• ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇپ قويسىڭىز...

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-23 06:14
  • ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇپ قويسىڭىز...

    ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ئادەم سوقۇپ قويسىڭىز ھەرگىز ھوقۇدۇپ كەتمەڭ، تۆۋەندە مەن سىزگە ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ قالسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەكلىكى توغرۇلۇق بىرقانچە مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.

    1. ۋەقە چىقسا ھەرگىز قورقماڭ، دەرھال 112، 110 ۋە سۇغۇرتا شىركىتىگە تېلېفون قىلىڭ. ئەگەر قارشى تەرەپ ئېغىر يارىلانغان بولسا بىۋاستە 120گە تېلېفون قىلىپ، نەق مەيداندا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈڭ. 110غا تېلېفون قىلىشىڭىزنىڭ سەۋەبى ۋەقەنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىش ئۈچۈن.

    2. ئەگەر قاتناش ساقچىسى ئاپتوموبىلىڭىزنى تۇتۇپ قالماقچى بولسا قارشى تۇرماڭ. بارلىق ماتېرىياللارنىڭ ھەممىنى قاتناش ساقچىسىغا تاپشۇرۇڭ، 15 خىزمەت كۈنىدىن كېيىن سىز ئۇدۇل قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر قاتناش ساقچىسى سىزگە دوكلاتنى بەرمىسە سىز قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى مەمۇرىي بۆلۈمىگە بېرىڭ، ئاندىن تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوموبىلىڭىزنى ئالغىلى بارسىڭىز بولىدۇ.

    3. تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوموبىلىڭىزنى ئېلىۋالغىلى بارغاندا، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تاپشۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر قارشى تەرەپ ئاپتوموبىلنى بەرمىسە، 110غا تېلېفون قىلىپ ئاپتوموبىلنى قانۇنسىز تۇتۇپ قالدى، دەپ شىكايەت قىلسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى تەكشۈرۈش ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىشقا دۆلەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان. 

    4. ئاپتوموبىلىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئىشلىرىڭىزنى نورمال قىلسىڭىز بولىدۇ. دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىلانغۇچىنى يوقلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنداقلا ئاكتىپلىق بىلەن تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەڭ. سىز ئۇلارنىڭ سىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ساقلاڭ ياكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ سىزگە ۋەقەنى بىرتەرەپ قىلىشىڭىز ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشىنى كۈتۈڭ. داۋالاش ھەققىگە دائىر ھەرقانداق تەلەپ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، سىز ئۇلارغا: پۇل يوق، ئەڭ ياخشىسى مەن ئاپتوموبىلىمنى سۇغۇرتىلاتقان سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىڭ، ئەگەر ئەرز قىلماقچى بولسىڭىز سۇغۇرتا شىركىتىنىمۇ بىللە ئەرز قىلىڭ، دەڭ. بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سۇغۇرتا شىركىتى ناھايىتى كەسپىيلەشكەن ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، سىز ئۈچۈن دەۋالىشىدۇ، ئاخىرىدا قانچىلىك پۇل تۆلەش بىلەن كارىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ.

    5. يۇقىرىدىكى تۆتىنچى تۈرگە ئاساسەن ئەگەر قارشى تەرەپ مۇرەسسە قىلىشقا قوشۇلۇپ ئېتىراپ قىلىش مەسئۇلىيىتى نىسبىتىنى قوبۇل قىلسا، قاتناش ساقچىسى تالوننى سىزگە بېرىدۇ، سىز سۇغۇرتا شىركىتى بېرىپ ھەقنى ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئىمزا قويۇپ يول يۈرۈش كىنىشكىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ مۇرەسسەنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىزنى ئەرز قىلىشىنى ساقلاڭ. سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمنامىنى ئېلىپ قاتناش ساقچىسىنى ئىزدەڭ ۋە قارشى تەرەپ بىلەن بىللە ئىمزا قويۇپ، نەرسىلىرىڭىزنى قايتۇرۇۋېلىڭ.

    6. ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش باسقۇچى تېخىمۇ ئاددىي، سۇغۇرتا شىركىتى نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بىر پارچە نەق مەيدان تالونى چىقىرىپ بېرىدۇ. سىز تالوننى 4S دۇكىنىغا ئېلىپ بارسىڭىز، 4S دۇكىنى ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

    7. يارىلانغۇچىنىڭ ئوزۇقلىنىش پۇلى، ئىشتىن قېلىش ھەققى قاتارلىق باشقا ھەقلەرگە نىسبەتەن تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىر پارچە مۇكەممەل تۆلەم ئۆلچىمى چىقىرىپ بېرىدۇ. قارشى تەرەپ سىزگە بەرگەن بارلىق تالون، ئىسپات ۋە قاتناش ساقچىسى بەرگەن مۇرەسسەنامىنى ئېلىپ، سۇغۇرتا شىركىتىگە بېرىپ ئاتچوت قىلدۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلاردا چالا قالغان ياكى خاتا دېيىلگەن جايلار بولسا، ۋەقە بىر تەرەپ قىلىشقا پىششىق تورداشلارنىڭ باھا شەكلىدە تولۇقلاپ قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى مەدەنىيەت سارىيى يولى ۋاقتىنچە تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 6 ئۈزۈك يولدا قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00