• بەش يىل ئىچىدە ئاپتوموبىللارغا پىۋا قاچىلاپ مېڭىش ئەمەلگە ئاشىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-11 01:19
  • بەش يىل ئىچىدە ئاپتوموبىللارغا پىۋا قاچىلاپ مېڭىش ئەمەلگە ئاشىدۇ

    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە برىستول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە ئالىملىرى پىۋا ئىچىدىكى ئالكوھولنى بۇتانولغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېقىلغۇ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بېنزىنغا بېقىنىش ئەھۋالىنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 

    پىۋا تەركىبىدىكى ئالكوھولنى كاتالىزاتور ئارقىلىق بۇتانولغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئالىملار پىۋا ئىشلىتىپ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيە ياساپ بېنزىننىڭ ئورنىغا ئالماشتۇردى، بۇ خىل ئايلاندۇرۇش جەريانى بەش يىل ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىلنى ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىدۇ. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بىز يېقىن كەلگۈسىدە يېڭى تىپتىكى يېقىلغۇ ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىللارنى كۆرەلەيدىكەنمىز. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2022-يىلىغا بارغاندا بۇ خىل يېقىلغۇ ئاساسلىق تىرانسپورت يېقىلغۇ مەنبەسى بولۇپ قالىدىكەن. 

    ئالكوھول ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا بېنزىننىڭ ئورنىغا ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئەمما ئاكوھول بېنزىننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك يېقىلغۇ ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئېنىرگىيە زىچلىقى بەك تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتورنى چىرىتىۋېتىدۇ. ئالىملار قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيە ياساشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى بايقىغان بولۇپ، تەجرىبىخانا شارائىتىدا ساپ سۇسىز ئالكوھولنى بوتانولغا ئايلاندۇرغان. گەرچە ئالكوھول بىلەن بوتانول ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما بوتانولنىڭ يېقىلغۇ ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى.

    بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى پىروفېسسور گاس مۇنداق دېدى: «بوتانولنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلىتىشتىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك شۇكى ئۇنى نۆۋەتتىكى بېنزىن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، تەڭشەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ بېنزىننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان مۇكەممەل يېقىلغۇ.»

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك