• تىببىي ئىكسىر شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى كاتتا ئۆتكۈزۈلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-08 04:30
  • تىببىي ئىكسىر شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى كاتتا ئۆتكۈزۈلدى

     2017-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بورۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ تىببى ئىكسىر خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2018-يىللىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش  يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ قېتىملىق  يىغىنغا  شىنجاڭ تىببى ئىكسىر خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى تارماق شىركەت لىدىرى گۈلبوستان خانىم ،  ئۈندىدار سودا يىتەكچىسى شاۋسىنجوۋ  مۇئەللىم ، شىنجاڭ ئەلباي يىمەك ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئالىمجان ئەپەندىم ، شىنجاڭ 老狼客 يىمەك ئىچمەك  سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋۇياپىڭ 吴亚平 ئەپەندىم ،  شىنجاڭ تەبىئى  خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى  ئەمەتجان   ئەپەندىم ،  شىنجاڭ  بۇلاق ئادۇكاتلىق ئورنىدىن ئامىنە خانىم ۋە  شىنجاڭ تىببى ئىكسىر  شىركىتىنىڭ  بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بولۇپ 200گە يېقىن ئادەم قاتناشتى  .



     بۇ قېتىملىق يىغىن  بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە ئىستىمالچىلارنى  ئاساسلق نوقتا قىلغان ۋە  ھەر مىللەت ۋاكالەتچىلەرنى بىرگە گەۋدە قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكەن ئاساستا ،  شىركەت ۋە ۋاكالەتچىلەر ئوتتۇرسىدىكى  ئىشەنچ  سەمىمىيەتنى  يېقىنلاشتۇرۇش  ئاساسىي مەقسىتىدە ، يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئىستىمالچىلارغا بولغان  تەسىرى شۇنداقلا ۋاكالەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن  كىيىنكى  تەرققىياتىغا يېڭى بۇرۇلۇش  نوقتسىنى يۇرۇتۇپ بىرىشنى  مەقسەت قىلغان يىغىن بولۇپ ، يېغىنغا   ئالىبابا گوروھىنىڭ  قۇرغۇچىسى ، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى  مايۈن بىلەن 3 قېتىم كۆرۈشۈش  پۇرسىتىگە  ئىرىشكەن  ، ئۈندىدار سودا ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر دائىرىسى  بار بولغان شاۋسىنجوۋ  مۇئەللىم بىۋاستە قاتناشتى ۋە ۋاكالەتچىلەرگە ئۈندىدار سودىسى بويىچە كەسپى  يىتەكلەش  چۈشەنچە بىرىش قاتارلىق تەربىيلەش  پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ  بېرىپ  ،  شىركەت ۋاكالەتچىلىرىنىڭ  بۈگۈنكى كۈندىكى ئۈندىدار سودىسىنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقى چۈشىنىشىگە ،  ئۆزىنى نامايەن  قىلىشغا يېقىندىن  ياردەمدە  بولدى .


    ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى داۋامىدا  شىنجاڭ تىببى ئىكسىر خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولغان ، ناز گۈلۈم خانىم-قىزلار ئاسراش يۈرۈشلىكى 2-ئەۋلاد يېڭى نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن  نەق مەيداندا  ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاش  پائالىيتى ئۆتكۈزۈلۈپ ، شىنجاڭ تىببى ئىكسر شىركىتنىڭ  شىركەت ئادۇكاتى ئامىنە خانىمنىڭ  نازارەتچىلىكى ئاستىدا ھەرقايسى ۋاكالەتچىلەر بىلەن قانۇنلۇق  توختام تۈزۈلدى بۇ قېتىملىق نەق مەيداندا يىغىلغان ئومۇمىي زاكاس سوممىسى   1 مىليۇن 440 مىڭ يۈەنگە يەتتى.







    ئارقىدىن  ۋاكالەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ،  تارماق  شىركەت لىدىرى گۈلبوستان  خانىم شىركەت  دەرىجىلىك  ۋاكالەتچىلەرگە  ئالتۇن  تاج تاقاپ مۇكاپاتلىدى ۋە  ھەمكارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ، تىرىشچانلىقنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن قايىل قىلارلىق بايان قىلىپ ھەر بىر ۋاكالەتچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.




    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك