• ئېلشات گروىيە شاھىنىTKOقىلىپWBCئاسىيا ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشتى(全程回放)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئېلشات گروىيە شاھىنىTKOقىلىپWBCئاسىيا ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشتى(全程回放)

    ئەلكۈيى تورى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى ، تۆۋەندىكىسى ئېلشاتنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق قايتىلانما فىلىمى 

    ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە 2017-يىللىق WBO قىتئەلەر ئارا مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جوڭشەن شەھەرلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىنىڭ 2-مەيدانىدا  جۇڭگو بوكىس تەنھەركەتچىسى ئېلشات ئەنۋەر ۋە گروزىيە بوكىس شاھى تونېك بىلەن  wbc ئاسىيا بوكىسچىلار بىرلەشمىسى ئالتۇن كەمىرىنى تالىشىپ ، جەمئىي 10 ئۇچرىشىش ئوينىلىدىغان مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئەمدىلا 2-ئۇچرىشىشقا قەدەم قويغاندا، ئېلشات «مۇددەتتىن بۇرۇن» مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رەقىبىنى TKO قىلىپ 2017-يىللىق WBC ئاسىيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر «بوكىس شاھى» مۇسابىقسىدە «ئالتۇن كەمەر»نى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسپىي ھاياتىدا 12 مەيدان غەلىبە قىلىش، 1 مەيدان تەڭلىشىش، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدە 10 مەيدان رەقىبىنى KO قىلىشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتتى.

    2-مەيداندىكى WBC ئاسىيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر «ئالتۇن كەمەر» تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئېلشات گىروزىيەلىك ماھىر تونىك بىلەن ئۇچراشتى. ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېزلا مۇسابىقىگە كىرىشتى. بەدەن جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان تونىك كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، ئېلشات ئۆزىنىڭ چەبدەسلىكى بىلەن مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسى ئارقىلىق رەقىبىگە زەربە بەردى. ئەسلىدە جەمئىي 10 ئۇچرىشىش ئوينىلىدىغان مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئەمدىلا 2-ئۇچرىشىشقا قەدەم قويغاندا، ئېلشات «مۇددەتتىن بۇرۇن» مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رەقىبىنى TKO قىلىپ 2017-يىللىق WBC ئاسىيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر «بوكىس شاھى» مۇسابىقسىدە «ئالتۇن كەمەر»نى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسپىي ھاياتىدا 12 مەيدان غەلىبە قىلىش، 1 مەيدان تەڭلىشىش، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدە 10 مەيدان رەقىبىنى KO قىلىشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتتى.


    كۈچلۈك ئالدى مۇشت، ئارقا-ئارقىدىن ئېتىلغان گۇرۇپپا مۇشتلىرى ئارقىلىق ھەر قېتىمدىلا رىقابەتچىسىنى قىلچە قول ياندۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، تاماشىبىنلارغا ھەقىقىي كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان ھاياجانلىق مۇسابىقە ئاتا قىلغان ئۇيغۇر ئەزىمەت ئېلشات ئەنۋەر. ئېلشاتنىڭ مىجەز-خاراكتېرى كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، تەخىەللۇسى ئېغىر-بېسىق يىگىت. كەسپىي بوكس مەيدانىدا ھازىرغىچە 11 مەيدان ئۇدا غەلىبىنى ساقلاپ كەلمەكتە (ئۈچ قېتىم رىقابەتچىسىنى ئۆرۈۋەتكەن). تېز، دەل، كۈچلۈك مۇشتى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى. ھەممەيلەن ئۇنى «ئۆزى كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق بولغىنى بىلەن بوكس مەيدانىدا مۇشتى «ئېغىر-بېسىق» ئەمەس دېيىشىدۇ.

    ئېلشات ئەنۋەر 1993-يىلى قەشقەردە تەنتەربىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ بۇ يىل 24 ياشقا كىردى ، ئېلشات ھازىرغىچە 12 قېتىم كەسپىي مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ 11 قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە يېڭىپ ، 9 قېتىم ko قىلغان يەنى رەقىبى يەرگە يېقىتىپ يەڭگەن .ئىلشاتنىڭ ئەڭ يېقىنقى مۇسابىقىسى بولسا بۇ يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى  ئاۋىستىرالىيەلىك داڭلىق بوكىس ماھىرى ، ئىككى قېتىم قىتئەلەر ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈرگەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋىستىرالىيە بوكىس شاھى Jayde Mitchell بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا ئېغىرلىق دەرىجىسىدىكى مۇسابىقىسى 


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىقلار جىبو كەسپىنى مەخسۇس تۈزىمەكچى

    1970-01-01 08:00

  • كىچىك چولپان سەفىيەدىن بايراملىق سوۋغا « قونچۇغۇم »

    1970-01-01 08:00

  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00