• قاردىن كېيىن ئاپتوموبىلىڭىزنى زادى قانداق تازىلايسىز؟

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-08 03:36
  • قاردىن كېيىن ئاپتوموبىلىڭىزنى زادى قانداق تازىلايسىز؟

    نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە قېلىن قار يېغىپ، نۇرغۇن ئاپتوموبىللارنى قار ئاستىغا كۆمۈۋەتتى، ئەلۋەتتە بۇنى تازلاپ چىقىرىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

    كۆپلىگەن شوپۇرلار ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئىلگىرى قارلارنى پاكىز تازىلايدۇ، بولۇپمۇ، كۆرۈش دائىرىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئالدى شامال توسقۇچ ئەينىكىنى تېخىمۇ پاكىز تازلايدۇ.

    قاردىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، پەقەت شامال توسقۇچ ئەينەكنىلا تازلىماي بەلكى باشقا ئورۇنلاردىكى قارلارنىمۇ پاكىز تازلاش كېرەك، مەسلەن، ئاپتوموبىل ئۈستىدىكى قارنى تازلىمىغاندا، تورمۇز قىلغاندا ئۈستىدىكى قارلار شامال توسقۇچ ئەينىكىگە سىيرىلىپ چۈشىۋالىدۇ، موتور قاپقىقى ئۈستىدىكى قارلارنى تازلىمىغاندا، شامال يەنىلا ئۇنى ئالدى شامال توسقۇچ ئەينىكىگە ئۇچۇرۇپ ئاپىرىدۇ، يان دېرىزىدىكى قارلارنى تازلىمىغاندا، شوپۇرنىڭ ئەتراپنى كۆزىتىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    بۇ شوپۇر ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستى ۋە ئارقىسىدىكى قارلارنى تازلىمىغان، ئەجىبا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئارقىدىكى ئەھۋالنى كۆزەتمەمدىغاندۇ؟


    بۇ شوپۇرغا تېخىمۇ گەپ كەتمىگۈدەك، پەقەت ئالدى شامال توسقۇچ ئەينىكى بىلەن، ئالدى يان دېرىزىدىكى قارلارنى تازلاپلا يولغا چىقىپتۇ.

    قار ياغقاندا، ئاپتوموبىلنىڭ لاي توسقۇچىغىمۇ نۇرغۇن قار يىغىلىپ قالىدۇ ۋە بەزىدە يولغا، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلاردا چۈشۈپ قالىدۇ، گەرچە كۆپ ھاللاردا دەسسىلىپ كېتىدىغان بولسىمۇ، بىراق تېمپىراتۇرا تۆۋەن ھالەتتە ئاسانلا مۇز تۇتۇپ، يول يۈرۈش قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    قار ياغقان ۋاقىتتا، بەزى شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل يامغۇر سۈرۈتكۈچىسىنى تىكلەپ قويغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى قاردىن كېيىن ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ، شامال توسقۇچ ئەينەك ئۈستىدىكى قارلار ئېرىپ يەنە توڭلىغاندا يامغۇر سۈرتكۈچنىمۇ توڭلىتىپ قويىدۇ. يامغۇر سۈرتكۈچنى تىكلەپ قويغاندا، ئۇنىڭ توڭلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر دىققەتسىزلىكتىن توڭلاپ قالغان بولسا، نورمال تېمپىراتۇرىدىكى سۇنى يامغۇر سۈرتكۈچ ئۈستىگە قۇيۇپ، مۇز ئېرىگەندىن كېيىن سۈرتۈۋەتسەكلا بولىدۇ، بىراق شامال توسقۇچ ئەينەك ئۈستىگە ئىسسىق سۇ قۇيۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا، رېتىمسىز ھالەتتىكى ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىش شامال توسقۇچ ئەينەكنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    بەزى ئىنچىكە شوپۇرلار، قار يېغىشتىن ئىلگىرى قېلىنراق قەغەز بىلەن شامال توسقۇچ ئەينەكنى توسۇپ قويۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن بۇرۇن يىغىلغان قارلار بىلەن قوشۇپلا ئېلىۋېتىدۇ، ناھايىتى قولايلىق. 

    قار ياغقان ھازىرقىدەك سوغۇق كۈنلەردە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ئەگەر سىز كونا شوپۇر بولسىڭىز، تەجرىبىلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك