• شوپۇرلۇق ئىمتىھانى شەرتلىرى ۋە پىراۋا دەرىجىلىرى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-03 10:14
  • شوپۇرلۇق ئىمتىھانى شەرتلىرى ۋە پىراۋا دەرىجىلىرى

    جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان قاتناش قورالىغا ئايلاندى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ پىراۋا ئېلىپ شوپۇرلۇق سالاھىتىگە ئىگە بولۇشمۇ كىشىلەر قىزىقىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۈگۈن تورداشلارغا پىراۋا ئېلىشنىڭ باسقۇچلىرى ۋە ياش چەكلىمىسىنى تونۇشتۇرىمىز. 

    1. تىزىملىتىش شەرتلىرى

    ئەڭ ئاۋۋال ياش چەكلىمىسى بار بولۇپ، يېشىڭىز چوقۇم 18 ياشتىن 70 ياشقىچە بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەشكە توسالغۇ بولىدىغان تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى كېسەللىكلەر بولماسلىقى لازىم. سىز شوپۇرلۇق ئىمتىھانغا رەسمىي تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى چوقۇم كىملىكىڭىزنى ئېلىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتنىشىسىز، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن پىراۋا ئىلتىماس قىلالايسىز ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىگە بولىسىز. ئەگەر سىزنىڭ نوپۇسىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا جايدا پىراۋا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز چوقۇم ھازىر تۇرۇۋاتقان جايىڭىزدىكى مەھەللە كومىتېتى قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. 

    2. ئىمتىھان جەريانى

    بىرىنچى قېتىملىق نەزەرىيەۋى ئىمتىھان بىرىنچى تۈر ئىمتىھانى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن سىز چوقۇم قاتناش قائىدىسى ۋە ئاپتوموبىل بىلەن پىششىقلاپ تونۇشۇپ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىشىڭىز زۆرۈر، مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېىيىن بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىغا رەسمىي تىزىملىتالايسىز. تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىمتىھانغا كىرسىڭىز بولىدۇ. بىرىنچى تۈر ئىمتىھانى جەمئىي 100 سوئال بولۇپ، تولۇق نومۇر 100 نومۇر، ئىمتىھان ۋاقتى 45 مىنۇت، ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك ئۆلچىمى 90 نومۇر بولۇپ، شۇ ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئۆزىدە ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتىڭىز بار، ئەگەر تۇنجى قېتىملىقىدا ئۆتەلمىسىڭىز ئىككىنچى قېتىم بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ ئۆتەلمىسىڭىز كېيىنكى قېتىملىققا قايتا تىزىملىتىسىز. 

    ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھان ئىككىنچى تۈر دېيىلىدۇ. بۇ ئىمتىھان ئاساسلىقى ئەمەلىي مەشىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىمتىھان مەزمۇنى بەش كىچىك تۈر، يەنى: يان تەرەپكە توختىتىش، داۋان، ئارقىچە ماشىنا ئىسكىلاتىغا كىرگۈزۈش، S شەكىللىك يول، تىك بۇلۇڭلۇق يول قاتارلىقلار. بۇ تۈرنىڭ ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتى بار بولۇپ، ئەگەر ئىككىلا قېتىمدا ئۆتەلمىسىڭىز 10 كۈندىن كېيىن قايتا ئىمتىھانغا تىزىملىتالايسىز. 

    ئۈچىنچى قېتىملىقى ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھانى بولۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى ۋە مەدەنىيەتلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش تۈرلىرى بويىچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئادەتتە ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھاننىڭ 16 مەزمۇنى بار بولۇپ ئۇلار: ئاپتوموبىلغا چىقىش تەييارلىقى، چىراغ سىنىقى، قوزغىلىش، تۈز يول، خوت ئالماشتۇرۇش، يول ئالماشتۇرۇش، يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش، يول ئېغىزىدىن ئوڭغا ئەگىلىش، يول ئېغىزىدىن سولغا ئەگىلىش، پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈش، مەكتەپ رايونىدىن ئۆتۈش، ئاپتوبۇس بېكىتىدىن ئۆتۈش، ماشىنىنى ئارقىغا بۇراش، يانداش، يانغا توختىتىش قاتارلىق تۈرلەر. بۇ تۈردىمۇ ئىككى قېتىم پۇرسەت بار. 

    تۆتىنچى ئىمتىھان، تۆتىنچى تۈر ئىمتىھانى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، نەزەرىيە ئىمتىھان، جەمئىي 50 سوئال، تولۇق نومۇر 100 نومۇر، ئىمتىھان ۋاقتى 30 مىنۇت، ئوخشاشلا 90 نومۇردىن يۇقىرى ئالسا ئۆتكەن بولىدۇ، بۇ ئىمتىھاندىمۇ ئىككى قېتىملىق پۇرسەت بېرىلىدۇ. 

    3. پىراۋا ئېلىش 

    سىز ئەڭ ئاخىرقى نەزەرىيە ئىمتىھانىنى بېرىپ بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنى مۇبارەكلەيمىز، سىز 30 مىنۇتلۇق قىسقا تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن پىراۋىنى قولىڭىزغا ئالالايسىز.

    يۇقىرىقسى C1 پىراۋىنىڭ ئىمتىھان شەرتلىرى ۋە مەزمۇنى بولۇپ، ئادەتتە پىراۋا دەرىجىسىنىڭ ئەڭ چوڭى A1، بۇ پىراۋىغا ئىگە كىشىلەر 20 كىشىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىمۇ ھەيدىيەلەيدۇ. ئەمما بۇ پىراۋىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن B1 ۋە B2 پىراۋىنى ئالغان ۋاقتى بەش يىلدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك. 

    A2 پىراۋا بولسا چوڭ تىپتىكى سۆرىگۈچى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ پىراۋىسى بولۇپ، بۇ پىراۋىغا ئىلتىماس قىلغانلار چوقۇم 24-50 ياش دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك، چوقۇم B1 ۋە B2 پىراۋىسىنىڭ ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك. A1 چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى ھەيدىگەن ۋاقتى چوقۇم بىر يىلدىن يۇقىرى بولۇشى لازىم. 

    A3 پىراۋا ئاساسلىقى ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك پىراۋا بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاپتوبۇس شىركەتلىرى A3 پىراۋا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ پىراۋا ئىلتىماس قىلىش بىرئاز ئاسان بولۇپ، 21-50 ياشقىچە بولغان كىشىلەر بۇ پىراۋىغا ئىلتىماس قىلالايدۇ، ھېچقانداق شوپۇرلۇق ئىستاژى بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. 

    21 ياشقا توشقان شوپۇرلار 50 ياشقىچە B1 پىراۋا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەمما چوقۇم C1 ۋە C2 پىراۋىسىنىڭ ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك. 


    B2 پىراۋا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 20-50 ياش ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەك، ئەمما ھېچقانداق شوپۇرلۇق ئىستاژى تەلەپ قىلىنمايدۇ. 

    ئەڭ ئاخىرىدىكىسى C1 ۋە C2 پىراۋا بولۇپ، ياش چەكلىمىسى 18-70 ياشقىچە. 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك