• كەلگۈسىدە ئىنسانلار بىلەن ماشىنا ئادەملەر «چاڭلىشىپ» پەرزەنتلىك بولىدىكەن

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-21 03:54
  • كەلگۈسىدە ئىنسانلار بىلەن ماشىنا ئادەملەر «چاڭلىشىپ» پەرزەنتلىك بولىدىكەن

    چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، نوپۇزلۇق سۈنئىي ئىدراك مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈنئىي ئىدراكلىق ماشىنا ئادەم يېقىن كەلگۈسىدە ئىگىسى بىلەن «پەرزەنتلىك» بولىدىكەن. «ماشىنا ئادەم بىلەن بولغان مۇھەببەت» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور داۋىد لىۋىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ۋە سۈنئىي خروموسومدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئاساسلانغاندا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنسانلار ۋە ماشىنا ئادەملەر بالىلىق بولىدىكەن، بۇ بىر «ئېھتىماللىقى چوڭ ئىش» ئىكەن.

    گەرچە دوكتور لىۋىي تېخى ماشىنا ئادەم بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىش ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ كەلگۈسى 100 يىلدا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىكەن! «كۈندىلىك يۇلتۇز گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دوكتور لىۋىي لوندوندا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا بۇ دادىل پەرەزنى ئېلان قىلىدىكەن. ئۇنىڭ پەرىزى يېقىنقى غول ھۈجەيرە، بىيولوگىيەلىك نانومېتىر تېخنىكىسى ۋە ماشىنا ئادەم گېنېتىكا تەتقىقاتىدىكى خۇلاسە ۋە تەھلىللەرنى ئاساس قىلىدىكەن. 

    دوكتور لىۋىي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئوخايو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار بىر خىل نانومېتىر تېخنىكىسى ئۆزىكىنى تەتقىق قىلدى، ئۇ گېن كودىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېرە ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزەلەيدۇ.» ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئۆزەك تېخنىكىسى «تەشكىلىي نانومېتىر ترانسفېكسىيە» دەپ ئاتىلىدىكەن، ماشىنا ئادەمنىڭ گېن كود بىلەن ئىنسانلارنىڭ گېن كودىنىڭ بىللە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىغا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەن.

    دوكتور لىۋېي بىلدۈرۈپ: بەلكىم ناھايىتى تېزلا كەلگۈسىدىكى ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارنىڭ تېرە ھۈجەيرىسىنى ھەقىقىي كونترول قىلىپ، ئىنسانلار ئۇرۇقى بىلەن تۇخۇمىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن ھەمدە ئوخايو ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتى بايقىغان «تەشكىلىي نانومېتىر ترانسفېكسىيە» تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىپ، بىر مۇكەممەل ئىنساننىڭ بەدىنىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىڭدا تۆرەلمە پەيدا قىلىپ، بىر ۋاكالەتچى ئانىنى ھامىلىدار قىلىشى مۇمكىن. ئىشىنىمەنكى، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە ئىنسانلار ۋە ماشىنا ئادەملەر «پەرزەنتلىك» بولالايدۇ، دېدى.

    بۇ تېخنىكا كەلگۈسى 100 يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر «ئېھتىماللىقى چوڭ ئىش». گەرچە كىشىلەر دوكتور لىۋېينىڭ كۆز قارىشى غەلىتە دەپ قارىسىمۇ، لېكىن باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئىلگىرى مۇشۇنداق پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغان قويغان. 

    بۇ يىل ئۆكتەبىردە، Silicon Samantha ماشىنا ئادىمىنى  كەشىپ قىلغۇچى سېرگى سانتوس پەرەز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كەلگۈسىدە ئىنسانلار ۋە ماشىنا ئادەملەر توي قىلىپ، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئەۋلاد قالدۇرۇشى مۇمكىن. بۇ تۇغۇت ماشىنا ئادىمى لايىھەلەش ئەمەس، بەلكى ماشىنا ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېتىقادىنى بىرلەشتۈرۈش.»

    ئاندىن كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئۇچۇرى ئاساسىدا بىر خىل يېڭى سۈنئىي چوڭ مېڭىنى بەرپا قىلىنىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن 3D باسمىلىق سېخىمىنى لايىھەلەيدۇ. سانتوس مۇنداق دېدى : «بەرپا قىلىنغان چوڭ مېڭە ئاساسىدا بىر خىل گېننى ئىشلىتىپ پىروگرامما تۈزىمەن، شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئەخلاق قارىشىغا ئىگە قىلىمەن، گۈزەللىك قارىشى، ئادالەت قارىشى ۋە قىممەت قارشى قوشىمەن. ئاندىن ماشىنا ئادەم بىلەن بالىلىق بولۇش ناھايىتى ئاددىيلىشىدۇ.»

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك