• 178 قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ 614 نومۇر تارتىلغان ماشىنا قولغا چۈشتى

  • يوللىغۇچى : ئەزىمەت
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-24 11:33
  • 178 قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ 614 نومۇر تارتىلغان ماشىنا قولغا چۈشتى

    ياڭزى كەچلىك گېزىتى تورىنىڭ 22-يانۋار خەۋىرى، خۇەيئەن شەھىرى قاتناش ساقچى 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى «ئاسمان كۆزى» سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىي 178 قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان، 614 نومۇر تارتىلىپ، 18 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان، يەنە تېخى يىللىق تەكشۈرۈش قىلدۇرمىغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان «قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش شاھى»نى قولغا چۈشۈردى. بۇ نومۇر تاختىسى HFY645 بولغان ماشىنىنىڭ ئىگىسى جەرىمانە تۆلىگەندىن سىرت، ئەگەر پىراۋىسى بولسا، چوقۇم قايتا ئۆگىنىشكە قاتنىشىشى كېرەك، ھەر قېتىملىق ئۆگىنىش 24 نومۇر بولسا، ئۇنداقتا بۇ شوپۇر 20 قېتىمدىن ئارتۇق ئۆگىنىشكە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭغا بەلكىم نەچچە يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

    خۇەيئەن شەھىرى قاتناش ساقچى 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى گۇ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«20-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت بىر ئەتراپىدا، يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ماشىنا نومۇر تاختىسىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە «ئاسمان كۆزى» سىستېمىسىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش قىلمىغان ماشىنىنى بايقىغانلىقىنى تاپشۇرۇۋالدى. خەلق ساقچىلىرى  چىڭجياڭپۇ رايونى چىڭخې شىمالىي يولى بېيجىڭ يېڭى كەنتى ئېغىزى ئەتراپىدىن بۇ قارا رەڭلىك بىيادى ماركىلىق ماشىنىنى تاپتى».

    خەلق ساقچىلىرى بۇ ماشىنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى دەرھال توپلىغان، نومۇر تاختىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ماشىنىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش قىلدۇرمىغانلىقىنى بايقىغان. خەلق ساقچىلىرى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، 2015-يىلى 4-ئايدىن بۈگۈنگىچە، بۇ ماشىنىنىڭ 78 قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلىغان، ئەگەر بارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىغا جازا بېرىلسە، ئۇنداقتا جەمئىي 140 نومۇر تارتىلىپ، 18 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن. بۇ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ كۆپىنچىسى سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلار بولۇپ، ھەر بىر قائىدىگە خىلاپ قىلمىش ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۈچ نومۇر تارتىلىدىكەن.

    خەلق ساقچىلىرى ماشىنا ئىگىسىگە تېلېغۇن قىلغاندا، تىزىملاتقان نومۇر بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولمىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر 40-50 ياشلار چامىسىدىكى ئەر نەق مەيدانغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ماشىنا ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇ ئەر پىراۋا ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىگەن، خەلق ساقچىلىرى ئۇنىڭ قالايمىقان ماشىنا توختىتىش قىلمىشى ئۈچۈن 50 يۈەن جەرىمانە قويغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى 1-چوڭ ئەترەتكە ئېلىپ كەتكەن، شۇنداقلا ماشىنا ئىگىسىگە دەرھال قاتناش ساقچى تارمىقىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئېيتقان.

    ئۇنداقتا بۇ 614 نومۇر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ گۇ ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ماشىنا ئىگىسى چوقۇم قاتناش ساقچى تارماقلىرىغا بېرىپ 24 نومۇر بىلەن جازالاشنى قوبۇل قىلىدۇ، شوپۇرلۇق پىراۋىسى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئالدى بىلەن نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى، ئاندىن يول ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇپ پىراۋىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، يەنە قاتناش تارمىقىغا بېرىپ، 24 نومۇرلۇق جازانى قوبۇل قىلىشى كېرەك. جەرىمانە ئۆلۈك نەرسە، بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇۋەتسە تۈگەيدۇ، لېكىن 614 نومۇرنى ئۆچۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، بىر قېتىمدا پەقەت 24 نومۇرنىلا يۇيالايدۇ، شۇڭا 614 نومۇرنى تۈگىتىپ بولغۇچە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. شوپۇرنىڭ قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتمۇ ئاساسلىقى شوپۇرنى داۋاملىق ئۆگىنىشكە قىستاپ، ئوبدان ساۋاق بېرىش».

    ئۇنىڭدىن باشقا گۇ ۋېي مۇخبىرغا يەنە مۇنداق دېدى: «ماشىنىنى يىللىق تەكشۈرتمىگەن، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ ئۈچ نومۇر تارتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەگەر قاتناش مەجبۇرى سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇلمىغان بولسا، قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ».

    مەنبەسى :نۇر تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك