• تويوتانىڭ يېڭى نۇسخىدىكى شوپۇرسىز سىناق ئاپتوموبىلى ئېلان قىلىندى

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-05 03:00
  • تويوتانىڭ يېڭى نۇسخىدىكى شوپۇرسىز سىناق ئاپتوموبىلى ئېلان قىلىندى

    تويوتا تەتقىقات ئورنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئەڭ چوڭ تارماق ئورگىنى بولۇپ، يېقىندا ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى شوپۇرسىز سىناق ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئاپتوموبىل لازىر نۇرلۇق رادار، رادار ۋە كامېرا قاتارى سەپلەنگەن لېكساس LS 600hL سىناق ئاپتوموبىلى، تويوتا بۇلتۇر ئىككى قېتىم كۆرگەزمە قىلغان ئاپتوموبىلنىڭ تەكرار ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى، بۇ ئاپتوموبىل كېلەر ھەپتىدىكى لاسۋېگاس CES كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. 

    بۇرۇنقى نۇسخىدىكى تويوتا شوپۇرسىز ئاپتوموبىلىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇقتا كۆزىتىش ئارىلىقى چوڭايتىلغان. تويوتا شىركىتى قارمىقىدىكى Luminar شىركىتى بۇ ئاپتوموبىلغا تۆت دانە يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان LIDAR سېنزورى سەپلىگەن بولۇپ، ھازىر بۇ ئاپتوموبىل 360 گىرادۇسلۇق دائىرىدە 200 مېتىر ئارىلىقتىكى نەرسىلەرنى كۆزىتەلەيدۇ، تويوتانىڭ قارىشىچە، ئۇ يولدىكى كۆزىتىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى شوپۇرسىز سىناق ئاپتوموبىل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

     

    سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، Velodyneنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك LIDAR HDL-64E ئاپتوموبىلىنىڭ كۆزىتىش ئارىلىقى 120 مېتىر، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن LIDAR VLP-16 Puckنىڭ كۆزىتىش ئارىلىقى 100 مېتىر. Velodyne يېقىندا VLP-16نىڭ باھاسىنى يېرىم ھەسسە چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن شپۇرسىز ئاپتوموبىللارنىڭ كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 

    تويوتانىڭ بۇ ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىمۇ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، كامېرا ۋە سېنزور قاتارى ماشىنا لايىھەسىگە تېخىمۇ ياخشى بىرىكتۈرۈلگەن. تويوتا تەتقىقات ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارمىقىدىكى ئىنژېنېرلار CALTY لايىھە تەتقىقاتى ئارقىلىق بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتىپ چىققان، ئۇلار بىر تورۇس ھاۋارايى ۋە تېمپىراتۇرا قوغدىنىش تاختىسى ياساپ چىققان بولۇپ، تۈڭلۈك بۆلۈمچىسىنىڭ پايدىلىنىش بوشلۇقىدىن ئەپچىل پايدىلىنىپ، ئومۇمىي ئېگىزلىكىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى قوشۇمچە زاپچاسلارنى قىسقارتىپ، شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارغا خاس «پىرقىرىغۇچلۇق باك» يەنى LIDAR سېنزورنىڭ ئورنىنى ئالدى. 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك