• دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئائىلە ئوپچە سۈرىتى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-03 10:12
  • دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئائىلە ئوپچە سۈرىتى

    ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا كىچىك ئائىلىسى، چىرايلىق خانىمى بولىدۇ. بىراق بەزىلەرنىڭ بالىسى بار يەنە بەزىلىرىنىڭ بالىسى يوق. بۈگۈن، مەن كۆپچىلىككە بىر قانچە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئائىلە سۈرەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكچى.

    دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەت ئامېرىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ تەسىر كۈچى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىدۇ. ھازىر بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىز، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى، تىرامپنىڭ بالا-چاقلىرى سەھنىگە بىر كەلگەن. بىراق ئادەتتىكى ئائىلە ئەزالىرى بۇنداق كۆلەمگە يەتسە، دېمەك، ئەر غوجايىننىڭ نىكاھ كەچۈرمىشىنىڭ بىر قەدەر موللۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تىرامپنىڭ بۇنچىلىك «مول-ھوسۇللۇق» بولۇشىمۇ ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايالىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

    رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن كېيىنكى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنىمۇ كۈتىۋېلىشى مۇمكىن. گەرچە ئۇ ئاجراشقاندىن كېيىن ياش ساھىبجاماللار بىلەن تارقالغان ئۆسەك-سۆزلىرى خېلىلا جىق بولسىمۇ، بىراق بىرەرسىمۇ دەلىللىنىپ باقمىدى. ھەتتا ئۇنىڭ قايتا توي قىلىشىدىن ئەسەرمۇ يوق. ئىلگىرى پۇتىننىڭمۇ بەختلىك ئائىلىسى بولغان. بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىز دەل ئۇنىڭ ياش ۋاقىتىدىكى ئائىلە ئوپچە سۈرىتى، بىراق ۋاقىت ئەڭ ئاخىرىدا پۇتىن ئەر-ئايالنى ھەر تەرەپكە ئايرىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئايالنىڭ كىچىك لايىقى بولدى، پۇتىن بولسا تېخىچە يالغۇز ئۆتمەكتە.

    ياپونىيەمۇ دۇنيادا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو ئىزچىل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. بىراق ئۇ ئايالى ئابى ئاكىئې بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، پەرزەنتلىك بولمىغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەر-ئايال ئىلگىرى بالىلىق بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق باشتىن-ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن. تا ھازىرغىچە بۇنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكى بىر  سىر بولماقتا.

    بۇ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېينىڭ ئائىلە ئوپچە سۈرىتى. ئابى شىنزوغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭمۇ بالىسى يوق. مېي بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بالىسىنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، كۆزلىرى ياشقا تولغان.

    فىرانسىيە زۇڭتۇڭى گەرچە ياپياش بولسىمۇ، بىراق ئاللىبۇرۇنلا بوۋىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى ۋە بىر قانچە نەۋرىسى بار، بىراق ھېچقايسىسى ئۆزىنىڭ ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئاپىسىنى، ئوقۇتقۇچىسى بىرىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىدىن بولغان. بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئايالىنىڭ ئىلگىرىكى يولدىشىدىن تۇغۇلغان. ماكرون ھازىر فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ياش زۇڭتۇڭغا ئايلانغاندا، ئۇنىڭ رىۋايەتلىك مۇھەببەت كەچۈرمىشىمۇ كىشىلەرگە ئايان بولغان. ئىككەيلەننىڭ ھېكايسى ۋە ئوپچە سۈرىتى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىپ ھەتتا بىزلەرنىڭمۇ دوستلار چەمبىرىكىمىزدىن ئورۇن ئالدى.

    ھەممەيلەن دەيدىكەن، ئۇتۇق قازانغان ئەرنىڭ ئارقسىدا بىر بۈيۈك ئايال يوشۇرۇنغان دەپ. بىراق گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ ئارقىسىغا ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان ئەر يوشۇرۇنغان، مېركىلنىڭ يولدىشى ئىزچىل كەمتەر بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. گەرچە مېركىلنىڭ سىياسىي ساھەدىكى نامى خېلىلا يۇقىرى، يولدىشى بىلەن ئىناق ئۆتسىمۇ، بىراق بىرمۇ پەرزەنتلىك بولمىغان. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مېركىل ئائىلە ئوپچە سۈرىتىمۇ يولدىشى بىلەن ئىككىسىنىڭ قول تۇتۇشۇپ چۈشكەن سۈرىتىدۇر. 

    بۇ كانادا زۇڭلىسى تىرۇدونىڭ ئائىلە ئوپچە سۈرىتى. بەخت، ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىق ئامىللىرى ھەممىسى تەل بولغان. تىرۇدومۇ كانادا تارىخىدىكى ئەڭ ياش زۇڭلى شۇنداقلا دۇنيا سىياسىي مۇنبىرىدىكى كېلىشكەن يىگىت. شۇڭا مەيلى قەيەرگىلا بارمىسۇن، ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. بۇ ياخشى ئەرنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ بالىسى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ دائىم بالىلىرىنى ئېلىپ ئىشقا بېرىپ، يىغىن ئېچىپ، بىر تەرەپتىن خىزمەتتىن ھوزۇرلانغاچ يەنە بىر تەرەپتىن بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمان بولىدىكەن. 

    بىزمۇ بۇ يەردە دۇنيادىكى بارلىق ئائىلىلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەممىڭلارغا خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىك يار بولغاي!

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك