• ئۈرۈمچىدە قاتناشقا خىلاپلىق قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتىنى يانفوندا زاكاز قىلغىلى بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-10 01:47
  • ئۈرۈمچىدە قاتناشقا خىلاپلىق قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتىنى يانفوندا زاكاز قىلغىلى بولىدۇ

     مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ئەترىتى يېڭى شەھەر رايونى قاتناش چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈندىداردا «ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ساقچى قوغداش مۇلازىمەت سۇپىسى»غا (经开区警保服务平台) ئەزا بولغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتىنى يانفوندا ئالدىن زاكاز قىلالايدىكەن. شۇنداق قىلغاندا كەسپ بېجىرىشكە ئۆچرەت ساقلاش ۋاقتىنى تېجەپ قالىدىكەن، توردا ئالدىن كېلىشكەن ۋاقىتتا قاتناش باش ئەترىتىگە بېرىپ مۇلازىمەت بېجىرسە بولىدىكەن.

      نۆۋەتتە، يېڭى شەھەر رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى، تۇدۇڭخابا رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى، بۇلاقتاغ رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق كەسپ بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان.

      ئىگىلىنىشىچە، زاكاس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، كەسپ بېجىرگۈچىلەر ئالاقىدار كىنىشكىلارنى ئېلىپ، يېتەكچى خادىمغا ئالدىن زاكاز قىلغان ئىسپاتنى كۆرسىتىپ، ئېلېكترونلۇق قائىدىگە خىلاپ كۆزنىكىگە بېرىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدىكەن. 

      مۇخبىرنىڭ يېڭى شەھەر رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئەترەت ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 25 زاكاز قىلىش نومۇرى تارقىتىدىكەن، ئالدىن زاكاز قىلىنغان مۇلازىمەتنى بېجىرىش ۋاقتى دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە بولىدىكەن. چۈشتىن بۇرۇن زاكاز نومۇرى ئالغانلار سائەت 12:00دىن 13:30 گىچە، چۈشتىن كېيىن زاكاز نومۇرى ئالغانلار 18:00 دىن 19:30غىچە كەسپ بېجىرسە بولىدىكەن.

      نۆۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇل سىناق باسقۇچىدا بولۇپ، ئەھۋالغا قارىتا يەنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى مەدەنىيەت سارىيى يولى ۋاقتىنچە تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 6 ئۈزۈك يولدا قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00