• 10 شوپۇرنىڭ توققۇزى سادىر قىلىدىغان خاتالىق

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-26 03:08
  • 10 شوپۇرنىڭ توققۇزى سادىر قىلىدىغان خاتالىق

    ئاپتوموبىلدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ شوپۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى، ئەمما ھاۋا تەڭشىگۈچنى چۈشەنمىسە، بۇ يېقىن ھەمراھ دائىم «ئاچچىقلاپ» قالىدۇ،  ھەتتا ئىگىسىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىپمۇ قويىدۇ.

    ھاۋا تەڭشىگۈچنى قانداق ۋاقىتتا تازىلاش كېرەك؟

    بەزى يېڭى شوپۇرلار ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمىغاندىلا، ئاندىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى تازىلاشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ، بىراق بۇ توغرا ئۇسۇل ئەمەس. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ  سۈزگۈچىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش كېرەك، چۈنكى، چاڭ- توزانلار ئاسانلا سۈزگۈچكە يۇقۇۋالغاچقا، سۈزگۈچ كېسەللىك مەنبەسىگە ھەتتا ھاۋا تەڭشىگۈچ زەھەر چىقىدىغان مەنبەگە ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا سۈزگۈچنى ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك.

    شامال ئېغىزىنى ئەركىن توغرىلىغىلى بولامدۇ؟

    بەزى شوپۇرلارنىڭ نەزىرىدە، ھاۋا تەڭشىگۈچ شامال ئېغىزىنىڭ يۆنىلىشىنى ئەركىن توغرىلىغىلى بولىدۇ،   شۇڭا ئۇلار ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلەتكەندە يۈزلىنىشكە دىققەت قىلمايدۇ، بىراق بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ رولىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسىز. ھاۋا تەڭشىگۈچتىن چىققان سوغۇق ھاۋانىڭ تۆۋەنگە، ئىسسىق ھاۋانىڭ يۇقىرىغا ماڭىدىغان پىرىنسىپىغا ئاساسلىنىپ ئاپتوموبىلدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىشقا توغرا كەلسە، سوغۇق ھاۋانى ئاچقاندا يۇقىرىغا، ئىسسىق ھاۋانى ئاچقاندا ئاستىغا قارىتىش كېرەك.


    ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇزاق ئېچىپ قويۇش 

    بەزى شوپۇرلار ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇزاققىچە ئېچىپ قويىدۇ، بىراق ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇزاق مۇددەت ئېچىپ قويۇش ھاۋا تەڭشەش ئەسلىھەسىنىڭ بېسىمىنى  ئاشۇرۇپ، بەزى ئەھۋاللاردا بۇ سىستېمىنى كاردىن چىقىرىدۇ، شۇڭا ھەر قېتىم ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىش ۋاقتى زىيادە ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ ھاۋاسى ئادەم ھوزۇرلانغۇدەك دەرىجىدە يەتسىلا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىۋېتىپ، سەل ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن قايتا ئاچسا بولىدۇ.

    ئاپتوموبىلغا چىقىپلا ئىچكى ئايلىنىش سىستېمىسىنى ئېچىش

    نۇرغۇن شوپۇرلار ئاپتوموبىلىغا چىققان ھامان ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىچكى ئايلىنىش سىستېمىسىنى ئېچىۋېتىدۇ، بىراق ئۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلغا چىققاندىن كېيىن ئالدى بىلەن دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ھەم تاشقى ئايلىنىش سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بۇزۇلغان ھاۋانى سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىپ، ئاندىن ئىچكى ئايلىنىش سىستېمىسىنى ئېچىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىچكى ئايلىنىش سىستېمىسى ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئوكسىگېننى خورىتىدۇ. ناۋادا ئاپتوموبىلنىڭ ماي كۆيدۈرۈش ئىقتىدارى ناچار بولسا ماي تولۇق كۆيمەي، موتوردىكى چالا كۆيگەن ماي پەيدا قىلغان كاربون چالا ئوكسىدى ئاپتوموبىل ئىچىگە كىرىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئىچكى ئايلىنىش سىستېمىسىنى بىرئاز ئېچىپ قويغاندىن كېيىن توختىتىپ، تاشقا ئايلىنىش سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر. ئىچكى ئايلىنىش سىستېمىسىنى ئېچىپ قويۇپ، ئاپتوموبىلدا ئۇخلاشنى چەكلەشتىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبىنىڭ بىرى دەل يۇقىرىقى ئەھۋال.

    ئاۋۋال ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىش  

    دائىم موتورنى ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىش موتورغا زىيان سالغاندىن باشقا ئىش ئەمەس، چۈنكى كېلەركى قېتىم ئاپتوموبىل ئوت ئالدۇرغاندا، موتور ھاۋا تەڭشىگۈچتىن قالغان يۈكنى كۆتۈرگەن ھالدا ئوت ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا موتورنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىش ئاقىلانىلىك، يەنە كېلىپ ئاپتوموبىل ئوت ئالدۇرۇلۇپ، سىلىقلاش مېيى ھەرىكەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىشقا بولمايدۇ، شۇڭا يولغا چىقىپ بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش كېرەك.

    مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك