• ھىندىستان «دۆلەت گۆھىرى» ئامىر خاننىڭ رىۋايەتلىك ھاياتى سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-22 11:17
  • ھىندىستان «دۆلەت گۆھىرى» ئامىر خاننىڭ رىۋايەتلىك ھاياتى سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ

    \شۇنداق بىر كىشى بار، ئۇ پۈتكۈل بوللىۋودنىڭ بارلىق خاس بەلگىسىنى «كۆتۈرەگە» ئېلىۋالغان، شۇنداق بىر كىشى بار، ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا، تۇنجى بولۇپ «غورۇر» دېگەن نام ئېسىگە كېلىدىغان... ئۇ دەل ھىندسىتاننىڭ دۆلەت گۆھىرى، ئارتىس، ئامىر خاندۇر. ئۇنى بىر تالانت ئىگىسى دېسەك ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.

    ئامىر خان سېپى ئۆزىدىن ھەقىقىي ئىككىنچى ئەۋلاد چولپاندۇر.

    1965-يىل 14-مارت، ھىندىستان بومبايدا بىر ئوغۇل بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى، ئۇ دەل ئامىر خاندۇر.

    ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغىنىدەك، ئامىر خان جەمەتى سېپى ئۆزىدىن كىنو-تېلېۋىزىيە جەمەتىدۇر. ئۇنىڭ دادىسى داڭلىق كىنو فىلىم ئىشلىگۈچىسى، تاغىسى قوشۇمچە ئارتىس، رېژىسسور، ئىنىسى فېسار خانمۇ ئارتىس. ئۇنىڭ يەنە بىر جىيەنى ئىلھام خانمۇ رېژىسسور بولدى، ھە راست، ئۇنىڭ رېژىسسور تاغىسىنىڭ ئىسمى ناسىر ھۈسەيىن.

    ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ ئادەمنىڭ «كارۋان» ناملىق كىنوسىنى ئاپام ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى كىچىك ۋاقتىدا ئوغرىلىقچە كۆرەتتىكەنتۇق. (ھازىر بۇ كىنونى تېلېۋىزوردا قويسا، ئاپام بۇنداق كۆرەلەيدىغىنىمنى بىلگەن بولسام، ھەرگىزمۇ ئوغرىلىقچە كۆرمەستىم، دەيدۇ)

    شۇڭلاشقىمىكىن، ئامىر خاننىڭ كىنو سەپىرىمۇ ناھايىتى بالدۇرلا باشلاندى. ئۇ سەككىز يېشىدا ھاياتىدىكى تۇنجى كىنو «Yaadon Ki Baraat»دا رول ئېلىپ، بىراقلا «پورەكلەپ» ئېچىلىشقا باشلىدى.

    بىراق، بالا چولپان بولسىلا، چوقۇم ئارتىسلىق يولىغا قەدەم باستى دېگەنلىكمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس!

    ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان يولنى تاللىغان ئامىر خان.

    يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزگىچە خاراكېتىرگە ئىگە ئامىر خان تېننىس توپ بىلەن تاختا توپقا بۆلەكچىلا «ئاشىق» بولۇپ قالدى ھەتتا تېخى ھىندىستان ماخاراشترادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر تېننىس  توپ يەككە تۈرى بويىچە چېمپىيونمۇ بولدى. ئىشقىلىپ، مۇنەۋۋەر ئادەملەر نېمىلا قىلسا مۇنەۋۋەر بولىدىكەن.

    1988-يىلى، 23 ياشلىق ئامىر خان ئاخىرى سەنئەت يولىغا قايتىپ كەلدى. «سىز ھەمىشە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۆزىڭىزگە نېمىنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرىسىز، بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ، شۇنداققۇ؟»، دېگىنىچە، ئىلگىرىكى بالىلىقتىكى «شوخلۇق»لىرى ئۈستىدە ئويلاندى.

    شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى ئۇ نەۋرە ئىنىسى مەنسۇر خاندا رېژىسسورلۇق قىلغان «زېمىن» (冷暖人间) ناملىق كىنودا باش پېرسوناژ راجنىڭ رولىنى ئالدى.

    1989-يىلى ئامىر خان بەدئىي فىلىم «كۈنلەرنى تۈتۈنگە ئوخشاش ئۆتكۈزۈۋەتكۈم يوق» (灰飞烟灭) ناملىق كىنودا قىساسكار ئەرنىڭ رولىنى ئېلىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان دۆلەتلىك كىنو مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. چىراي دېسە چىرايى، رول ئېلىش ماھارىتى دېسە رول ئېلىش ماھارىتى بار بۇ كېلىشكەن يىگىت «چولپان» يولىدا ماڭماي ئەكىسچە، ھەقىقىي كىنو تالانتىنى جارى قىلدۇردى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بۇ كىنوسىنى كۆرۈپ باققان ساۋاقداشلار ئامىر خاننىڭ شۇ يىللىرى تېخى تارتىنچاق «شوركا» ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيدۇ.

    «كۈنلەرنى تۈتۈنگە ئوخشاش ئۆتكۈزۈۋەتكۈم يوق»دىن كېيىنكى تۆت يىلدا، ئامىر خان ئارقا-ئارقىدىن «يۈرەك سۆزلەيدۇ، پۇل ئەمەس» (讲心不讲金) ، «يەڭگۈچى شاھ» (胜者为王) قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغاندا، «ۋاۋ» دېگۈدەك نەتىجە ياراتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ «مەن مۇشۇنداقلا رول ئېلىپ ئۆتۈپ كەتسەم بولمايدۇ، ئۆزگىرىشىم كېرەك» دېگەنلەرنى قارار قىلىپ، 1993-يىلى سېنارىيە يېزىشنى سىناپ باقتى.

    ئۇنىڭ قالتىسلىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ.

    1996-يىلى ئامىر خان «ھىندىستانلىق راج» ناملىق كىنوغا قاتنىشىپ، يەتتىنچى قېتىم نامزاتلىققا كۆرستىلىگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم Filmfareنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. (بۇ مۇكاپات بەئەينى ھىندىستان ئوسكار مۇكاپاتىدەكلا ئەڭ كاتتا مۇكاپاتتۇر)

    1998-يىلى، ئامىر خان  «گۇلام»نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ناخشىچىسىغا ئايلىنىپ، «AatiKyaKhandala» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ، Filmfareنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋۋەر يېڭى ناخشىچى مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتى.

    2002-يىلى، ئامىر خان مۇھەببەت كىنوسى «ھىندىستاندىكى ئىشلار»نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولدى ھەمدە ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلى فىلىمى نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلدى.

    2005-يىل ئاۋغۇستا، ئامىر خان تۆت يىل تەييارلىق قىلىپ، ئۆزى باش رول ئېلىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان «زوراۋانلىققا قارشى تۇرغۇچى قەھرىمان抗暴英雄» قويۇلدى. ئۇ بۇنىڭدا مىللىي قەھرىمان مانكابەندىنىڭ رولىنى ئېلىپ، پۈتكۈل ھىندىستاننى «تىتىرتىۋەتتى».

    2006-يىلى ئامىر خان «芭萨提的颜色باسانتىنىڭ رەڭگى» ناملىق كىنودا دالجىتنىڭ رولىنى ئېلىپ، يەنە بىر قېتىم Filmfareنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

    قالتىس ئادەملەرنىڭ قالتىسلىقى شۇ يەردىكى، ئۇلار ھەرگىزمۇ ھازىرقى ھالىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

    2007-يىلغا كەلگەندە، ئامىر خان رېژىسسورلۇق ھاياتىنى باشلاپ، «زېمىندىكى يۇلتۇزلار地球上的星星» ناملىق رەسىم ئوقۇتقۇچىسى نىكنىڭ ھېكايسى سۆزلىنىدىغان كىنوغا رېژىسسورلۇق قىلىپ، Filmfareنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يەنە تېخى ھىندىستانغا ۋاكالىتەن ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلى كىنوسىغىمۇ يۈرۈش قىلدى.

    2009-يىلى ئامىر خان ئىلھامبەخش، كومېدىيەلىك كىنو «ئۈچ ئەخمەق三傻大闹宝莱坞»تا ھىندىستاندىكى باي ئائىلىنىڭ قازا قىلغان باغۋەنىنىڭ ئوغلى رانچونىڭ رولىنى ئالىدۇ. بۇ كىنو بوللىۋود كىنوچىلىقىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى نەتىجىسىنى ياراتتى، ئۇنداقتا، بۇ كىنونىڭ كىلاسسىك دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟ جاۋابى شۇكى، ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ كىنودا سىز ئەزەلدىن ئارىلىقتا توختىتىپ قويۇپ، ھاجەتكە چىقىشنىمۇ ئويلاپ باقمايسىز.

    قالتىس ئادەمنىڭ قالتىسلىقى شۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ھازىرقى ھالىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئامىر خان دەل مۇشۇنداق قالتىس ئادەم. 2012-يىلى ئامىر خان «ھەقىقەت ھەققىدە سۆھبەت真相访谈» ناملىق تېلېۋىزىيە پىروگىراممىسىدا، ھىندىستاننىڭ ئەرلەرنى ئەزىز كۆرۈپ، ئاياللارنى خار كۆرىدىغان، ھامىلە قىز بولسا مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىدىغان، بالىلار جىنىسي پاراكەندىچىلىكى، غايەت زور تويلۇق مېلى، ئائىلە زوراۋانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، «ھىندىستان غورۇرى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

    2013-يىل 20-دېكابىر، ھەرىكەتلىك فىلىم «ئۇچقۇر ئوغرى 3幻影车神3» پۈتۈن دۇنيادا ماس قەدەمدە قويۇلدى. ئامىر خان بۇنىڭدا ساخىر ۋە سامار ئىسىملىك قوشكېزەكلەرنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئاجايىپ «ئاخسا» ھالىتىنى نامايەن قىلدى.

    2014-يىلى ئامىر خان فانتازىيەلىك كومېدىيە كىنوسى «My God»تا ئىنسانلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن يەرشارىغا كېلىپ، ئالەم ئۇچار كېمىسىدە ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان راجاستان ئىشتاتى قۇملۇقىدىكى تاشقى پىلانېت ئادىمى PKنىڭ رولىنى ئالدى. ئەگەر بۇ كىنونى سىز تا ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا دەرھال كۆرۈڭ، يەنە بىر قېتىم قايىل بولماي قالمايسىز.

    2016-يىل، 23-دېكابىر، ئامىر خان باش رول ئالغان يېڭى كىنو «دانگال» ھىندىستاندا قويۇلغاندا، بۇ كىنونىڭ دوۋبەندىكى ئېرىشكەن نومۇرى 9.1غا يېتىپ، مەيلى ھىندىستاندا بولسۇن ياكى دۆلىتىمىز بازىرىدا بولسۇن ھەممىسىدىلا بېلەت كىرىمىنى «سۈپۈرۈپ» تاشلىدى.

    2018-يىل 19-يانۋار، ئامىر خان تاغىمىز «سىرلىق گىگانت چولپان» فىلىمى بىلەن يەنە يېتىپ كېلىپ، مىجەزى غەلىتىلا، «تايىقى كام»، ئاجايىپ كېلىشكەن چولپاننىڭ رولىنى ئېلىپ، ھەممەيلەنگە ھەم كۈلكە ھەم يىغا تەقدىم قىلدى.

    ئامىرخان(Aamir Khan) ھىندىستان بوللىۋودتنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى، ئاتاقلىق رىژىسورى شۇنداقلا داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولۇپ، 8ياش ۋاقتىدىن باشلاپ رول ئىلىپ ھىندىستان كىنو ساھاسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇزغا ئايلىنىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئىستىقبالى ئەڭ پارلاق بالا چولپان دەپ تەرىپلەنگەن. 

    بىراق ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن كىنوچىلىق كەسپىگە قىزىقماي، پەي توپ كەسپىگە كىرىشىپ كەتكەن، لېكىن بۇمۇ بىر خاتالىق بولماستىن ئۇ بۇ كەسپتىنمۇ شەرەپكە ئېرىشىپ، ماخالاسېتنلابا فېدېراتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پەي توپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ پەي توپ كەسپىدىن بارا-بارا ۋاز كېچىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئېكران ھاياتىغا قايىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ كىنوچىلىقتا بىزگە بەرگەن تەسىرى كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇ سەھنە ھاياتىغا قايىتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان ئوبرازلارنى ھەققى يورۇتۇپ بىرىپ دۇنيا كىنو ساھەسىگە يىڭى ئۈمىد بېغىشلىدى.

    ئامىرخاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    تولۇق ئىسمى: Khan Aamir Hussain (ئامىر.ھۆسىيىن.خان) 

    قوللىنىدىغان نامى : Khan Aamir 

    تۇغۇلغان ۋاقىتى: 1965-يىل3-ئاي 14-كۇنى

    مۆچىلى: ھوت يۇلتۈز تۈركۈمى

    بوي ئىگىزلىكى: 168 سانتمېتىر

    دىنىي ئىتىقادى: ئىسلام دىنى

    يۇرتى: ھىندىستان

    تۇغۇلغان يەر: بومباي بەندلاجىش جەمەتى دوختۇرخانىسى

    ئانىسى: Zeenat Hussain

    دادىسى: Tahir Hussain

    ئىنى-سىڭىللىرى: ئىنىسى Faizal ۋە Hyder Ali Khan، 

    سىڭلىسى: Nikhat ۋە Farhad

    نىكاھلىنىش ئەھۋالى: توي قىلغان

    ئايالى: Kiran Rao

    ئالدىنقى ئايالى Reena Dutta(ھىندى مۇرىتى، Aamir ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدىكى قوشنىسى)

    پەرزەنتى: ئوغلى Junaid، قىزى Ira ۋە بىقىۋالغان قىزى Reena Dutta

    ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا: كونا ھىندىستان مۇزىكىسى

    ياخشى كۆرىدىغان تاماق: ھىندىچە Moghla قورۇمىسى

    ياخىشى كۆرىدىغان رەڭ : قارا رەڭ

    ياخىشى كۆرىدىغان كىنو: Pyaasa

    ياخىشى كۆرىدىغان يازغۇچى: لىف تولستوي

    ياخىشى كۆرىدىغان ئەتىر: زۇف

    چوقۇنىدىغان ئەر: Raghuvir Yadav ,Om Puri,Naseer, Dilip Kumar

    چوقۇنىدىغان ئايال: Waheeda Rehman,Geeta Bali,Madhubala,Sridevi

    ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان مۇزىكا: كونا مۇزىكىلار

    كەسپى: بوللىۋود چولپىنى، رىژىسور، فىلىم ئىشلىگۈچى

    بىلىدىغان تىلى: ئىنگلىز تىلى ، ئوردۇ تىلى

    ئالاقىلىشىش ئادرېسى: 11 Bela Vista Apartments PaliHill,Bandra,Mumbai 400050

    ئامىرخان ھىندىستاندىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ بىر كىنوچىلىق كەسپى ئائىلسىدە تۇغۇلغان دېيىشكە بولىدۇ. دادىسى TahirHussain نىڭ داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولۇپلا قالماستىن، بوۋىسى NasirHussainمۇ ھىندىستاندىكى داڭلىق رىژىسور شۇنداقلا كەم تېپىلىدىغان فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرى. دۆلىتىمىز تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق فىلىم <<كېلىن يۆتكەش>> ئامىر جەمەتىنىڭ ئەسىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

    ئامىرخاننىڭ رومانتىك ياشلىق ھاياتى ئۇنىڭ فىلىم ئىشلىشى ئۈچۈن خام ماتېرىيال بولغان. ئۇ 21ياش ۋاقتىدا قوشىنىسنىڭ قىزىنى ياخىشى كۆرۈپ قالىدۇ. بىراق دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن (قىزنىڭ ئائىلىسىدىكلەر ھىندى دىنى مۇرتلىرى، ئامىرخاننىڭ ئائىلىسىدىكلەر بولسا بىر ئەنئەنىۋى مۇسۇلمان) ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدا نىكاھقا قارشى تۇرۇش ئەھۋالى يۈز بىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ 2ياش قېچىپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ بەختىلىك تۇرمۇشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، ئۇلار دائىم ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھىندىستاندىكى پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھىندى دىنى مۇرىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىختىلاپىنى كۈچەيىتىۋىتىدۇ. 2002-يىلى12-ئايغا كەلگەندە ئامىرخان ئالدىنقى ئايالى بىلەن ئاجىرىشپ كېتىدۇ ھەمدە 2005-يىلى 12-ئايدا ھازىرقى ئايالى Kiran Rao بىلەن توي قىلىدۇ. 

    ئامىرخان ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئايالى 

    ئامىرخان ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى

    2009-يىلى ئۇ باش رول ئالغان <<ئۈچ ھاماقەت>> ناملىق فىلىمى يەرشارىدا كەڭ-كۆلەمدە قويۇلغاندىن كېيىن، جوڭگودىكى نەچچە يۈزمىڭلىغان تور مەستانىلىرى نىمىنىڭ ھەقىقىي ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ، ئەمدىلا 45ياشقا كىرگەن بۇ تالانتىلىق چولپاننىڭ قابىلىيىتىنى تونۇپ يەتكەن.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامىرخان جوڭگودىكى تورداشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چوقۇنۇدىغان <<مەبۇدىسى>> غا ئايلانغان. 


    ئامىرخانغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگە بولغان <<سىرلىق ئۈلۈم>>، << يەرشارىدىكى ئاقار يۇلتۇز>>، <<باستېدىكى قورقۇتۇش >>، <<ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار>> قاتارلىق فىلىملىرى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم بۇرۇنقى ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تونۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ تالانتى ئۇنى <<مەبۇد>>قا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ كىنو ساھەسىدىكى شىرىن چۈشىنى رېئاللىقىغا ئايلاندۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدى.

    ئوقۇش تارىخى: باشلانغۇچنى ھازىرقى BandraنىڭSt Annes High School ئوقۇغان، 8-يىللىققا چىققاندا Bombay Scottish School گە يۆتكىلىپ شۇ يەردە ئوقۇغان. ئالىيى مەكتەپ جەھەتتە Narsee Monjee Collegeنى پۈتتۈرگەن.

    كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخى

    يەر شارى خاراكتىرلىك جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى <<يەرشارىدىكى بىر سائەت >>نىڭ ھىندىستانلىق باش ۋاكالەتچى باياناتچىسى.

    ئامىرخان 8ياش ۋاقتىدا تاغىسى ئىشلىگەن << Yaadon Ki Baraat >> فىلىمىدە تۇنجى قېتىم رول ئالغان. 1988-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆزى <<كىشىلەر ئارسىدىكى رەھىم شەپقەت>>فىلىمىدە باش رول ئىلىپ ئۆزىنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىغا ئۇل سالدى. بۇ فىلىمغا ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى MansoorKhan يىتەكچىلىك قىلغاچقا، بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن ياخىشى بولغان سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى، تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ فىلىم ھىندىستاننىڭ كىلاسىك فىلىملىرى سۈپىتىدە قويۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. 1989-يىلى ئۇ رول ئالغان <> فىلىمى قويۇلغاندىن كېيىن زور ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ كىنوچىلىق ساھاسىدىكى ئوبرازىنى يەنىمۇ بىر قېتىم نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇ فىلىم ھىندىستان ھۆكۈمىتى كىنو-فىلىم باھالاش كومىتىتى تەرىپىدىن ئەڭ ياخىشى ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدىن 90-يىللارنىڭ بېشىغىچە ئۇ يەنە <<ھەققانىيەت سۆزلىيەلمەيدۇ>> (1990-يىل)،<< Dil Hai Ke Manta Nahin >> (1991-يىل)، << JoJeeta Wohi Sikandar >> (1992-يىل)، <<بىرىنچى سەپتىكى مۇھەببەت>> (1993-يىل) ۋە << Rangeela >> (1995-يىل) قاتارلىق فىلىملاردا رول ئىلىپ، بۇ فىلىملەرنىڭ بېلەت كىرىمى ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ ياخىشى سەۋىيىنى ياراتتى. 1993-يىلى ئىشلىگەن << بىرىنچى سەپتىكى مۇھەببەت >>فىلىمنىڭ سېنارىيىسىنى ئامىرخان ئۆزى يېزىپ چىققان ئىدى. 96-يىلى ئۇ ئىشلىگەن <<ھىندىستانلىق راجا>> ناملىق فىلىمى 90-يىللاردىكى فىلىملەر ئىچىدە بېلەت كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغان ئۇچ چوڭ فىلىمنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ، ئۇنىڭ ئىسمى دۇنيا كىنو چولپانلىرىنىڭ ئىچىدە 7-قاتارغا تىزىلىپ تۇنجى نۆۋەتلىك filmfareنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 98-يىلى ئۇ يەنە << گۇھخلام >> ناملىق كىنو ناخىشسى ئوقۇپ، ئۆز جەمەتى ئىشلىگەن << AatiKyaKhandala >>فىلىمىنىڭ كىنو ناخشىنى تۇنجى بولۇپ ئۆزى ئورۇنلىدى ھەمدە تاماشىبىنلار ياقتۇرۇشىغا نائىل بولۇپ، filmfareنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچى مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتى. 1999-يىلى ئۇ نەچچە قېتىملىق كىنولاردا رول ئىلىپ پىشقاندىن كېيىن، <> فىلىمىدە بىر ساقچىنىڭ رولىنى ئىلىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ياخىشى باھاسىغا ئېرىشىنى؛ ئايال رىژىسور Deepa Mehtaنىڭ تارىخى ھۆججەتلىك فىلىمى <<1947-يىلدىكى زېمىن >>دە ھىندىستان-پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىن ماجىراسى باش تېما قىلىنغان ۋەقەلىكىنى تېخىمۇ بەدىئى ئوبرازى ئارقىلىق يورۇتۇپ ئۆز تالانتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.ئامىرخان بۇ فىلىمدە تۇنجى بولۇپ سەلبى رول ئىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ رول ئىلىش جەھەتتىكى كامالەتكە يەتكەن تالانتىنى كۆرسىتىپ پۈتۈن جاھان ئەھلىنىڭ ياخىشى باھاسىغا ئېرىشىنى. ئادەتتە ھىندىستاندا چولپانلارنىڭ بۇنداق ئۇسۇلدا سەلبى رول ئىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

    ئامىرخان ئۆز قابىلىيتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل يېڭىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھىندىستاننىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ھېكايە فىلىم، ھەركەتلىك فىلىم، فانتازىيىلىك فىلىم ۋە مۇھەببەت فىلىملىرىدە ئوخشاش بولمىغان ئىجابى ۋە سەلبى روللارنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئورۇنداپ كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى ھىندىستانلىق بىرىنچى دەرىجىلىك چولپان ۋە چاقنىغان يۇلتۇز، ئەڭ داڭلىق يۇقىرى كىرىملىك ئارتىس بولۇشتەك تارىخىنى ياراتتى (ئۇنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرى ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور پايدا ياراتقان فىلىم بولۇپ باھالانغان) ، كىنو ساھاسىدىكى چوقۇنغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان مۇكەممەل بىر داڭلىق چولپانغا ئايلانغان. 

    بىراق ئۇ بۇگۈنكىدەك غايەت زور تەسىرى كۈچى ۋە ئىگىلىكى ئۈستىدە توختالغاندا: <<يەنە قانچىلىك ئىگىلىكىنىڭ بولۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئىگىلىكتىن قانداق پايدىلىنىشتا دەپ قاراپ، نام چىقىرىشنى، مال-مۇلكىنى كۆز-كۆز قىلىشنى ئويلاشماي جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ياردەمگە موھتاج بولغانلارغا ياردەم قولىنى سوزۇشنى بىردەممۇ توختىتىپ قويمىغان. ئۇ پەقەت شۇنداق قىلىشلا ھەققى ئەرزىيدىغان ئىش>>دېگەن .

    ئامىرخان مەيلى نام چىقىرىش، مەيلى فىلىم ئىشلەشتە بولسۇن ھەمىشە ئىشلارغا بەكلا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇ ھەر قانداق بىر كىنودا رول ئالغاندا ئىشلەتكەن ئۇسلۇبىنى ئىككىنچى بىر كىنونى ئىشلەشتە قوللانمايدۇ.

    ئۇنىڭ ئۆزگىچە پىلانى بار بولۇپ، بىر يىلدا پەقەت 1دىن 2گىچە فىلىمىنى ئىشلەيدۇ. باشقا ھەر قانداق كېلىشىم ۋە ئاخىرلاشمىغان كىنو بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ھەممىنى رەت قىلىۋىتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بوللىۋودتا قاتتىق قول چولپان دېگەن نامى بار . ئۇنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل پوزىتسىيى كۆڭۈل ئېچىش ساھاسىدىكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ماختىشىغا ئېرىشكەن. 20نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ رول ئالغان فىلىملەر100گە يەتمىسىمۇ، بىراق IMDB تور پونكىتى ئۇنىڭغا كىنو ئىشلەش پىشۋاسى دېگەن نامنى ئاتا قىلغان. ئامېرىكا <<دەۋر>>ھەپتىلىك ژۇرنىلى ئۇنىڭغا ھىندىستاننىڭ شەپقەتچىسى دېگەن ئاتاقنى بەرگەن.

    2002-يىلى ئۇ مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن <<ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار>>ناملىق فىلىم خەلىقئارا ئەڭ ياخشى شان-شەرەپكە نائىل بولۇپ، دۇنيا ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ چەتئەل تىلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ، ئاسىيادىكى بىردىن-بىر ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەتئەل تىلدىكى فىلىم ۋە ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ قالغان. بىراق بۇ فىلىم ھازىرغا قەدەر غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ھىندىستاننىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك كلاسسىك فىلىملىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تولۇق ئىتراپ قىلىنمىغاچقا ، باھالاش نەتىجىسى ئامىرخاننى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا بۇ دۆلەتتىكى قوللىغۇچىلىرى ۋە چوقۇنغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ ئەر رولچى بولۇپ Filmfareنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 

    شۇندىن كېيىن ئۇ قەيسىرانە ئىلىشىش روھى بويىچە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن، ھىندىستان ياشلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولغان ھازىرقى زامان مېلودىيىسى ئاساس قىلنغان <<يۈرىگىمنى قايتۇرۇپ بەر>>ناملىق فىلىمنى ئىشلىدى، نەتىجىدە بۇ فىلىم ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە قويۇلغاندىن كېيىن كەڭ ياشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2001-يىلى ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتىپ <<زوراۋانلىققا قارشى قەھرىمان>> ناملىق فىلىمنى ئىشلەش تەييارلىقىنى باشلاپ، ئۆزى بۇ فىلىمنىڭ باش رولچىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولدى.4يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇ فىلىمدىكى كۇتۇپخانا ۋەقەلىكى تېمىسىنى كۈتۈپخانىدىكى ئەسلىمە تېمىسىغا ئۆزگەرتىپ سېنارىيىلەشتۈرۈپ، بۇ فىلىمىنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە سۈرەتكە ئالدى. بۇ فىلىمنى ئوڭۇشلۇق ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ بىر يىلغىچە بىرەر قېتىممۇ چېچىنى ياسىتىپ باقمىدى ھەتتا 6ئايغىچە بىر قېتىم ساقىلىنى ئىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدى. نەتىجىدە بۇ فىلىم 2005-يىلى8-ئايدا قويۇلغاندىن كېيىن، ئامىرخاننىڭ مىللىي قەھرىمانلىق سىماسى يەنە نۇرغۇنلىغان چوقۇنغۇچىلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

    ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئۇ بەكرەك كىتاب ئوقۇشنى بولۇپمۇ تارىخى خاراكتىرلىك كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخىشى كۆرىدىكەن. ھەمدە بەزى ۋاقىتلاردا پەي توپ ئويناپمۇ قويىدىغان بولۇپ، ئۇ داڭلىق پەي چولپىنى فېدىلىيفنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ بىرىكەن.

    ئىگىلىنشىچە ئامىرخاننىڭ پەي توپ ماھارىتى يامان ئەمەس بولۇپ، دائىم ئاددەتتىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ تۇرىدىكەن. ئۇندىن سىرت ئۇ شاھماتنى خىلى ياقتۇرىدىغان بولۇپ ئۇچ ھاماقەت فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان ۋاقىتتا شۇ يەردىكى ئالىي مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا شاخمات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولغان. 

    ئۇندىن باشقا ئۇ ئىنتېرنېت تورىنىمۇ ياخىشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ھىندىستان بويىچە تور كىنوسىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ بىرىنچى ئوبىكىتى ئىكەن. ئۇنىڭ مكرو بلوگىنى زىيارەت قىلغان كىشلەرنىڭ سانى نۆۋەتتە 373مىليۇن ئادەم قېتىم سانىغا يەتكەن بولۇپ، ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

    ئۇ بوللىۋودتىكى چولپانلار ئىچىدە بېلەت كىرىمى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

    ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى رەت تەرتىپى

    1. ئامىرخان Aamir Khan

    2. شارۇلخان Shah Rukh Khan

    3.راجا.مالاتۇرخان Hrithik Roshan

    ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى رەت تەرتىپى:

    1. شارۇلخان Shah Rukh Khan

    2. ئامىرخان Aamir Khan

    3. راجا.مالاتۇرخان Hrithik Roshan

    ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ ئومومى رەت تەرتىپتە دەرىجىگە تېزىلىشى :

    1. ئامىرخان Aamir Khan

    2. شارۇلخان Shah Rukh Khan

    3.راجا.مالاتۇرخان Hrithik Roshan

    ئامىرخان بىلەن شاھرۇلخان ياش ۋاقتىدا بىرگە چۈشكەن رەسىمى

    ئامىرخان سابىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى (زۇڭتۇڭ كىلىنتوننىڭ ئايالى) ھەمسۆھبەتتە

    ئامىرخان ۋە شاھرۇلخان بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا

    دېمەك ئامىرخان ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ھىندىستان بويىچە بىرىنجى دەرىجىگىلا تېزىلىدىغان ئەمەس بەلكى دۇنيا بويىچە ھىندىستان چولپانلىرى ئىچىدە 1-دەرىجىگە تېزىلىدىغان بىر يورۇق يولتۇزغا ئايلانغان.

    ئۇ رىژىسورلۇق قىلغان فىلىم:

    <<يەر شارىدىكى ئاقار يۇلتۈز>> (2007-يىل)

    ئۇ رول ئالغان فىلىم:

    <<خىيالى ماشىنا ئادەم >> (2012-يىل)

    << Dhuan >> (2012-يىل)

    <<دەريا بويىدىكى كىر يۇغۇچى ئەر>> (2011-يىل)

    كىلەر يىلى قويىلىدۇ.

    <<ھەۋەسكار>> (2011-يىل)

    <<ئۇچ ھاماقەت>> (2009-يىل)

    <<ئۆلۈپ تىرىلىش>> (2008-يىل)

    <<يەر شارىدىكى ئاقار يۇلتۇز>> (2007-يىل)

    <<مۇھەببەت ئۈچۈن ھالاك بولۇش>> (2006-يىل)

    <<باسېتىدىكى قورقۇتۇش>> (2006-يىل)

    <<زوراۋانلىققا قارشى قەھرىمان>> (2005-يىل)

    << Chale Chalo >> (2003-يىل)

    <<يۈرىگىمنى قايتۇرۇپ بەر>> (2001-يىل)

    <<ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار>>(2001-يىل)

    <<يالقۇنلۇق قىساس>> (2000-يىل)

    <<مۇرادىغا يېتىش>> (1999-يىل)

    << Sarfarosh >> (1999-يىل)

    <<1947-يىلدىكى زېمىن>> (1998-يىل)

    <<گۇھخلام >> (1998-يىل)

    <<چىن مۇھەببەتنىڭ دۇشمىنى يوق>> (1997-يىل)

    << سۆيگۈ ئۇنتۇلمايدۇ >> (1996-يىل)

    << Baazi >> (1995-يىل)

    << Aatank Hi Aatank >> (1995-يىل)

    <<مۇھەببەت سىمفونىيىسى>> (1995-يىل)

    << Akele Hum Akele Tum >> (1995-يىل)

    <<راست ۋە يالغان>> (1994-يىل)

    << Damini - Lightning >> (1993-يىل)

    <<بىرىنچى سەپتىكى مۇھەببەت>>(1993-يىل)

    << Pehla Nasha >> (1993-يىل)

    << Time Machine >> (1992-يىل)

    << Sahebzaade >> (1992-يىل)

    << Parampara >> (1992-يىل)

    << Isi Ka Naam Zindagi >> (1992-يىل)

    << Daulat Ki Jung >> (1992-يىل)

    << Jo Jeeta Wohi Sikandar >> (1992-يىل)

    << Afsana Pyar Ka >> (1991-يىل)

    << Jhomma Chumma in London >> (1991-يىل)

    << Dil Hai Ki Manta Nahin >> (1991-يىل)

    << Tum Mere Ho >> (1990-يىل)

    << Jawani Zindabad >> (1990-يىل)

    <<ھەققانىيەت سۆزلىيەلمەيدۇ>> (1990-يىل)

    << Deewana Mujh Sa Nahin >> (1990-يىل)

    << Awwal Number >> (1990-يىل)

    << Raakh >> (1989-يىل)

    <<سىزنى ياخىشى كۆرىمەن>> (1989-يىل)

    <<كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى شەپقەت>> (1988-يىل)

    << Holi >> (1984-يىل)

    << Madhosh >> (1974-يىل)

    << Yaadon Ki Baaraat >> (1973-يىل)

    ئۇ سىنارىيەلەشتۈرگەن فىلىم:

    <<كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى شەپقەت>> (1988-يىل)

    <<بىرىنچى سەپتىكى مۇھەببەت>>(1993-يىل)

    ئۇ ئىشلىگەن فىلىم :

    <<دەريا بويىدىكى كىر يۇغۇچى ئەر>> (2011-يىل)

    <<دىل راجا>> (2011-يىل)

    <<نەق مەيداندا ئۆلتۇرۇش ھەركىتى>> (2010-يىل)

    <<مۇشۇك بىلەن چاشقان>> (2008-يىل)

    <<يەر شارىدىكى ئاقار يۇلتۈز>> (2007-يىل)

    <<ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار>>(2001-يىل)

    ئۇ ياردەمچى رېژىسورلۇق قىلغان فىلىم:

    << Manzil Manzil >> (1984-يىل)

    ئۇ ئالاھىدە ماھارەت ئورۇندىغان فىلىم :

    <<زوراۋانلىققا قارشى قەھرىمان>> (2005-يىل)

    ئۇ باشقا روللارنى ئالغان فىلىم :

    <<باسېتىدىكى قورقۇنۇچ>> (2006-يىل)

    <<مۇرادىغا يېتىش>> (1999-يىل)

    <<گۇھخلام >> (1998-يىل)

    ئۇ ناخشىنى ئورۇنلىغان فىلىم:

    <<گۇھخلام >> (1998-يىل)

    << Mela >> (2000-يىل)

    <<ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار>>(2001-يىل)

    <<باسېتىدىكى قۇرقۇنۇش>> (2006-يىل)

    <<مۇھەببەت ئۈچۈن ھالاك بولۇش>> (2006-يىل)

    <<يەر شارىدىكى ئاقار يۇلتۈز>> (2007-يىل)

    ئۇ ئېرىشكەن ئاساسى مۇكاپات:

    دۆلەت كىنو مۇكاپاتى

    1989-يىل ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى مۇكاپاتى

    2001-يىل ئەڭ مودا فىلىم مۇكاپاتى

    2008-يىلى ئەڭ بەختىلىك ئائىلە پاراۋانلىق مۇكاپاتى

    2009-يىلى يەر شارىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر رىژىسور مۇكاپاتى

    خەلقئارادا كىنو مۇكاپاتى:

    BFJA داڭلىق رولچى مۇكاپاتى

    1995-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى مۇكاپاتى

    2001-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئورۇنداش مۇكاپاتى

    مۇنەۋۋەر ئېكران مۇكاپاتى تۈرى:

    1997-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى مۇكاپاتى (ھىندىستان بويىچە)

    2008-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى مۇكاپاتى (يەر شارى بويىچە)

    2008-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتى (يەر شارى بويىچە)

    2008-يىلى ئەڭ ئىستىقباللىق رىژىسور مۇكاپاتى (يەر شارى بويىچە)

    ئىسمىنى ئاتاپ تەقدىرلەنگەن تۈرلەر:

    2002-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى 

    2006-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى 

    2007-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى

    2007-يلى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەلبى رولچى

    2008-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم ئىشلەش

    2009-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى

    2010-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى

    2009-يىلى BFJA داڭلىق رولچى 

    ھىندىستان ئەخلاق مۇكاپاتى:

    2003-يىلى ھىندىستاننىڭ 4-نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىسى شان-شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    2010-يىلى ھىندىستاننىڭ 3-دەرىجىلىك ئەخلاق ئوردىنى شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    باشقا مۇكاپاتلار: 

    2001-يىلى بوللىۋودتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر رولچى مۇكاپاتىغا

    2008-يىلى بوللىۋودتىكى ئەر مۇنەۋۋەر رىژىسور مۇكاپاتىغا

    2008-يىلى ئەڭ ماسلاشقان مۇنەۋۋەر ئەر رولچى مۇكاپاتىغا

    2008-يىلى V. Shantaramنىڭ ئەڭ ياخىشى فىلىم مۇكاپاتىغا

    2008-يىلى V. Shantaramنىڭ ئەڭ ياخىشى ئورۇنداش مۇكاپاتىغا

    2009-يىلى Hungamaنىڭ ئەڭ ياخىشى ئەر رولچى مۇكاپاتىغا 

    2009-يىلى Apsaraنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا

    2009-يىلى Apsaraنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا

    2010-يىلى Dadasaheb Phalkeنىڭ ياخىشى ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا

    باشقا تۈرلەردە مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى:

    2001-يىلى 12-ئايدا بومباي ۋاقىت گېزىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەپەندى بولۇپ باھالانغان.

    2008-يىلى 4-ئايدا Dinanath Mangeshkar Smruti Pratisthan مىنىستېرلىكى تەرىپىدىن كىنو ساھەسىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    2009-يىلى 1-ئايدا NDTV تەرىپىدىن ھىندىستانلىق كىنو ئەربابى

    2009-يىلى 1-ئايدا CNN-IBN تەرىپىدىن ھىندىستانلىق مۇنەۋۋەر چولپان

    2009-يىلى 2-ئايدا IIFA-FICCI تەرىپىدىن 10يىللىق كىنو ساھەسىگە تەسىر كۆرسەتكەن مۇنەۋۋەر شەخس مۇكاپاتىغا 

    2009-يىلى 5-ئايدا ماخاراشىتلابان فېدېراتسىيىسى ئۇنىڭغا Raj Kapoor Smriti Vishesh Gaurav Puraskar نىڭ ئەڭ كاتتا مۇكاپاتى ھىندىستان كىنو ساھەسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئالاھىدە شەخس ئوردىنى بەرگەن.


    ئۇ ۋە ئايالىنىڭ يېقىنقى رەسىمى ( ئامىرخانغا بورۇت ياراشمامدۇ نىمە ؟!)


    ئامىرخان ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۆمۈرلۈك ئارتىس مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئامىتاب باچچان بىلەن بىرگە

    ئۇ كىنو ئىشلەش جەريانىدا چاچ ساقاللىرىنى ئېلىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغان ھالدا ئىشلىگەن كۈنلەر


    ئامىرخان بىلەن شاھرۇلخان


    ئامىرخان ۋە ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى

    كىنوچىلىق ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىش،ئۆزىنىڭ بارلىقىنى كىنوچىلىققا ئاتاش نەتىجىسىدە ئامىرخان بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغان ئېرىشتى،ئۇنىڭ ئېكرانى ھاياتىغا قارايدىغان بولساق بىريىلمۇ توختاپ قالمىغانلىقىنى ياكى كەينىگە چىكىنىش بولمىغانلىقىنى كۆرمەك تەس ئەمەس،ئۇيغۇر تورداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان كىنو مەستانلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ كىنولىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان،يېقىندىن بۇيان ئۇ رول ئالغان ياكى ئىشلىگەن كىنوغا قايىل بولمايدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولسا كېرەك.ئەلكۈيى تورى نامىدىن بىز بۇ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى يورۇق يۇلتۇزنى كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق ھەمدە داۋاملىق ئىز قوغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئېكران ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ، كەڭ تورداشلارغا ئۇ ھەققىدىكى يېڭى كىنو يېڭى ئىشلارنى بىلدۈرۈپ تۇرىمىز.


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك