• كىرىستىيانو رونالدو «ئالتۇن توپ»مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-08 11:50
  • كىرىستىيانو رونالدو «ئالتۇن توپ»مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، ياۋروپا «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى، كىرىستىيانو رونالدو رەسمىي ھالدا 2017-يىللىق ياۋروپا «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، ئۇ پارىژدىكى ئېففېل تۆمۈر مۇنارى ئۈستىدە مۇكاپات بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋالدى.

    بۇ مۇكاپات كىرىستىيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى قولغا كەلتۈرگەن 5-قېتىملىق «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى» بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بارسېلونا ھۇجۇمچىسى مېسسى بىلەن تەڭلىشىپ، ئالغان مۇكاپات قېتىم سانى ئەڭ كۆپ توپچىغا ئايلاندى.

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى رونالدو «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» مۇكاپاتىغا شۇنداقلا يەنە 2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا بويىچە «ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    رونالدو 2016/2017-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2 توپ كىرگۈزۈپ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشىغا چوڭ تۆھپە قوشقان، بۇمۇ رونالدونىڭ 4-قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى» بولۇپ مۇكاپاتلاندى، شۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە رونالدو 12 توپ كىرگۈزۈپ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى،  شۇنىڭ بىلەن رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى تۇنجى 6 قېتىم «ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توپچى بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇدا 8 مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 10دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن تۇنجى توپچىغا ئايلاندى.

    بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 6 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزدى، بۇمۇ ھەم يېڭى بىر تۈرلۈك رېكورت ھىساپلىنىدۇ.

    مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن مەخسۇس كىرىستىيانو رونالدونىڭ يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان قىزى ئۈچۈن 5 «ئالتۇن توپ»نىڭ سۈرىتى بېسىلغان مايكىنى تەييارلىغان بولۇپ، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا رونالدو بۇ كىيىمنىمۇ كۆپچىلىككە كۆرسەتتى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك