• پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى «دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» سۆھبەت​ يېغىنى ئۆتكۈزدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-10-26 01:16
  • پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى «دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» سۆھبەت​ يېغىنى ئۆتكۈزدى

    ئاپتونوم رايۇنلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىرلىكتە«دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» سۆھبەت يېغىنى ئۆتكۈزدى 

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ يولداش ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۈگۈنۈش پائالىيتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇش ئۈچۈن ، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پۈتۈن ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى يىغىلىپ ، «دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشتا باشلامچى بۇلۇش ، ئەڭ ئالدىدا مېڭىش ، ئۆز ئىش-ھەركىتى بىلەن ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش توغۇرلۇق ئەھمىيەتلىك سۆھبەتتە بولدى . 


    بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ جىيىن رىياسەتچىلىك قىلدى ، فېڭ جىيىن مۇئاۋىن مۇدىر ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئېزىز مۇسانىڭ دادىل ئوتتۇرغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بۈلدۈرۈش ماقالىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى ، ھەمدە كۆپچىلىكنى باشتىن-ئاخىرى ئۆز سىياسى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشقا ، ھەرقانداق جايدا ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ، ھەرقانداق سۇرۇندا سۆز-ھەركىتى بىردەك بۇلۇشقا ، ئىچى-تېشى بىردەك بۇلۇشقا ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا توۋلىدى . شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قۇشۇشقا چاقىردى .

    ئۇنىڭدىن كىيىن ، بارلىق يىغىنغا قاتناشقان خادىملار بىرلىكتە ھۆججەتلىك فىلىم «تەڭىرتاغدىكى قەسەم»نى كۆردى ، بۇ فىلىمنى كۆرۈش ئارقىلىق شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى ھەر قايسى ئىشچى-خىزمەتچى خادىملارنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسى ئاشتى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» ، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسى مۇستەھكەملەمدى .


     پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى مەيدانىنى ئاشكارلاپ ئىنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سۆزى قىلدى . شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى بازار بۈلۈمىنىڭ پىراكتىكانت مۇۋائىن باشلىقى شىرزاتنىڭ ئايالى كامىلە مۇنداق دېدى :« كىچىكىمدىن باشلاپ ، ئۆيىدىكىلەر ماڭا پارتىيەنى ، ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈش كىرەك دەپ تەربىيە قىلاتتى ، بىر ئادەم ناۋادا ئۆز ۋەتىنىنىمۇ سۆيمىسە ئۇنداقتا ئۇ ئادەم بۇلۇشقا مۇۋاپىق ئەمەس !  بىز بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسياتىمىز چۇڭقۇر ؛ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە بولغان نەپرىتىمىزمۇ چوڭقۇر ! بىز چۇقۇم ئۇلار بىلەن ئاداققىچە كۈررەش قىلىمىز !» . شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى خىزمەتچى خادىم مۇنىرەنىڭ يولدىشى مۇختەر مۇنداق دېدى :« مەن كىچىكىمدىن باشلاپ كۆپ مىللەتلىك مۇھىتتا چوڭ بولغان ، ھەر قايسى مىللەتلىك دوستلار بىلەن قېرىنداشلاردەك يېقىن ، مېنىڭ قەلبىمدە ھەممىمىز بىر ئائىلە كشلىرى ! «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمچى» لەر شىنجاڭنىڭ تىنىچ-ئامانلىقىنى بۇزماقچى ، ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ ، ھەر قايسى مىللەتلىك قېرىنداشلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشمىز كىرەك ! » . 


    (ماقالىنى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى تەمىنلىگەن)

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك