• تويدىن بۇرۇن زادى نېمىدىن قورقۇۋاتىسىز؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-29 05:23
  • تويدىن بۇرۇن زادى نېمىدىن قورقۇۋاتىسىز؟

       39 ساغلاملىق تورى پىسخولوگىيە خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    تويدىن بۇرۇن كۆپىنچە كىشىلەردە قورقۇش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ، ئۇنداقتا تويدىن بۇرۇن سىز زادى نېمىدىن قورقۇۋاتىسىز؟ 

      پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، نىكاھلىنىشتىن قورقۇش بەلكىم ئىلگىرىكى يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقات يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى: مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلى توي قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋاقىت ئىكەن، چۈنكى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۆزئارا ئىزدىنىش ۋە قىزىقىش مۇددىئاسى سۇسلىشىدۇ، توي قىلىش ئىستىكى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ.

      1. جامائەت پىكرىنىڭ تەسىرى

      نىكاھلىنىشتىن قورقۇش ئالامىتى كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى جامائەت پىكرىنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىغا بولغان سەلبىي تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانى بولغان. ئاخبارات ۋاستىلىرى دائىم نىكاھ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ھەرخىل مۇھاكىمە قىلىدۇ، بەزىدە «نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» دەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك كىشىلەردە تويدىن قورقىدىغان، ھەمدە توي قىلىشنى بېسىم ھېس قىلىدىغان پىسخىكا پەيدا بولىدۇ.

      2. تويدىن بۇرۇن بىللە تۇرۇش 

      تويدىن بۇرۇن بىللە تۇرۇشمۇ نىكاھلىنىشتىن قورقۇشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ھازىر كۆپىنچىسى كىشىلەر تويدىن بۇرۇن بىللە تۇرۇشقا كەڭچىلىك قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغاچقا، جەمئىيىتىمىزدە تويدىن بۇرۇن بىللە تۇرۇش ئەھۋاللىرى ئومۇملاشماقتا، بۇ توي قىلمىغان ياشلارنىڭ نىكاھقا تەلپۈنۈش پىسخىكىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، نىكاھقا بولغان يېڭىلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇ مەسىلە دەل تويدىن كېيىنكى مەسئۇلىيەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

      3. زىيادە ئەمەلىيەتچىل بولۇپ كېتىش

      بەزىلەر ھەددىدىن زىيادە ئەمەلىيەتچىل، بۇ دۇنيانى ئىنتايىن رېئال ۋە ئىنتايىن رەھىمسىز ھېس قىلىدۇ، شۇڭا توي قىلغۇسى كەلمەيدۇ. 

      4. مەسئۇلىيەت بېسىمى

      نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر كىشى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، بالا-چاقىلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، زىممىسىدە تاغدەك مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ، قورقۇنچ ۋە تەشۋىش ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللارمۇ نىكاھلىنىشتىن قورقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      5. قانائەت قىلماسلىق

      ھەممە ئادەم تۇنجى مۇھەببەتنى ئەڭ گۈزەل دېيىشىدۇ، لېكىن تۇنجى مۇھەببىتى بىلەن توي قىلغاندا، بەزى كىشىلەردە «قانائەتلەنمەسلىك» كەيپىياتى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، «راستىنلا توي قىلامدىم؟ بۇنىڭدىن باشقا ماڭا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان لايىق بارمىدۇ؟» دېگەندەك ئوي-خىياللارمۇ نىكاھلىنىشتىن قورقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

      ئەسلى مەنبە:  39 ساغلاملىق تورى پىسخولوگىيە خەۋىرى

    مەنبەسى :سىنا نۇر




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك