• 1-يانۋار باشلاپ بۇ تۆت خىل قائىدىگە خىلاپ قىلمىشقا جەرىمانىلا قويۇلۇپ نومۇر تۇتۇلمايدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-31 10:48
  • 1-يانۋار باشلاپ بۇ تۆت خىل قائىدىگە خىلاپ قىلمىشقا جەرىمانىلا قويۇلۇپ نومۇر تۇتۇلمايدۇ

    2017-يىلى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى يىلنىڭ كىرىشى بىلەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ قاتناش مۇھىتىنى باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى تۆت خىل قىلمىش خاراكتېرى جەھەتتىن ئۇنچىلىك ئېغىر بولماستىن پەقەت جەرىمانىلا قويۇلىدىغان قىلمىشقا تەۋە بولسىمۇ، بىراق يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ، شۇڭا شوپۇر دوستلار چوقۇم بۇ جەھەتتىكى ساۋاتلاردىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.

    1. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئوت ئۆچۈرگۈچ ئالماي يول يۈرۈش

    ئاپتوموبىللارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كېتىش ۋەقەلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، دېمەك ئوت ئۆچۈرگۈچ ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىپ قالسا بۇنى تىزگىنلەش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شوپۇرلار چوقۇم ئاپتوموبىلىغا ئوت ئۆچۈرگۈچ سەپلىشى لازىم، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللاردا ئوت ئۆچۈرگۈچ ئالماي يول يۈرگەن ئاپتوموبىللارغا 100 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىدۇ.

    2. ئاپتوموبىلنى قائىدىگە خىلاپ توختىتىش

    ئاپتوموبىللارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قاتناش توسۇلۇش، بولۇپمۇ ئاپتوموبىلنى قائىدىگە خىلاپ توختىتىش قىلمىشلىرىمۇ بارغانسېرى روشەن گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. بىر قىسىم قاتناش تۈگۈنلىرىدە ياكى يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىلىڭىزنى قائىدىگە خىلاپ توختاتسىڭىز قاتناش ساقچىلىرى ئاپتوموبىلىڭىزغا جەرىمانە تالونى چاپلاپ قويىدۇ، جەرىمانە سوممىسى 200 يۈەن ئىچىدە بولىدۇ.

    3.بېزەك بۇيۇملار

    كۆپلىگەن ئاياللار ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىنى ھەر خىل بېزەك بۇيۇملىرى بىلەن بېزەيدۇ، بىراق بۇلارنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە قىلچىمۇ پايدىسى يوق، ھەتتا بەزىلىرى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىدىغان ئامىلغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، ناۋادا قاتناش ساقچىلىرى ئاپتوموبىلدىكى بىخەتەرلىككە پايدىسىز بېزەك بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ بايقىسا ئوخشاشلا جەرىمانە قويىدۇ.

    4.خالىغانچە كەينىگە بۇرۇلۇش

    بەزى شوپۇرلار كەينىگە بۇرۇلۇش بەلگىسى بولمىغان يول ئېغىزلىرىدىمۇ خالىغانچە تۇتاش سىزىقنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرىدۇ، بۇمۇ جەرىمانە قويۇلىدىغان قائىدىگە خىلاپ قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شوپۇرلار كەينىگە بۇرۇلغاندا ئالدى بىلەن بۇرۇلۇش بەلگىسىگە دىققەت قىلىشى ۋە يول ئەھۋالىغا پىششىق بولۇشى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن بۇرۇلۇشى لازىم.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك