• ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانى تولۇق قايتىلانمىسى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-06 07:59
  • ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانى تولۇق قايتىلانمىسى

    ئەلكۈيى تورى نەق مەيدان بىۋاستە تارقىتىش قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش ئالاھىدە سان پروگراممىسىدا  دىلئارا ئابدۇشۈكۈرنىڭ سەنئەت ھاياتى ۋە ئۇنىڭ يېڭىدا ئېشلەپ تور دۇنياسىدا تارقاتقان نادىر ناخشىسى <<ھالىمنى سورىماي >> ناملىق سۈرەتلىك ناخشا ھەققىدىكى نەق مەيدان بىۋاستە تارقىتىش تور سۆھبىتى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلدى .

     بۇ قېتىملىق بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىغا دىلئارا ئابدۇشۈكۈر ۋە ئۇنىڭ تېلېۋىزىيە - سەنئەت ساھەسىدىكى دوستلىرىدىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى ، مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ ئاپتورى ، رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تياتىر ئۆمىكىنىڭ تالانتلىق ئاكتىيورى ئامىنە ئابدۇللا ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى نىجات ۋەلى ياقۇپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى ، تالانتلىق ناخشىچى ئارزۇگۈل خەندان ، ياش ناخشىچى كېرەم ئابباس ، تالانتلىق مۇزىكانت دىلشات ئاۋامسىلىم  ۋە شەيىمە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھابا قاتارلىقلار ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش ، سۈرەتكە ئېلىش زالىغا جەم بولۇپ  دىلئارا ئابلىز ھەققىدە كەڭ -كۇششادە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، تورداشلار بىلەن ئەركىن - ئازادە پىكىر ئالماشتۇردى ، بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىنى ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ۋە ئەلكۈيى نايىس قانىلى ، نىجات ۋەلى ياقۇپ نايىس قانىلى  قاتارلىق  سۇپىلاردىن 80مىڭغا يېقىن تورداش  نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆردى . 

    بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسى ئەركىن -ئازادە سۆھبەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، مەخسۇس پروگرامما لايىھەسى ۋە كىسىپ قايتىدىن رەتلىنىدىغان ئەھۋال بولۇنمىغان ، تەبئىي پاراڭ ، ئۆز كۆڭلىدىكى تۇرمۇشتىكى ھالىتىنى ئەسلى ئەينىدا تورداشلارغا ئۇچراشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ ، بۇ قېتىملىق سۆھبەت ھەم ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ، چاقچاقلارغا تولغان ، كۆرگەن ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ، بەلكىم ھەر بىر كۆڭلىڭىزدىكى چولپانىڭىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ھالىتىنى ھىس قىلماقچى بولسىڭىز ، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ، خۇددى ئۆزىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغاندەك ھالەتكە كىلەلەيسىز ، ئۇنىڭدىن باشقا دىلئارا ئابدۇشۈكۈرنىڭ ھازىرغىچە بولغان نۇرغۇن ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەردار بولالايسىز .








    دىلئارا ئابدۇشۈكۈر ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كىيىن، بىۋاستە تارقىتىشنى كۆرگەن كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە سۆزلەپ بىرىشى نەتىجىسىدە، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ تولۇق قىسمىنى كۆرۈش ئارزۇسى بار تورداشلىرىمىز بىزگە توختىماي ئىنكاس بىلدۈرۈپ كەلدى ، شۇ مۇناسىۋەتتە بۈگۈندىن باشلاپ بۇ فىلىمنىڭ تولۇق قايتىلانمىسى ئەلكۈيى تورى ، نۇر تورى ، ئىزدەش تورى ، كۆۋرۈك ئەپ دىتالى ، ئەينەك ئەپ دىتالى ، سۇبات سالونى ، مۇزىكام سالونى ، ئۇيغۇر كىنو سالونى ، tv كىنو ئامبىرى سالونى ..قاتارلىق ھەرقايسى تاراتقۇلاردا تارقىتىلىشقا باشلىدى .ۋاقتىدا كۆرەلمىگەن ياكى قايتا كۆرۈش ئارزۇسى بار كۆرۈرمەنلەر بۇ يەرلەردىن داۋاملىق قايتىلانما تولۇق فىلىمنى كۆرسە بولىدۇ ، ھەرقايسى تور - بېكەت ، سالونلار مۇشۇ مەزمۇننى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا بۇ فىلىمنى ئۆز سالونلىرىدا تارقاتسا بولىدۇ .

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك