• ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىسى» شەنبە كەچ ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىلدى(نادىر كۆرۈنۈشلەر)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-21 03:46
  • ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىسى» شەنبە كەچ ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىلدى(نادىر كۆرۈنۈشلەر)

    مۇسابىقە تولۇق فىلىمىنى ئەلكۈيى سالونىنى قوشۇۋېلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ

    2017-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 6:00دىكى 2017/2018-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 17-ئايلانمىسىدا، مەستانىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىسى» ئوينالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئالدىنقى پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونى، «سامان يولى جەڭ كېمىسى» خانلىق مادرىد بېرنابۇ مەيدانىدا بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى سەركىسى، «ئالەم كوماندىسى» بارسېلونانى كۈتىۋالدى. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ئالدىنقى 16 ئايلانمىدا بارسېلونا 13 مەيدان غەلبە قىلىپ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ، مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى، ھەمدە 42 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ بىرلەشمىدە 1-ئورۇندا تۇرماقتا، خانلىق مادرىد بولسا 15 ئايلانما مۇسابىقىدە 9 مەيدان غەلبە قىلىپ، 4 مەيدان تەڭلىشىپ، 2 مەيدان مەغلۇپ بولۇپ 31 جۇغلانما نومۇر بىلەن 4-ئورۇندا تۇرماقتا.

    بۇ ئىككى كوماندا تارىخىتا 270 قېتىم مۇسابىقىلشكەن، بارسېلونا 111 قېتىم غەلبە قىلىپ، 59 قېتىم تەڭلىشىپ، 100 قېتىم مەغلۇپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 235 قېتىملىق رەسمىي مۇسابىقىدە، خانلىق مادرىد 94 قېتىم غەلبە قىلىپ، 49 قېتىم تەڭلىشىپ، 92 قېتىم مەغلۇپ بولغان. بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشدا، خانلىق مادرىد ساھىبخان ۋە مېھمان مەيداندا بارسېلونانى «قوش بوغۇزلىغان».

    مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى، خانلىق مادرىد كاپىتانى راموس كوماندىنىڭ يېقىندا ئېرىشكەن دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى مەستانىلەرگە كۆرسەتتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي رونالدو بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق ئورۇن ھالقىغاچقا بۇ توپ ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلدى، كېيىن رونالدو ياخشى پۇرسەتتىن ئىككىنى تۇتالمىدى، بېنزىما تۈۋرۈك سوقتى. بارسېلونا تەرەپتىن پاۋلىنھو شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا خانلىق مادرىد بارسېلونانى بىسىپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، بىراق يېرىم مەيداندا ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا خانلىق مادرىدتىن كارۋاخال قىزىل كارتا جازاسى بىلەن مەيداندىن چىقىرۋېتىلدى، بارسېلونادىن روبېرتو پاس چىقىرىپ سۇئارېز بىر توپ، مېسسى بىر نۇقتا توپ، ۋىدال بىر توپ كىرگۈزۈپ، بارسېلونا 3-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى، بارسېلونا خانلىق مادرىدتىن بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئارتۇق ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلاردىن 14 نومۇر ئېشىپ كەتتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا بۇرۇنقى ئەسلى بويىچە شەخىسي تېخنىكىسىغا تايىنىپ خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلدى.


    مۇسابىقە باشلىنىشىغا خانلىق مادرىد كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 2-مىنۇتىدا، خانلىق مادرىدتىن رونالدو كاللا توپ كىرگۈزدى، بىراق باش رېپىر ئۇنى ئورۇن ھالقىدى دەپ بۇ توپنى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتتى.


    مۇسابىقىنىڭ 10-مىنۇتىدا، خانلىق مادرىدتىن كروس توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، بىراق مۇداپىئەسىز قالغان رونالدو پۇرسەتنى تۇتالمىدى، بارسېلونا بېكى توپنى تېپىپ چىقىرۋەتتى.


    مۇسابىقىنىڭ 29-مىنۇتىدا بارسېلونا ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى، مېسسى ئوڭ تەرەپتىن توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، پاۋلىنھو بوشلۇقتىكى توپنى قاپقىغا قارىتىپ تەپكەن بولسىمۇ، بىراق ناۋاس توپنى توسۇپ چىقىرۋەتتى.


    مۇسابىقىنىڭ 30-مىنۇتىدا خانلىق مادرىد ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى، رونالدو چەكلەنگەن رايوننىڭ سول تەرىپىدىن قاپقىغا قارىتىپ توپ تەپتى، بىراق بۇ توپنى تېرستېگېن توسىۋالدى.


    مۇسابىقىنىڭ 38-مىنۇتىدا، مېسسى بىلەن پاۋلىنھو ماسلىشىپ توپنى چەكلەنگەن رايون يىنىغا ئېلىپ كەلدى، مېسسى سول تەرەپتىن توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، بىراق ناۋاس پاۋلىنھونىڭ كاللا توپىنى توسىۋالدى.


    مۇسابىقىنىڭ 42-مىنۇتىدا، خانلىق مادرىدمۇ توپنى چەكلەنگەن رايونغا ئېلىپ كەلدى، مارسېلو سول تەرەپتىن توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، بىراق بېنزىمانىڭ كاللا توپى تۈۋرۈك سوقتى. مۇسابىقىنىڭ 45-مىنۇتىدا، مېسسى ئوڭ تەرەپتىن تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقتىدا، بارسېلونادىن مېسسى تەپكەن ئىختىيارىي توپ رونالدونىڭ بېشىغا تېگىپ چىقىپ كەتتى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا خانلىق مادرىدتىكى كوۋاچىچنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولدى، ھەتتا توپ يەتكۈزۈش نىسبىتى %100كە يەتتى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 47-مىنۇتىدا، رونالدو يىراقتىن تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 54-مىنۇتىدا، بارسېلونا قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، مېسسى توپنى روبېرتوغا بەردى، روبېرتو ئوڭ تەرەپتىن توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، مۇداپىئەچىسىز قالغان سۇئارېز بىر توپ كىرگۈزدى.

    مۇسابىقىنىڭ 53-مىنۇتىدا، ناۋاس سۇئارېزنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 56-مىنۇتىدا، كاسېمىرو بىلەن سۇئارېز توپ تالىشىپ ھەر ئىككى توپچى يىقىلىپ چۈشتى.

    مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا، مېسسى پاس چىقاردى، بىراق سۇئارېز تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 59-مىنۇتىدا، راموس قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاچقا سېرىق كارتا جازاسى بېرىلدى.

    مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا، كارۋاخال چەكلەنگەن رايوندا قول توپ قىلغاچقا قىزىل كارتا جازاسى بىلەن مەيداندىن چىقىرۋېتىلدى، باش رېپىر بارسېلوناغا نۇقتا توپ قويۇپ بەردى، مېسسى نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 66-مىنۇتىدا، ناچو بېنزىما بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىدا، مېسسى چەكلەنگەن رايۇندا قاپقىغا قارىتىپ توپ تەپتى، بىراق ناۋاس توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 72-مىنۇتىدا، خانلىق مادرىدتىن بېل بىلەن ئاسېنسىئو كاسېمىرو ۋە كوۋاچىچ بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 73-مىنۇتىدا، توپ بارسېلونادىكى روبېرتونىڭ قولىغا تەگدى، خانلىق مادرىد توپچىلىرى نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق رېپىر بۇنىڭغا ھىچقانداق ھۆكۈم چىقارمىدى. مۇسابىقىنىڭ 77-مىنۇتىدا، ئىنېستا سېمېدو بىلەن ئالمىشىپ چۈشۈپ كەتتى.

    مۇسابىقىنىڭ 79-مىنۇتىدا، تېرستېگېن بېلنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 81-مىنۇتىدا، ناۋاس سېمېدونىڭ توپىنى توسىۋالدى.

    مۇسابىقىنىڭ 81-مىنۇتىدا، خانلىق مادرىدتىن كروس پاس چىقاردى، بىراق تېرستېگېن راموسنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا، ناۋاس مېسسىنىڭ ئادەم ئالداپ ئۆتۈپ تەپكەن توپىنى توسىۋالدى.

    مۇسابىقىنىڭ 93-مىنۇتىدا ۋىدال بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، بارسېلونا 3-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى، ھەمدە مەغلۇپ بولماسلىق قەدىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خانلىق مادرىدتىن 14 نومۇر ئېشىپ كەتتى.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك