• قاتناش ساقچىلىرى ئۈچ كۈندە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 236نى تەكشۈرۈپ چىقتى

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-28 06:15
  • قاتناش ساقچىلىرى ئۈچ كۈندە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 236نى تەكشۈرۈپ چىقتى

     23-، 24-، 25-دېكابىر كۈنلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا بىردەك تۈزەش ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ كۈندە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 236 نى تەكشۈرگەن، ھەمدە كېچىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۈرلۈك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلاردىن 73 مىڭدىن ئارتۇقنى بايقىغان، نەق مەيداندا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ 43 مىڭ قىلمىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 31-دېكابىردىن 1-يانۋارغىچە يەنە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە دائىر قىلمىشلارنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى پىلانلىغان.

      كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى مېھمان كۈتۈش يولى ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى 23-دېكابىر كەچ مىنشىڭ يولى بىلەن ئىتتىپاق يولىنىڭ جەنۇبىدا كېچىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئائىت قىلمىشتىن ئىككىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

      سانجى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى ئوتتۇرا ئەترىتى 23-دېكابىر سائەت 22:00 دە يەنئەن يولى جەنۇبىي ۋۇگۇڭ يول ئېغىزىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئىككى شوپۇرنى بايقىغان.

      قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى 25-دېكابىر سەھەر ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، تەن فامىلىلىك شوپۇر تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئىككى ساقچى ئاپتوموبىلىنى سوقۇۋەتكەن، ھەمدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىنى يارىلاندۇرغان، ساقچىلار ئۇنى ساقچى ئىدارىسىغا ئاپارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكىنى بايقىغان.

    مەنبەسى :ts.cn


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك