• سۇزۇكى قاتارلىق تۆت شىركەت تويوتا رەھبەرلىكىدىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىتتىپاقىغا كىرىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-02 06:36
  • سۇزۇكى قاتارلىق تۆت شىركەت تويوتا رەھبەرلىكىدىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىتتىپاقىغا كىرىدۇ

    ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدىكى سۇزۇكى، سۇبارۇ، خىنو ئاپتوموبىل شىركىتى، دايخاتسۇ سانائىتى قاتارلىق تۆت شىركەت تويوتا رەھبەرلىكىدىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل (EV) ئاساسي تېخنىكا تەتقىقات شىركىتىگە قوشۇلۇشنى قارار قىلغان. بۇ تۆت شىركەت قىسمەن تەتقىقات خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن ھەمدە 2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ تېخنىك خادىملارنى ئەۋەتىدىكەن. 

    ھەرقايسى تەرەپلەر ئەڭ يېڭى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىنى ئورتاقلىشىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر ياساشقا ماھىر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، ئوتتۇرا تىپلىق ئاپتوموبىل، سودا ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارغا قارىتا زۆرۈر تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىدۇ. 

    سۇزۇكى بىلەن دايخاتسۇ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ياساشقا، سۇبارۇ ئوتتۇرا ھال تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ياساشقا، خىنو بولسا سودا ئاپتوموبىلىنى ياساشقا ماھىر. بۇ كارخانىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يېڭى شىركەت تۈرلۈك تىپتىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ئاساس تېخنىكىلىرىنى تېخىمۇ ئاساسەن ئىگىلىيەلەيدۇ. 

    ھەر بىر شىركەت تەخمىنەن بەش ئەتراپىدا ئادەم ئاجرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېڭى شىركەتنىڭ تېخنىك خادىملىرى 1.5 ھەسسە كۆپىيىپ، 60قا يېتىدۇ. 

    نۆۋەتتە تويوتا بۇ يېڭى شىركەتنىڭ %90 مەبلىغىنى چىقاردى، مازدا بىلەن DENSO بولسا ھەرقايسى %5لىك مەبلەغ چىقاردى. تۆت شىركەتنىڭ بۇ قېتىملىق ئىتتىپاق تۈزۈش كېلىشىمى مەبلەغ چىقىرىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 

    ھەرقايسى كارخانىلار بۇ ئىتتىپاق ئارقىلىق تاۋارلاشتۇرۇش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ياۋروپا-ئامېرىكا ۋە جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك