مەسىلىسى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، يول پارتىيەنىڭ جېنى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان يەتكۈچە ئازاب – ئوقۇبەت چەككەن جۇڭخۇا مىللىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا، سوتسىيالىزم جۇڭگودا جۇشقۇن قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىش يولىنى كېڭەيتتى، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى بېغىشلاپ، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى تارىخىي پەللىدە پارتىيەمىز ئىنتايىن تېز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋردە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى ئۇلۇغۋار كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ تېخىمۇ كەڭ نەزەر – دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، نەزەرىيەدە يېڭى مەنزىل ئېچىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭىچە روھىي قىياپەت ۋە كۈرەش ھالىتى ئارقىلىق ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

     بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت ئۇدا كۈرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئاشتى. بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، تېخىمۇ شانلىق قىرغاققا قاراپ يۈرمەكتە.

    قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز! 

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى)

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك