• جۇڭگو بوكىس ساھەسىنى زىل-زىلگە سالغان شىنجاڭلىق پالۋان مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-03 08:39
  • جۇڭگو بوكىس ساھەسىنى زىل-زىلگە سالغان شىنجاڭلىق پالۋان مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە

    مۇسابىقە بۈگۈن كەچ ئۈستىدىكى ۋىدىئو قويۇش ئورنىدا ئۆزلىكىدىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ


    2018-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنى ئەتە كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5تە داتاڭ ئۆي - زېمىنچىلىقى 2017 جۇڭگو بوكىس شاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ خاڭجۇ بېكىتىدە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى 8-ئالتۇن كەمەرنى  75 كلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ، شىنجاڭدىن بارغان تالانتلىق بوكىسچى توختاربېك تاڭلاتقان بىلەن خۇبېي كوماندىسى ماھىرى ، 2016-يىللىق جۇڭگو بوكىس شاھى ۋېن يىڭ خاڭ تالىشىدۇ . ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى باشتىن -ئاخىرى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىش شەكلىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ  ، تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونىدۇ .


     بۈگۈن چۈشتىن كىيىن 2017 جۇڭگو بوكىس شاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ خاڭجۇ بېكىتىدىكى مۇسابىقە ئوينايدىغان ماھىرلارنى ئېغىرلىق ئۆلچەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ، مۇسابىقىدە ئەتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇسابىقە بولغان توختاربېك بىلەن ۋېن يىن خاڭ بۈگۈنكى ئېغىرلىق ئۆلچەش مۇراسىمىنىڭ ئالاھىدە قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى . 


    ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇڭگو بوكىس شاھى ۋېن يىن خاڭ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : << مىنىڭچە مەن تېخىمۇ كەمتەر ۋە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن تۇرۇشۇم كىرەك ، مەن بۇ قېتىم ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون بولۇش سالاھىيتىم بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشتىم ، مەن چوقۇم ئۆزەمنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالىمەن ، بۇنىڭغا بوكىس سەھنىسى جاۋاب بېرىدۇ >>  .

    توختاربېك تاڭلاتقان مۇنداق دېدى : << مەن مۇسابىقىگە تولۇق كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدىم ، ئەتە كەچتىكى 8 ئايلانمىلىق مۇسابىقە چوقۇم كاتتا بىر مەيدان مۇسابىقە بولغۇسى، ناۋادا مۇسابىقە ھەققىدە چوقۇم بىر نەرسە دىيىشكە توغرا كەلسە ، ۋېن يىن خاڭ ، مەن سىنى KO قىلىمەن >>دېدى.



    چامباشچىلىق سەھنىسى ئۈستىدە ، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ، مەڭگۈ ئارقىغا قايتمايدۇ، 

    چامباشچىلىق سەھنىسى ئاستىدا ، ئۇ بەك ئالدىرىمايدۇ، پۇختا قەدەم بىلەن مېڭىشقا ئادەتلەنگەن.

    2018-يىلى كىرىشى بىلەن ئالدىنقى يىلى جۇڭگو بوكىس ساھەسىنى تېترەتكەن شىنجاڭلىق بوكىس پالۋانى  توختاربېك تاڭلاتقاننىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە 22 يىل ، شۇنداقلا ئۇنىڭ بوكىس ساھەسىگە قەدەم باسقىنىغا 12 يىل بولغان خاسىيەتلىك مىنۇتلار يىتىپ كەلدى . ئەمەلىي تەجرىبىسى مول ، رەقىبىنى مەغلۇب قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بۇ شىنجاڭلىق پالۋان ئەتە 2018-يىلىدىكى تۇنجى جۇڭگو بوكىس شاھلىقى ئالتۇن كەمىرىنى تالىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

    2018-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنى ئەتە كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5تە داتاڭ ئۆي - زېمىنچىلىقى 2017 جۇڭگو بوكىس شاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ خاڭجۇ بېكىتىدە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى 8-ئالتۇن كەمەرنى  75 كلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ، شىنجاڭدىن بارغان تالانتلىق بوكىسچى توختاربېك تاڭلاتقان بىلەن خۇبېي كوماندىسى ماھىرى ، 2016-يىللىق جۇڭگو بوكىس شاھى ۋېن يىڭ خاڭ تالىشىدۇ . ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى باشتىن -ئاخىرى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىش شەكلىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ  ، تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونىدۇ .

    ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك نوقتا شۇكى ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پۈتۈن جۇڭگو بوكىس مەستانىلىرىنى زور قىزىقىش ئىچىدە تەقەززا قىلىۋاتقان بولۇپ ، تېخىمۇ كۆپ كۆرۈرمەنلەرگە ياخشى مەزمۇنلارنى تەمىن ئىتىش مەقسىتىدە ، مۇسابىقىنى چۈشەندۈرۈشكە شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئابدۇرۇسۇل روزى ۋە شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىدىن خەلقئارالىق رېپىر ئەكبەر ئىسلام ئەپەندىم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ، ئەلكۈيى تەنتەربىيەسىدىن مەمەتجان مەتتۇرسۇن ۋە گۈزەلنۇر تۇرسۇنلار داۋاملىق تورداشلار ئۈچۈن خىزمەتتە بولىدۇ .

    ئەتە كەچتىكى باش قەھرىمان توختاربېك بولسا ، نۆۋەتتە دۆلەت كوماندىسىدا 1-نومۇرلۇق تەنھەركەتچى سۈپىتىدە تەربىيلىنىۋاتقان شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىنىڭ ئۈمىدلىك بوكىسچىسى بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ جاپاغا چىداش روھى ، تالانتى بىلەن تېزلىكتە كۆزگە كۆرۈنگەن ، 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ كەسپىي ئىپادىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىنىشقا باشلىغان .

    ئەتە كەچتىكى باش قەھرىمان توختاربېك بولسا ، نۆۋەتتە دۆلەت كوماندىسىدا 1-نومۇرلۇق تەنھەركەتچى سۈپىتىدە تەربىيلىنىۋاتقان شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىنىڭ ئۈمىدلىك بوكىسچىسى بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ جاپاغا چىداش روھى ، تالانتى بىلەن تېزلىكتە كۆزگە كۆرۈنگەن ، 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ كەسپىي ئىپادىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىنىشقا باشلىغان .
     2013 - يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ، 2014 - يىللىق ياشلار خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. ، 2014 - يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان . 2016 - يىللىق خەلقئارا تەكلىپ مۇسابىقىسىدە، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى ، 2016 - يىلى مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (19ياشتىن 23 ياشلارغىچە بولغان قىسمىدا) 3-لىككە ئېرىشكەن ، 2017 - يىلى تىيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس تۈرىدە  2-لىككە ئېرىشكەن ۋە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىسىنى پۈتۈن جۇڭگو بوكىس ساھەسىنى بىر قېتىم قاتتىق زىل-زىلىگە سېلىپ ، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن . دۆلىتىمىز بولىس ساھەسىدە   75 كىلوگراملىقلار بويىچە تېز باش كۆتۈرگەن ، ئەڭ ئۈمىدلىك بوكىسچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئالاھىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك بوكىسچى ھېسابلىنىدۇ . 

    مۇسابىقە باشلىنىشتىن بورۇن بۇ يەردە توختاربېك ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، تېخى 22 ياشقا ئەمدى قەدەم باسقان بولسىمۇ ، توختاربېك ھازىرغىچە 79 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ، 64 مەيداندا غەلبە قىلىپ ، 15 مەيداندا ئۇتتۇرغان ، بوكىس سەھنىسى ئۈستىدە ئىنتايىن باتۇر ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك ، رەقىبىگە ئوت كۈچى خاراكتىرلىك ھۇجۇم قىلىشقا ئۇستا بولغان بوكىسچى ھېسابلىنىدۇ . ئەنە شۇ سەۋەبلىك توختاربېكنىڭ يېقىندىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە بوكىس مەستانىلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى .

    مۇسابىقە ھەققىدە توختاربېك مۇنداق دەيدۇ : << ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىپ چىقىش مىنىڭ نىشانىم ، شۇنداقلا مىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشۈمدىكى ئەڭ چوڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ ،ناۋادا سىز مەندىن سەھنىدە نىمىشقا بۇنچە جېنىڭنى تىكىپ ئېلىشىسەن دەپ سورىسىڭىز ، مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئۈمىد ۋە چېمپىيونلۇقنى ئارزۇسىنى ئەنە شۇ كۈچلۈك كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىمەن دەپ جاۋاب بىرىمەن >> .

    جۇڭگو بوكىس شاھلىقى ئالتۇن كەمىرى ھەققىدە توختاربېك مۇنداق دەيدۇ : جۇڭگو بوكىس شاھلىقى ئالتۇن كەمىرى دۆلىتىمىز بوكىس ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزى كۈچلۈك ، يۇقىرى شان-شەرەپنىڭ سېمۋولى ، مەن ئەلۋەتتە بۇ ئالتۇن بەلباغنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن ، بىراق بۇ پەقەت بىر كىچىك نىشانىم ، بۇنىڭدىن كىيىن مەن داۋاملىق تېرىشىپ ، ئۈزلۈكسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، بوكىس ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمغا يىتىشكە تىرىشىمەن .

    توختاربېك بىلەن ئەتە كەچتە مۇسابىقە ئوينايدىغان خۇ بېي كوماندىسى ماھىرى ، جۇڭگو بوكىس شاھى ۋېن يىڭ خاڭ بۇلتۇر  مەملىكەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ئۇچراشقان بولۇپ ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە توختاربېككە نىسبەتەن بۇلتۇرقى <<ھېساب-كىتاپ>>نى قايتا ئېلىشقا ناھايتى ياخشى بىر پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ .بۇ ھەقتە توختاربېك توختىلىپ تاراتقۇلارغا مۇنداق دەيدۇ :« نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن مۇسابىقىدىن بۇرۇن ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆچ ئېلىش ئۇرۇشى  بار دەپ قارامسىز ؟ >> دېگەنلەرنى سورىدى ، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن . مېنىڭچە مۇشلاشچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئەڭ ياخشى تەييارلىق قىلىش ، ھەر بىر مەيداندا ئۇتۇپ چىقىش مىنىڭ بۇرچۇم ، ھەرقانداق بىر مۇسابىقىدە رىقابەتچىم كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇتۇپ چىقىش ، ئەڭ ياخشى ھالەتتە تەييارلىق قىلىش مىنىڭ نىشانىم.ۋېن يىڭ خاڭ كەسپىي سەۋىيەسى يۇقىرى رەقىبىم ، ئىشىنىمەنكى ، ئەتىدىكى 8 ئايلانمىلىق مۇسابىقە چوقۇم ئەڭ قالتىس بىر مەيدان مۇسابىقە بولغۇسى >> .


    ئەتىدىكى مۇسابىقىنىڭ ھەقىقەتەن بىر مەيدان كەسكىن جەڭ بولىدىغانلىقىدا گەپ يوق ، ئەمدى تېمىنى قارشى تەرەپ ماھىرى 2016-يىللىق جۇڭگو بوكىس شاھى شەرىپىگە ئېرىشكۈچى ، خۇبىي كوماندىسىنىڭ بوكىسچىسى ۋېن يىڭ خاڭغا يۆتكىسەك ، ۋېن يىڭ خاڭمۇ دۆلىتىمىز بوكىس ساھەسىدە نوپۇزى يۇقىرى بولغان بوكىس شاھى بولۇپ ، بوي ئېگىزلىكى 1 مىتىر 84 كېلىدۇ ، بېلەت ئوزۇنلىرى 1 مېتىر 85 سانتىمىتىر ، ھازىرغىچە 26 مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىپ ، 7 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان . 2009-يىلى مەملىكەتلىك ياشلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا ، دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان . جياڭشى ئۆتكۈزۈلگەن 2011-يىللىق مەملىكەتلىك شەھەرلەر تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ، بۇ ئۇنىڭ بوكىس ھاياتىدىكى تۇنجى چېمپىيون بولغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ ، ئۇ بۇ ئارلىقلاردا مەملىكەت ئىچىدىكى كۆپ مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى .

    2014-يىلى ۋېن يىڭ خاڭ مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش  مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە  تۇنجى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى . ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ۋېن يىڭ خاڭ 2016-يىللىق جۇڭگو بوكىس شاھى شەرىپىگە ئېرىشكەن . مەملىكەت ئىچىدىكى 75 كلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ماھىرلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .

    توختاربېك تاڭلاتقان 2017-يىللىق داتاڭ ئۆي مۈلۈكچىلىكى جۇڭگو بوكىس شاھى ئالتۇن كەمەر مۇسابىقىسىگە تاللانغان تۆت ماھىر ئىچىدىن،  ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىچە يىڭىپ يىتىپ كەلگەن ماھىر بولۇپ ، ئۇ 2016 جۇڭگو بوكىس شاھى ۋېن يىڭ خاڭدىن ئالتۇن كەمەر تالىشىش باسقۇچىغا قەدەم باسقان ، ئەتە يەنى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:00 تە خاڭجۇ شەھىرىدە جۇڭگو بوكىس شاھلىقى ئالتۇن كەمەر تالىشىش جېڭى رەسمىي باشلىنىدۇ، ئەلكۈيى تورى مۇسابىقىنى تولۇق بىۋاستە تارقىتىدۇ .



    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك