• نىسسان ھەيدىگۈچىنىڭ ئويىغا ئاساسەن ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-05 03:37
  • نىسسان ھەيدىگۈچىنىڭ ئويىغا ئاساسەن ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ

    نىسساننىڭ ئوي ئارقىلىق ئاپتوموبىل ھەيدەشكە باشقىچە ئىشتىياقى بار، ئىككى يىل بۇرۇن ئۇلار شوپۇرنىڭ ئويىنى ئاپتوموبىلنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا پرويېكسىيەلىگەن ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم CES2018 كۆرگەزمىسىدىكى، نىسساننىڭ يېڭى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى تېخىمۇ بىۋاسىتە بولۇپ، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى ئارقىلىق ئاپتوموبىلنى كونترول قىلالايدىكەن.

    بۇ بىر ئاڭلىماققا ناھايىتى خىيالى بىلىنىدىغان سىستېما، نىسساننىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ B2V ئاتلىق تېخنىكىنى نىسساننىڭ ئەقلىي يول يۈرۈش تەجرىبىخانىسى تەتقىق قىلغان. بۇ تېخنىكا ئىشلەتكۈچىنىڭ مېڭىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرىكەتكە ئاساسەن، ھەيدىگۈچىنىڭ غەرىزىگە ھۆكۈم قىلىدىكەن.

    B2V تېخنىكىسى نۆۋەتتە ئىككى ئىشنى تاماملىيالايدۇ، ئۇ ھەيدىگۈچىنىڭ سۈرەتنى تېزلىتىش ۋە يول ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگە ھۆكۈم قىلالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىستېما ھەيدىگۈچىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى پەرقلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئازادە ھەيدەش ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. B2V ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتوماتىك ھەيدەش بىلەن باغلىنىپ، ئاپتوماتىك ھەيدەشنى تېخىمۇ ئادىمىيلىككە ئىگە قىلىدىكەن.

    لېكىن نىسساننىڭ بىلدۈرۈشىچە، B2V ھەيدىگۈچىنىڭ ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئوقۇيالمايدىكەن، يېڭى تېخنىكا ھەيدىگۈچىنىڭ تەشۋىشىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىكەن، ھەم زۆرۈر تېپىلغاندا تىزگىنلەشنى AI نىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇدىكەن. مەسىلەن، ئەگەر ئاپتوماتىك ھەيدەش ئەگمىدىن ئۆتۈش ياكى ئاپتوموبىلغا ئەگىشىش ھەرىكىتىنىڭ سىزنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكىنى بايقىسا، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ھەيدىگۈچىنى تېخىمۇ ھوشيارلاشتۇرىدىكەن.

    ئادەملىك ھەيدەشكىمۇ B2V نى ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. مەسىلەن، ھەيدىگۈچى رول ۋە تورمۇزنى قوزغاتقاندا، B2V ئادەمدىنمۇ تېز سۈرئەتتە ھەرىكىتى ئاستا ھەيدىگۈچىگە ياردەم قىلىدىكەن. ئېنىقكى نىسساننىڭ بۇ قارا تېخنىكىسى ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىق ۋە ئازادىلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، كېيىنكى مەسىلە شۇكى، قانداق قىلىپ مۇرەككەپ مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى دوبۇلغىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش بولۇشى مۇمكىن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك