• سۈبى ئابلىمىت جۇڭگودىكى تۇنجى«ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-25 11:06
  • سۈبى ئابلىمىت جۇڭگودىكى تۇنجى«ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى مەخسۇس خەۋىرى:2017-يىللىق «جۇڭگو ئالتۇن توپ مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يەنە بىر ئۈمىدلىك چولپانى ، شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىپىدىن كەلگەن 16 ياشلىق پۇتبولچى سۈبى ئابلىمىت بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا 16 ياشلىقلار ئايرىمىسى بويىچە تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى ، بۇ قېتىملىق «جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى»غا تاللانغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ نامزات  ، سۈبى ئابلىمىت ، نەبىجان ،  تاۋ چىياڭلوڭ قاتارلىقلار بولۇپ ،  سۈبھى ئابلىمىت ئەڭ ئاخىردا يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن  رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ ، تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق پۇتبولچى بولۇپ ئۆزىنىڭ يېڭى تارىخىنى ياراتتى .

    سۈبھى ئابلىمىت مۇكاپات ئالغاندىن كېيىنكى ھېسىياتىنى ئىپادىلەپ، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشىدە، ئۆزىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بارلىق كىشىلەرگىمۇ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تىرىشىپ ئەڭ ياخشى ھالەتنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى مۇسابىقىلەرنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ئەلكۈيى  تورىنىڭ ئېگەللىشىچە ، سۈبى ئابلىمىت غۇلجا شەھەرلىك 12-باشلانغۇچ مەكتەپتىن شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ، ھازىرقى شەندۇڭ لۇنىڭ 15 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى، دۆلەتلىك 15 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولغان .

    تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى باھالاش باسقۇچىغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن بەش نەپەر پۇتبولچى تاللانغان بولۇپ،  ، بۇ بەش نەپەر  توپچى ئىچىدە ، يېشى ئەڭ چوڭ بولغان توپچى بولسا ،  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى  ، پۇتبولچى قەيسەر تاشمەمەت  22 ياش ئىكەن ، يېشى ئەڭ كىچىك بولغان پۇتبولچى بولسا ، شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى  ئابدۇرۇسۇل  ،  سۈبى ئابلىمىت ۋە  شىنجاڭ سۇڭچۇڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىدىن نەبىجانلار 16 ياش بولۇپ ، بۇ ئۈچ نەپەر ئوغلانلىرىمىز دۆلەت 16 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ھېسابلىنىدۇ .


    بىز ئاخىرىدا ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن ، سۈبى ئابلىمىتنىڭ  تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنلىكىنى چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز ۋە سۈبى ئابلىمىتنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلىي ماھارەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ، 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىلىرىدە دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك