• پۇتى يوق شوپۇر جازالاندى

  • يوللىغۇچى : ئادىلجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-25 02:21
  • پۇتى يوق شوپۇر جازالاندى


       بىر قارا رەڭلىك پىكاپ يېقىندا شېنياڭ-خەيكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ۋاڭتەي ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، قاتناش ساقچىسى پىكاپنى توسۇپ تەكشۈرۈپ، شوپۇرنىڭ پىراۋىسىنىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن پىكاپتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. شوپۇر پىكاپتىن چۈشكەندە قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ يوقلۇقىنى، پىكاپنىڭ ئىچىدىكى ماي تەپكىسى بىلەن تورمۇزنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.
      شوپۇر چى×× نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ  2003-يىلى ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، يارىسى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن ئىككى پۇتى كېسىۋېتىلگەنىكەن. ئۇ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى بەك ياخشى كۆرگەچكە، ھازىرقى پىكاپنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ھەيدەپ يۈرگەن. قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭغا 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇش ھەمدە 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن. 

    مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك