• 2018 رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى تولۇق فىلىم

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-02 12:03
  • 2018 رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى تولۇق فىلىم


    2017-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 9:00 دا دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپىغا چەك تارتىش مۇراسىمى رۇسىيەنىڭ موسكۋادىكى كىرېمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدى. 

    گۇرۇپپىغا ئايرىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

    گۇرۇپپا: رۇسىيە (ساھىبخان)، ئۇرۇگۋاي، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان

    گۇرۇپپا: پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، ئىران، ماراكەش

    گۇرۇپپافىرانسىيە، پېرۇ، دانىيە، ئاۋسترالىيە

    گۇرۇپپائارگېنتىنا، كىرودىيە، ئىسلاندىيە، نىگېرىيە

    گۇرۇپپابىرازىلىيە، شىۋېتسارىيە، كوستارىكا، سېربىيە

    گۇرۇپپاگېرمانىيە، مېكسىكا، شىۋېتسىيە، كورېيە

    گۇرۇپپابېلگىيە، ئېنگلاند، تۇنىس، پاناما

    گۇرۇپپاپولشا،كولومبىيە، سېنىگال، ياپونىيە

    20171201220029797.jpg

    2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسى ھەققىدە:

    مۇسابىقە تۈرلىرى :گۇرۇپپا مۇسابىقە ئۈچ ئايلانما، شاللاش مۇسابىقىسى 16 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى (8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە)، سەككىز كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى( چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ياكى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن تەركىب تاپىدۇ.

    ئومۇمىي مۇسابىقە جەمئىي 64 مەيدان، بۇنىڭ ئىچىدە گۇرۇپپا مۇسابىقە 48 مەيدان، شاللاش مۇسابىقىسى 16 مەيدان.

    مۇسابىقە قائىدىسى: تاللىنىپ چىقىلغان 32 كوماندا سەككىز گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. گورۇپپىدا ئالدىنقى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىلار 16 كۈچلۈكلەر شاللاش مۇسابىقىسىگە كىرىپ، مۇسابىقە كۈن-تەرتىپى بويىچە شاللاش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ.

    گۇرۇپپا مۇسابىقسنىڭ قائىدىسى: كوماندا بىر مەيدان ئۇتسا 3 نومۇرغا، تەڭلەشسە 1 نومۇرغا، ئۇتتۇرسا 0 نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئۈچ ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇغلانما نومۇرى بويىچە تەرتىپكە تىزىلىدۇ؛ نومۇرى تەڭ بولۇپ قالسا ساپ توپ سانى ئاساس قىلىنىدۇ؛ ساپ توپ سانىمۇ تەڭ بولۇپ قالسا ئۇرغان توپ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە ئاساسەن تەرتىپ بېكىتىلىدۇ.

    شاللاش مۇسابىقىسى قائىدىسى: شاللاش مۇسابىقىسىدە كوماندىلار كۈن-تەرتىپكە ئاساسەن مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ، ئۇتقان كوماندا كېيىنكى باسقۇچقا كىرىدۇ، ئۇتتۇرغان كوماندا بىراقلا شاللىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالسا، يەنە 30 مىنۇت ئۇزارتىلما مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 120 مىنۇت مۇسابىقىدىن كېيىن يەنە ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش ئايرىلمىسا، نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق يەڭگۈچى بەلگىلىنىدۇ.

    دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلىنىدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 



    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك