• دۆلىتىمىزدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 310 مىليونغا يەتتى

  • يوللىغۇچى : ئاينۇر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-20 03:32
  • دۆلىتىمىزدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 310 مىليونغا يەتتى

    ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر مەملىكىتىمىزدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 310 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ 217 مىليونى ئاپتوموبىل ئىكەن؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ سانى 385 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ سانى 342 مىليونغا يېتىدىكەن.

    يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى 33 مىليون 520 مىڭغا يېتىپ، يېڭى رېكورت ياراتتى

    دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر مەملىكەت مىقياسىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 310 مىليونغا يەتكەن. 2017-يىلى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدا يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنىپ تىزىملانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 33 مىليون 520 مىڭغا، يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى 28 مىليون 130 مىڭغا يېتىپ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان.

    يەتتە شەھەردىكى ئاپتوموبىل سانى ئۈچ مىليوندىن ئاشتى

    2017-يىلى مەملىكىتىمىزدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سانى 217 مىليونغا يېتىپ 2016-يىلىدىكىدىن 23 مىليون 40 مىڭ دانە ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %11.85كە يەتكەن. ئاپتوموبىللارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى سانىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى داۋاملىق يۇقىرىلاپ، يېقىنقى بەش يىلدىلا %54.93تىن %70.17كە يېتىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئاساسىي ئېقىمىنى تەشكىل قىلغان. ئاپتوموبىل تىپىدىن قارىغاندا، يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى 185 مىليونغا يەتكەن، شەخسلەر نامى بىلەن رويخەتكە ئېلىنغان كىچىك ۋە مىكرو تىپلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ (شەخسىي ئاپتوموبىللار) سانى 170 مىليون بولۇپ، يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى سانىنىڭ %91.89نى ئىگىلىگەن؛ يۈك ئاپتوموبىللىرى سانى 23 مىليون 410 مىڭغا، يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان ئاپتوموبىل سانى ئۈچ مىليون 100 مىڭ بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن؛ تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ 53 شەھىرىدىكى ئاپتوموبىللارنى سانى بىر مىليوندىن ئاشقان، 24 شەھەردىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سانى ئىككى مىليوندىن ئاشقان، بېيجېىڭ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، شاڭخەي، سۇجۇ، جېڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق يەتتە شەھەردىكى ئاپتوموبىللارنڭ سانى ئۈچ مىليوندىن ئاشقان.


    غەربي رايوندىكى ئاپتوموبىل سانىنىڭ ئېشىشى باشقا رايونلاردىن تېز

    2017-يىلى شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم ۋە غەربىي قىسىملاردىكى ئاپتوموبىل سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 155 مىليون 440 مىڭ، 90 مىليون 60 مىڭ، 64 مىليون 360 مىڭ بولغان بولۇپ، مەملىكەتتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %50.17، %20.96، %20.77كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان كۆپەيگەن ئاپتوموبىل 19 مىليون 630 مىڭ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %19.33 بولۇپ، شەرق ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى %14.61 ۋە %16.65تىن يۇقىرى بولغان.

    نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرى جانلاندى

    2017-يىلى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نامىنى يۆكەش رەسمىيىتىدىن 19 مىليون 420 مىڭى بېجىرىلىپ، 2016-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 25 مىليون 650 مىڭى ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %15.21 بولغان. ئىستاتىستىكا ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نامىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملاش كەسپى يىلىغا ئىككى مىليون 180 مىڭلىق سۈرئەتتە سىجىل ئاشقان. بۇ نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرى بارغانسېرى جانلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.


    شوپۇرلۇق سىتاژى بىر يىلغا توشمايدىغان شوپۇرلارنىڭ سانى 30 مىليون 450 مىڭغا يەتتى

    ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ سانىمۇ ماس قەدەمدە تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، يېقىنقى بەش يىلدىكى ئېشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 24 مىليون 670 مىڭغا يەتكەن. 2017-يىلى مەملىكەت مىقياسىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ سانى 385 مىليونغا يەتكەن، ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ سانىدىن 342 مىليونى ئېشىپ ئومۇمىي شوپۇر مىقدارنىڭ %89.06نى ئىگىلىگەن. شوپۇرلارنىڭ جىنىس ئايرىمىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەر شوپۇرلارنىڭ سانى 260 مىليون بولۇپ، %71.21نى ئىگىلىگەن؛ ئايال شوپۇرلارنىڭ سانى 111 مىليون بولۇپ، %28.79نى ئىگىلەپ، 2016-يىلىدىكىدىن %1.56 ئاشقان. شوپۇرلارنىڭ سىتاژىدىن قارىغاندا سىتاژى بىر يىلغا توشمايدىغان (يېڭىدىن پىراۋا ئالغان) شوپۇرلارنىڭ سانى 30 مىليون 450 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي شوپۇر سانىنىڭ %7.94نى ئىگىلىگەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك